ساقلىۋىلىڭ باشبەت قىلىڭ 中文 ئۇيغۇرچە
ئەزا كارخانىلار
  قاراماي شەھەر مايتاغ مەخسۇت سودا چەكلىك 
  ئەرقال كاپىتالى
  ھەدىيە كۆز كىسەللىك دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ لوڭبو مەبلەغ سىلىش شىركىتى
  ئۈرۈمچى قۇتيار پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چە
  شىنجاڭ ئىپار بىيو - تېخنىكا تەرەققىيات چ
  شىنجاڭ بۇغدا دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ ئامىنە ئالاھىدە يېزائىگىلىك يۇقۇر
  ئۇيۇشمىغا ئەزا بىر قىسىم  كارخانىلار تېز
تەمىنلەش ئۇچۇرى
  يۇقىرىقى تاغدىكى قار تېيى
  10 - ئاينىڭ31- كۈنى 
  شىنجاڭ قەرز سوممىسى تۇنجى قېتىم تىرلىيون
  جۇڭگو مۇلازىمەت داڭلىق ماركا يېغىنى مۇلا
  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇنجى با
ئېھتىياج ئۇچۇرى
 
  قانۇن سىياسەتلەر
ئىئانە قىلغۇچىلار بىلەن ئاۋامنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى ۋە نازارەت قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
يوللىغۇچى:admin; يوللىغان ۋاقتى:2014/2/19 17:10:11ئاۋاتلىقى:1402قېتىم

ئىئانە قىلغۇچىلار بىلەن ئاۋامنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى ۋە نازارەت قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

جاۋ چۈنخۇا

سوئال: ئاپتونوم رايونغا يۈزلەنگەن، ئوتتۇرا ئاسىيانى قاپلايدىغان قىزىل كىرېست جىددىي قۇتقۇزۇش سىستېمىسى قانداق شەكىللەندۈرۈلىدۇ؟

جاۋاب: قىزىل كىرېست جىددىي قۇتقۇزۇش سىستېمىسى ھۆكۈمەت جىددىي قۇتقۇزۇش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ‹‹پىكىر››دە قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ھۆكۈمەتنىڭ جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تېز ھەم ئۈنۈملۈك جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ئاپەتكە تەييارلىق كۆرۈش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش – ياردەم بېرىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ۋىلايەت، ناھىيە (شەھەر)لەر ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ئاپەتكە تەييارلىق كۆرۈش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەركىزى (ماددىي ئەشيا ئىسكىلاتى) قۇرۇلۇشىنى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش پىلانىغا كىرگۈزۈشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئاپتونوم رايونغا يۈزلەنگەن، ئوتتۇرا ئاسىيانى قاپلايدىغان قىزىل كىرېست جىددىي قۇتقۇزۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى.

سوئال: قىزىل كىرېست جىددىي قۇتقۇزۇزۇش بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتىنىڭ ئۇزاق ، ئۈنۈملۈك مېخانىزمى قانداق شەكىللەندۈرۈلىدۇ؟

جاۋاب: جىددىي قۇتقۇزۇش بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتى قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ يادرولۇق كەسىپلىرىنىڭ بىرى. ‹‹پىكىر››دە ‹‹قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ، جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئائىت ساۋاتلار ۋە ماھارەتلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە تەربىيەلەش، مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللىنىدۇ، قىزىل كىرېست جىددىي قۇتقۇزۇش بويىچە تەربىيەلەش مەھەللە، يېزا(قىشلاق)، مەكتەپ، كارخانا ۋە ئورگانلاردا پائال يولغا قويۇلىدۇ، جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئائىت ساۋاتلارنىڭ ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدىكى ئومۇملىشىش نىسبىتى ۋە ئاممىنىڭ ئىگىلەش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلىدۇ، ئومۇملاشتۇرۇش خاراكتېرلىك جىددىي قۇتقۇزۇش بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈلىدۇ، تەربىيەلەش راسخوتى ھۆكۈمەتنىڭ يىللىق مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈلۈپ، مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ››، دەپ بەلگىلەندى.

ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتقاندا، ھازىر خىزمەتلەرنى ئاساسلىقى مۇنداق تۆت جەھەتتىن باشلاش كېرەك: بىرىنچىدىن، جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئائىت ساۋاتلارنى ئىگىلەش ۋە ماھارەتلەرنى يېتىلدۈرۈشنى مەكتەپلەردىن باشلاپ، 2015 – يىلىغا بارغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەربىيەلەشكە قاتنىشىش نىسبىتىنى %50 كە يەتكۈزۈش؛ توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىددىي خەۋپتىن ساقلىنىش، جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئائىت ساۋاتلارنى ئىگىلەش نىسبىتىنى %70كە يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىش؛ ئىككىنچىدىن، ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى بىلەن بىرلىكتە قىزىل كىرېست جىددىي قۇتقۇزۇش پىدائىيلىرى مۇلازىمىتىنى مەھەللىلەردە يولغا قويۇپ، ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، شەھەرلەردىكى شارائىتى پىشىپ يېتىلگەن مەھەللىلەردە قىزىل كىرېست جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترىتى قۇرۇشقا تىرىشىپ، مەھەللىلەردە جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئائىت ساۋاتلار ۋە ماھارەتلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش؛ ئۈچىنچىدىن، قىزىل كىرېست جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئائىت ساۋاتلارنى يان تېلېفوندا ئومۇملاشتۇرۇش؛ تۆتىنچىدىن، ئورگان كادىرلىرىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئائىت ساۋاتلارنى ئىگىلەش بىلەن بىللە، جىددىي قۇتقۇزۇش بويىچە تەربىيەلەشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىشى ئۈچۈن، جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئائىت ساۋاتلارنى پارتىيە مەكتەپلىرىدە ئومۇملاشتۇرۇشنى باشلاش كېرەك.

سوئال: ئىئانە قىلغۇچىلار بىلەن ئاۋامنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى ۋە نازارەت قىلىش ھوقۇقىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؟

جاۋاب: قىزىل كىرېست جەمئىيىتى خىزمىتىدە ئىئانە قىلغۇچىلار بىلەن ئاۋامنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى ۋە نازارەت قىلىش ھوقۇقىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىش جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەر ئەڭ دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلە. ھەر دەرىجىلىك قىزىل كىرېست جەمئىيەتلىرى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مەبلەغ جۇغلاش، مالىيە باشقۇرۇش، خېرىدار چاقىرىش، سېتىۋېلىش، تەقسىملەپ ئىشلىتىش قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ ھەم قانۇن نازارەتچىلىكى، ھۆكۈمەت نازارەتچىلىكى، جەمئىيەت نازارەتچىلىكى، ئۆز – ئۆزىنى نازارەت قىلىش بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇنىۋېرسال نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىئانە قىلغۇچىلار بىلەن ئاۋامنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى ۋە نازارەت قىلىش ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئاخبارات باياناتچىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى جەمئىيەتكە ئومۇميۈزلۈك، ھەقىقىي، توغرا ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتتىكىلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونىمىز 2014 – يىلىنىڭ ئاخىرى %80 تىن ئارتۇق شەھەر دەرىجىلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتى تەشكىلاتى ۋە %50 تىن ئارتۇق ناھىيە دەرىجىلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتى تەشكىلاتىنى ‹‹جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسى››غا كىرگۈزۈپ، ئىئانە قىلغۇچىلار ۋە پۇقرالارنىڭ ئىئانە قىلىنغان پۇلنىڭ كېلىش مەنبەسى، ئىشلىتىلگەن ئورنىنى سۈرۈشتۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شۇ دەرىجىلىك قىزىل كىرېست جەمئىيەتلىرى قوبۇل قىلغان ئىئانە پۇلمۇ ۋاقتىدا توردا ئېلان قىلىنىپ، ‹‹ئىككى ئاشكارا بولۇش، ئىككى ئېنىق بولۇش›› ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.

باشبەت ئۇيۇشما ھەققىدە مەسلىھەت ئالاقىلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ
مەزكۇر تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : 新疆维吾尔自治区民贸商会 گە تەۋە
شىركەت ئادرىسى : ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 544-نومۇر رۈيدا Aبىنار 12-قەۋەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مىللىي سودائۇيۇشمىسى
تېلفون : 8532089،2803532، 8522310 -0991 فاكىس : 0991-8532089,微信平台:xjuyuxma ئېلخەت ئادىرىسى : 1355084672@qq.com 
تور بىكەت ئادرىسى : www.uyuxma.com بېيئەن ICP نومۇرى : 新ICP备13001466号-1