ساقلىۋىلىڭ باشبەت قىلىڭ 中文 ئۇيغۇرچە
ئەزا كارخانىلار
  قاراماي شەھەر مايتاغ مەخسۇت سودا چەكلىك 
  ئەرقال كاپىتالى
  ھەدىيە كۆز كىسەللىك دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ لوڭبو مەبلەغ سىلىش شىركىتى
  ئۈرۈمچى قۇتيار پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چە
  شىنجاڭ ئىپار بىيو - تېخنىكا تەرەققىيات چ
  شىنجاڭ بۇغدا دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ ئامىنە ئالاھىدە يېزائىگىلىك يۇقۇر
  ئۇيۇشمىغا ئەزا بىر قىسىم  كارخانىلار تېز
تەمىنلەش ئۇچۇرى
  يۇقىرىقى تاغدىكى قار تېيى
  10 - ئاينىڭ31- كۈنى 
  شىنجاڭ قەرز سوممىسى تۇنجى قېتىم تىرلىيون
  جۇڭگو مۇلازىمەت داڭلىق ماركا يېغىنى مۇلا
  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇنجى با
ئېھتىياج ئۇچۇرى
 
  قانۇن سىياسەتلەر
ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ياردەم مەبلىغى
يوللىغۇچى:admin; يوللىغان ۋاقتى:2014/2/27 11:35:50ئاۋاتلىقى:1385قېتىم

ئاپتونوم رايون يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ياردەم مەبلىغىدىن

30 مىليون يۈەن ئاجراتتى

جاڭ لېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئەھۋاللارنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، كېرىيە ناھىيەسىدە ‹‹12 – فېۋرال›› يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈزبەرگىنىگە ئون كۈندىن ئاشقان بولۇپ، ھازىر جىددىي ئېھتىياجنى قامداش، قۇتۇلدۇرۇش ۋە ياردەم بېرىش خىزمىتى ئاخىرلاشقان. مەركەز مالىيەسى شىنجاڭغا جىددىي قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش ئۇنىۋېرسال ياردەم مەبلىغىدىن 110 مىليون يۈەن ئاجراتقان، ئاپتونوم رايونمۇ ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ 30 مىليون يۈەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغى ئاجرىتىپ، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرىدىكەن.

بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ تەۋرەش دەرىجىسى يۇقىرى، تەۋرەش كۈچى زور، تەۋرەش دائىرىسى كەڭ بولۇپ، 17 – فېۋرال ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 6 گىچە 3300 قېتىمدىن كۆپرەك قالدۇق يەر تەۋرىگەن. بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە ئاساسلىقى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ، چىرا ، نىيە ، لوپ ، خوتەن ناھىيەلىرى، خوتەن شەھىرى ۋە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چەرچەن ناھىيەسى تەسىرگە ئۇچرىغان.

ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئەھۋاللارنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئېلى ئىسمائىلنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېىتمقى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە يۇقىرىقى يەتتە ناھىيە، شەھەردىن 450مىڭدىن كۆپرەك كىشى زىيانغا ئۇچرىغان، 54 مىڭدىن كۆپرەك كىشى جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان، نەچچە 10 مىڭ ئېغىز ئۆي ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۆرۈلگەن، 10 مىڭ تۇياقتىن كۆپرەك مال – چارۋا ئۆلگەن، تاشيول، كۆۋرۈك، سۇ ئىنشائاتى قاتارلىق ئۇل مۇئەسسەسەلەرمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. ئاپەت پەيدا قىلغان تۈرلۈك بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 1مىليارد يۈەندىن ئاشقان، ئۆلۈم – يېتىم ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.

يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈزبەرگەندىن بۇيان، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تېزدىن جىددىي قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇرغان. مەركەز مالىيەسى شىنجاڭغا جىددىي قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش ئۇنىۋېرسال ياردەم مەبلىغىدىن 110 مىليون يۈەن ئاجراتقان، ئاپتونوم رايونمۇ ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ جىددىي قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 30 مىليون يۈەن ئاجرىتىش ئاساسىدا، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش ياردەم مەبلىغى ئۈچۈن يەنە 20 مىليون يۈەن ئاجراتقان. دۆلەت ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش كومىتېتى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلارمۇ جىددىي ئەھۋالغا ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، ئاپەت رايونىغا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان؛ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار، تارماقلار بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ، جىددىي قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرغان. ھازىر قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ئاخىرلىشىپ، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش باسقۇچىغا كىرگەن.

باشبەت ئۇيۇشما ھەققىدە مەسلىھەت ئالاقىلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ
مەزكۇر تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : 新疆维吾尔自治区民贸商会 گە تەۋە
شىركەت ئادرىسى : ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 544-نومۇر رۈيدا Aبىنار 12-قەۋەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مىللىي سودائۇيۇشمىسى
تېلفون : 8532089،2803532، 8522310 -0991 فاكىس : 0991-8532089,微信平台:xjuyuxma ئېلخەت ئادىرىسى : 1355084672@qq.com 
تور بىكەت ئادرىسى : www.uyuxma.com بېيئەن ICP نومۇرى : 新ICP备13001466号-1