ساقلىۋىلىڭ باشبەت قىلىڭ 中文 ئۇيغۇرچە
ئەزا كارخانىلار
  قاراماي شەھەر مايتاغ مەخسۇت سودا چەكلىك 
  ئەرقال كاپىتالى
  ھەدىيە كۆز كىسەللىك دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ لوڭبو مەبلەغ سىلىش شىركىتى
  ئۈرۈمچى قۇتيار پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چە
  شىنجاڭ ئىپار بىيو - تېخنىكا تەرەققىيات چ
  شىنجاڭ بۇغدا دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ ئامىنە ئالاھىدە يېزائىگىلىك يۇقۇر
  ئۇيۇشمىغا ئەزا بىر قىسىم  كارخانىلار تېز
تەمىنلەش ئۇچۇرى
  يۇقىرىقى تاغدىكى قار تېيى
  10 - ئاينىڭ31- كۈنى 
  شىنجاڭ قەرز سوممىسى تۇنجى قېتىم تىرلىيون
  جۇڭگو مۇلازىمەت داڭلىق ماركا يېغىنى مۇلا
  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇنجى با
ئېھتىياج ئۇچۇرى
 
  ئۇيۇشما خەۋەرلىرى
‹‹ئارمان›› پىدائىيلىرى كېرىيە ناھىيەسىدىكى ئاپەت رايونىغا ياردەمگە ماڭدى
يوللىغۇچى:admin; يوللىغان ۋاقتى:2014/2/19 17:29:05ئاۋاتلىقى:1373قېتىم

‹‹ئارمان›› پىدائىيلىرى كېرىيە ناھىيەسىدىكى ئاپەت رايونىغا ياردەمگە ماڭدى

ئىمىنجان داۋۇت خەۋەر قىلىدۇ: 12 – فېۋرال، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدە 7.3 بال يەر تەۋرەپ، شۇ يەردىكى ئاممىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ‹‹ئارمان›› مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر سانائىتى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتى ئاپەت رايونىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن دەرھال ئالاقىلىشىپ، ئاپەت رايونىدىكى ئاممىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇلارنىڭ نېمىلەرگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ئاپەت رايونىدىكى ئاممىغا كۆڭۈل ئىزھار قىلدى.

شىنجاڭ ‹‹ئارمان›› مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر سانائىتى گۇرۇھ شىركىتىنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى ئەكرەم ئىبراھىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، ‹‹ئارمان›› گۇرۇھى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشچى – خىزمەتچىلىرى بەس – بەستە ئاپەت رايونىدىكى ئاممىغا نەق پۇل ھەم ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلغان. 14 – فېۋرال كەچقۇرۇنغىچە، شىركەت بويىچە دەسلەپكى قەدەمدە جەمئىي 300 نەچچە مىڭ يۈەن نەق پۇل، قۇۋۋەت تالقىنى، كىيىم – كېچەك، ماددىي بۇيۇم يىغىلغان. شىركەتتىكى خىزمەتچىلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئاپەت رايونىغا بېرىپ، شۇ يەردىكى ئاممىدىن ھال سوراش ۋە ئۇلارغا ھەمدەمدە بولۇش ئارزۇسىنى بىلدۈرۈپ، شىركەت مەسئۇللىرىنىڭ باشلامچىلىقىدا ئون نەچچە كىشىدىن تەشكىللەنگەن پىدائىيلار ئەترىتى ‹‹ئارمان›› دىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ كۆڭلىنى، مېھىر – مۇھەببىتىنى ئېلىپ كېرىيە ناھىيەسىگە ماڭغان.

باشبەت ئۇيۇشما ھەققىدە مەسلىھەت ئالاقىلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ
مەزكۇر تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : 新疆维吾尔自治区民贸商会 گە تەۋە
شىركەت ئادرىسى : ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 544-نومۇر رۈيدا Aبىنار 12-قەۋەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مىللىي سودائۇيۇشمىسى
تېلفون : 8532089،2803532، 8522310 -0991 فاكىس : 0991-8532089,微信平台:xjuyuxma ئېلخەت ئادىرىسى : 1355084672@qq.com 
تور بىكەت ئادرىسى : www.uyuxma.com بېيئەن ICP نومۇرى : 新ICP备13001466号-1