ساقلىۋىلىڭ باشبەت قىلىڭ 中文 ئۇيغۇرچە
ئەزا كارخانىلار
  قاراماي شەھەر مايتاغ مەخسۇت سودا چەكلىك 
  ئەرقال كاپىتالى
  ھەدىيە كۆز كىسەللىك دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ لوڭبو مەبلەغ سىلىش شىركىتى
  ئۈرۈمچى قۇتيار پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چە
  شىنجاڭ ئىپار بىيو - تېخنىكا تەرەققىيات چ
  شىنجاڭ بۇغدا دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ ئامىنە ئالاھىدە يېزائىگىلىك يۇقۇر
  ئۇيۇشمىغا ئەزا بىر قىسىم  كارخانىلار تېز
تەمىنلەش ئۇچۇرى
  يۇقىرىقى تاغدىكى قار تېيى
  10 - ئاينىڭ31- كۈنى 
  شىنجاڭ قەرز سوممىسى تۇنجى قېتىم تىرلىيون
  جۇڭگو مۇلازىمەت داڭلىق ماركا يېغىنى مۇلا
  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇنجى با
ئېھتىياج ئۇچۇرى
 
  ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺵ ﯰﭼﯘﺭﻯ
جۇڭگو مۇلازىمەت داڭلىق ماركا يېغىنى مۇلازىمەت ساھەسىدىكى 100 كۈچلۈك كارخانىنى ئېلان قىلغان
يوللىغۇچى:admin; يوللىغان ۋاقتى:2013/11/14 18:15:05ئاۋاتلىقى:2280قېتىم

تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو مۇلازىمەت داڭلىق ماركا يىغىنى 30-ئۆكتەبىر چۇڭچىڭدا ئېچىلدى، ھەم «2013-يىللىق مۇلازىمەت داڭلىق ماركا رىقابەت كۆرسەتكۈچى دوكلاتى»نى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو مۇلازىمەت ساھەسى تىجارەت كىرىمىنىڭ دەرىجىسى، مۈلۈك دەرىجىسى قاتارلىق تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەرنى باھالاپ چىقىپ ئالدىنقى 100 كۈچلۈكنىڭ دەرىجىسىنى ئېلان قىلغان.
بۇ نۆۋەتلىك چوڭ يىغىن بولسا جۇڭگو مۇلازىمەت سودا جەمئىيىتى ئاساس قىلىپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئاساسىي تېمىسى بولسا «داڭلىق ماركا يارىتىش قىممىتى» بولۇپ، «جۇڭگو مۇلازىمەت» داڭلىق ماركىسىنى قانداق تىكلەشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، كارخانىنىڭ داڭلىق ماركا ئىستراتېگىيىسىنى يۈرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرگەن. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى يەرلىرىدىن كەلگەن داڭلىق مۇتەخەسسىس، مۇلازىمەت ساھەسىدىكى كارخانا بولۇپ 400گە يېقىن ئادەم يىغىنغا قاتناشقان.
يىغىندا «2013-يىللىق جۇڭگو مۇلازىمەت داڭلىق ماركا رىقابەت كۈچى كۆرسەتكۈچ دوكلاتى»نى ئېلان قىلغان. دوكلاتتىكى سانلىق مەلۇمات «2013-يىللىق جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانا دوكلاتى»دىكى مۇلازىمەت ساھەسىدىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ تىزىملىكىدىن تاللىغان 406 كارخانىدىن كەلگەن، ھەم تىجارەت كىرىمى، مۈلۈك، ئىگىدارلارنىڭ ھوقۇقى ۋە ساپ پايدا قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئىشلەتكەن.
«2013-يىللىق جۇڭگو مۇلازىمەت كارخانىسى داڭلىق ماركا رىقابەت كۆرسەتكۈچى تىزىملىكى» دا، جۇڭگو سودا سانائەت بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى 1-ئورۇندا تۇرغان، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتى، جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى ئايرىم ئايرىم ھالدا 2-، 3-ئورۇندا تۇرغان. جۇڭگو يېزا-ئىگىلىك بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھى شىركىتى، جۇڭگو ئۆمۈر سۇغۇرتىسى شىركىتى، جۇڭگو تېلېگرافى گۇرۇھى شىركىتى، جۇڭگو جۇڭشىن گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ۋە جۇڭگو خۇارۈن باش شىركىتى ئايرىم ئايرىم ھالدا تۆتىنچى ئورۇندىن ئونىنچى ئورۇنغىچە بولغان.

 

باشبەت ئۇيۇشما ھەققىدە مەسلىھەت ئالاقىلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ
مەزكۇر تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : 新疆维吾尔自治区民贸商会 گە تەۋە
شىركەت ئادرىسى : ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 544-نومۇر رۈيدا Aبىنار 12-قەۋەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مىللىي سودائۇيۇشمىسى
تېلفون : 8532089،2803532، 8522310 -0991 فاكىس : 0991-8532089,微信平台:xjuyuxma ئېلخەت ئادىرىسى : 1355084672@qq.com 
تور بىكەت ئادرىسى : www.uyuxma.com بېيئەن ICP نومۇرى : 新ICP备13001466号-1