ساقلىۋىلىڭ باشبەت قىلىڭ 中文 ئۇيغۇرچە
ئەزا كارخانىلار
  قاراماي شەھەر مايتاغ مەخسۇت سودا چەكلىك 
  ئەرقال كاپىتالى
  ھەدىيە كۆز كىسەللىك دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ لوڭبو مەبلەغ سىلىش شىركىتى
  ئۈرۈمچى قۇتيار پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چە
  شىنجاڭ ئىپار بىيو - تېخنىكا تەرەققىيات چ
  شىنجاڭ بۇغدا دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ ئامىنە ئالاھىدە يېزائىگىلىك يۇقۇر
  ئۇيۇشمىغا ئەزا بىر قىسىم  كارخانىلار تېز
تەمىنلەش ئۇچۇرى
  يۇقىرىقى تاغدىكى قار تېيى
  10 - ئاينىڭ31- كۈنى 
  شىنجاڭ قەرز سوممىسى تۇنجى قېتىم تىرلىيون
  جۇڭگو مۇلازىمەت داڭلىق ماركا يېغىنى مۇلا
  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇنجى با
ئېھتىياج ئۇچۇرى
 
  قانۇن سىياسەتلەر
 « تەڭرىتاغ 1–نومۇرلۇق مۇزلۇقى ›› دا تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون 
يوللىغۇچى:admin; يوللىغان ۋاقتى:2014/2/27 11:52:48ئاۋاتلىقى:1493قېتىم

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تۇنجى قېتىم ئايلىق مەخسۇس كېڭەش ئۆتكۈزۈپ،

« تەڭرىتاغ 1–نومۇرلۇق مۇزلۇقى ›› دا تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون قۇرۇشقا چارە–تەدبىر كۆرسەتتى

فېڭ جىن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 20 – فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن تۇنجى قېتىم ئايلىق كېڭەش ئۆتكۈزۈپ، ‹‹تەڭرىتاغ 1 – نومۇرلۇق مۇزلۇقى››دا تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون قۇرۇش توغرىسىدا مەخسۇس كېڭىشىپ، چارە – تەدبىر كۆرسەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن كېڭەشكە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

    ‹‹تەڭرىتاغ 1 – نومۇرلۇق مۇزلۇقى›› ب د ت مېتېئورولوگىيە مەھكىمىسى ۋە دۇنيا مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى تاللاپ بېكىتكەن جۇڭگودىكى بىردىنبىر بەلگە جىسىم قىلىنغان مۇزلۇق ۋە دۇنيادىكى ئون چوڭ نۇقتىلىق ئۆلچەپ تەكشۈرۈلىدىغان مۇزلۇقلارنىڭ بىرى. ‹‹تەڭرىتاغ 1 – نومۇرلۇق مۇزلۇقى››دا تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون قۇرۇش ئەڭ بۇرۇن 1998 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى گوۋۇيۈەنگە يوللىغان پىلاندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇلتۇر 4 – ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ‹‹تەڭرىتاغ 1 – نومۇرلۇق مۇزلۇقى››دا تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون قۇرۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، ئېنىق، مەشغۇلاتچانلىقى كۈچلۈك تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ تەكلىپلەر ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشكەن، بۇ ئورۇنلار كۈچنى تەشكىللەپ پىلان تۈزگەن، ‹‹تەڭرىتاغ 1 – نومۇرلۇق مۇزلۇقى››دا تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون قۇرۇش پىلانى ماھىيەتلىك ئىلگىرى سۈرۈش باسقۇچىغا قەدەم قويغان.

    كېڭىشىشتە، ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى، بىرقىسىم سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلارنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتلىرىدىكى مەسئۇللىرى ۋە تەكلىپ بەرگۈچىلەر ‹‹تەڭرىتاغ 1 – نومۇرلۇق مۇزلۇقى››دا تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوننى قانداق قۇرۇشنى چۆرىدەپ كەڭ – كۇشادە سۆزلەشتى.

    نۇرلان ئابىلمەجىن كۆپچىلىكنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى مەخسۇس كېڭىشىشنىڭ نەتىجىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ‹‹تەڭرىتاغ 1 – مۇزلۇقى›› تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش سۇبيېكتىنى ئېنىق بېكىتىپ، ئاپتونوم رايون قاتلام بويىچە رەھبەرلىك قىلىش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى قاتلامدىن ياخشى لايىھەلەش كېرەك، ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە ئالاقىدار تارماقلار ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، زىچ ماسلىشىپ، ئورتاق تىرىشىپ، ‹‹تەڭرىتاغ 1 – نومۇرلۇق مۇزلۇقى››دا تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوننى تېزرەك قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

 

باشبەت ئۇيۇشما ھەققىدە مەسلىھەت ئالاقىلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ
مەزكۇر تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : 新疆维吾尔自治区民贸商会 گە تەۋە
شىركەت ئادرىسى : ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 544-نومۇر رۈيدا Aبىنار 12-قەۋەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مىللىي سودائۇيۇشمىسى
تېلفون : 8532089،2803532، 8522310 -0991 فاكىس : 0991-8532089,微信平台:xjuyuxma ئېلخەت ئادىرىسى : 1355084672@qq.com 
تور بىكەت ئادرىسى : www.uyuxma.com بېيئەن ICP نومۇرى : 新ICP备13001466号-1