شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 19-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى كۈز كىرگەندىن بۇيانقى تۇنجى قارنى كۈتۈۋالدى. يۇقىرىقى تاغ ئۈچىنچى قېتىملىقنى قارنى كۈتۈۋالدى. شۇ كۈنىدىن باشلاپ يۇقىرىقى تاغدىكى كۆپ قىسىم قار تېيىلىش مەيدانلىرى سۈنئىي قار ياغدۇرۇشقا باشلىغان بولۇپ، قار تېيلىماقچى بولغان كىشىلەر پەقەت 20 نەچچە كۈن ساقلىسىلا قار تېيىلىش سورۇنلىرى تەييار بولىدىكەن.
مۇخبىر 19-ئۆكتەبىر يىپەك يولى خەلقئارا ئىستراھەت رايونى، «بەييۈن» خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانلىرىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىم ياغقان قار بىلەن تەڭ سۈنئىي قار ياغدۇرۇش خىزمىتى باشلانغان بولۇپ، سۈنئىي قار ياغدۇرۇش خىزمىتى ئاۋۋالقى يىللارغا قارىغاندا 20 ئەتراپىدا بالدۇر باشلانغان.