ساقلىۋىلىڭ باشبەت قىلىڭ 中文 ئۇيغۇرچە
ئەزا كارخانىلار
  قاراماي شەھەر مايتاغ مەخسۇت سودا چەكلىك 
  ئەرقال كاپىتالى
  ھەدىيە كۆز كىسەللىك دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ لوڭبو مەبلەغ سىلىش شىركىتى
  ئۈرۈمچى قۇتيار پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چە
  شىنجاڭ ئىپار بىيو - تېخنىكا تەرەققىيات چ
  شىنجاڭ بۇغدا دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ ئامىنە ئالاھىدە يېزائىگىلىك يۇقۇر
  ئۇيۇشمىغا ئەزا بىر قىسىم  كارخانىلار تېز
تەمىنلەش ئۇچۇرى
  يۇقىرىقى تاغدىكى قار تېيى
  10 - ئاينىڭ31- كۈنى 
  شىنجاڭ قەرز سوممىسى تۇنجى قېتىم تىرلىيون
  جۇڭگو مۇلازىمەت داڭلىق ماركا يېغىنى مۇلا
  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇنجى با
ئېھتىياج ئۇچۇرى
 
  ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺵ ﯰﭼﯘﺭﻯ
چېگرا ھالقىغان پۇل مۇئامىلە كەسپى يولغا قويۇلدى 
يوللىغۇچى:admin; يوللىغان ۋاقتى:2013/11/13 18:00:01ئاۋاتلىقى:1491قېتىم

كامال جامال خەۋەر قىلىدۇ: چېگرا ھالقىغان پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ قورغاس چېگرا پورتىدا سىناق قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشى، قورغاس چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، چوڭ گۇرۇھ، چوڭ كارخانىلارنىڭ غەربكە يۈزلىنىشىنى تېزلەتتى.

بۇ يىل 8 – ئايدا جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى شۆبىسىنىڭ جۇڭگو – قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنى ھالقىما خەلق پۇلى بىلەن تەمىنلەش، كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى سىناق قىلىش نۇقتىسى قىلىپ بېكىتتى. بۇ جۇڭگو – قازاقىستان قورغاس چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىدىكى كارخانىلارنى بىۋاسىتە خەلق پۇلى ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بۇ پۇل ھەمكارلىق مەركىزى تۈر قۇرۇلۇشى، سودا ۋە چېگرا سىرتىدىكى تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا ئىشلىتىلدى. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ ئىلى بىڭتۈەن تارماق بانكىسى بۇ باشقۇرۇش چارىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، چېگرا سىرتىدىكى خەلق پۇل مۇئامىلە كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىپ، چېگرا سىرتىدىكى ۋاسىتىچى بانكىلارنىڭ خەلق پۇلى قەرزى تارقىتىشى ئۈچۈن ماتېرىيال قوبۇل قىلىپ، تەكشۈرۈپ، تەستىقلاپ 9 – ئاينىڭ 10 – كۈنىگە قەدەر كارخانىلارغا 10 مىليون يۈەن چېگرا ھالقىغان قەرز پۇل تارقاتتى. بۇ ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ تاشقى سودا مەبلەغ ئېھتىياجىنى شۇنىڭدەك ئىلىنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

ئىگىلىشىمچە، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ئۈرۈمچى شۆبىسى بىلەن ئىلى ئوبلاستلىق مەركىزىي تارماق بانكىسى باش بانكىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، جۇڭگو – قازاقىستان قورغاس چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنى سىناق رايونى قىلىپ، ھەمكارلىق مەركىزىگە رويخەتكە ئالدۇرغان كارخانىلارنى چېگرا ھالقىغان پۇل مۇئامىلە كەسپىدىن بەھرىمەن قىلىدىكەن. ھەمكارلىق مەركىزىگە تىزىمغا ئالدۇرۇلغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى چېگرا ھالقىغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بىلەن پۇل قەرز ئېلىش مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن كېيىن، ھەمكارلىق مەركىزىدىكى كارخانىلارنى قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگو – قازاقىستان ھەمكارلىق مەركىزىدىكى تۈر قۇرۇلۇشىنى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

 

باشبەت ئۇيۇشما ھەققىدە مەسلىھەت ئالاقىلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ
مەزكۇر تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : 新疆维吾尔自治区民贸商会 گە تەۋە
شىركەت ئادرىسى : ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 544-نومۇر رۈيدا Aبىنار 12-قەۋەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مىللىي سودائۇيۇشمىسى
تېلفون : 8532089،2803532، 8522310 -0991 فاكىس : 0991-8532089,微信平台:xjuyuxma ئېلخەت ئادىرىسى : 1355084672@qq.com 
تور بىكەت ئادرىسى : www.uyuxma.com بېيئەن ICP نومۇرى : 新ICP备13001466号-1