ساقلىۋىلىڭ باشبەت قىلىڭ 中文 ئۇيغۇرچە
ئەزا كارخانىلار
  قاراماي شەھەر مايتاغ مەخسۇت سودا چەكلىك 
  ئەرقال كاپىتالى
  ھەدىيە كۆز كىسەللىك دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ لوڭبو مەبلەغ سىلىش شىركىتى
  ئۈرۈمچى قۇتيار پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چە
  شىنجاڭ ئىپار بىيو - تېخنىكا تەرەققىيات چ
  شىنجاڭ بۇغدا دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ ئامىنە ئالاھىدە يېزائىگىلىك يۇقۇر
  ئۇيۇشمىغا ئەزا بىر قىسىم  كارخانىلار تېز
تەمىنلەش ئۇچۇرى
  يۇقىرىقى تاغدىكى قار تېيى
  10 - ئاينىڭ31- كۈنى 
  شىنجاڭ قەرز سوممىسى تۇنجى قېتىم تىرلىيون
  جۇڭگو مۇلازىمەت داڭلىق ماركا يېغىنى مۇلا
  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇنجى با
ئېھتىياج ئۇچۇرى
 
  ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتىدا «ئىككىنى تۆۋەنلىتىش، بەشنى كېچىكتۈرۈش، ئۈچ كەچۈرۈم، بىر 
يوللىغۇچى:admin; يوللىغان ۋاقتى:2016/5/12 12:10:02ئاۋاتلىقى:644قېتىم

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتىدا «ئىككىنى تۆۋەنلىتىش، بەشنى كېچىكتۈرۈش، ئۈچ كەچۈرۈم، بىر ئەمەلىيلەشتۈرۈش» يولغا قويۇلىدۇ

خەلق تورىنىڭ 5- ئاينىڭ 10- كۈنى ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

9- چېسلا، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئاچقان ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئارقىلىق ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى قوللاش توغرىسىدىكى سىن يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، يىغىندا «ئىككىنى تۆۋەنلىتىش، بەشنى ئاستىلىتىش، ئۈچ كەچۈرۈم، بىر ئەمەلىيلەشتۈرۈش» تەدبىرلىرى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى باسقۇچ خاراكتېرلىك كېمەيتىش ھەمدە كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئىككىنى تۆۋەنلىتىش: 2016- يىلى 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، ئىككى يىل ئىچىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كارخانا ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدا ئورۇننىڭ ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتى % 20 تىن % 19 كە تۆۋەنلىتىلىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىدا ئورۇننىڭ ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتى % 1.5 تىن % 1 كە تۆۋەنلىتىلىدۇ، شەخسلەر % 0.5 نى تاپشۇرىدۇ، ومۇمىي ھەق نىسبىتى % 1.5 بولىدۇ. بۇ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تىپىدىكى سىياسەت بولۇپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان بارلىق كارخانىلارنىڭ ھەممىسى بەھرىمەن بولالايدۇ.

بەشنى كېچىكتۈرۈش: 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، بىر تۇتاش غەملەشكە قاتناشقان ھەر قايسى جايلاردا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىنى ۋاقتىدا، تولۇق بېرىش ۋە فوندتا يوچۇق كۆرۈلمەسلىك شەرتى ئاستىدا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى تاپشۇرۇشقا ۋاقتىنچە مادارى يەتمىگەن قىيىنچىلىقى بار كارخانىلارنىڭ تەستىقلىنىپ رۇخسەت قىلىنغاندىن كېيىن، ھەمدە كېلىشىم تۈزۈلگەندىن كېيىن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشىغا بولىدۇ، كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا بىر يىل بولىدۇ.

ئۈچ كەچۈرۈم: پولات- تۆمۈر، كۆمۈرچىلىك كەسىپلىرىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى ھەل قىلىش داۋامىدا، ئىچكى جەھەتتىن پېنسىيىگە چىققانلار، كارخانىلار ۋە شەخسلەر ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسى پۇلىنى قايتا تاپشۇرمىسا بولىدۇ.

بىر ئەمەلىيلەشتۈرۈش: جايلار 2015- يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۇغۇت سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتى ۋە ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئوتتۇرىچە نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشتىكى قارارنى ۋە ئالاقىدار سىياسەت، بەلگىلىمىلەرنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققى نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىتىلىشى پېنسىيىگە چىققانلارنىڭ تەمىناتىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ۋە سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىنىڭ ھەق تاپشۇرۇش مۇددىتى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى بەلگىلەيدۇ، شۇڭلاشقا، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىلىتىشمۇ ئىشسىز خادىملارنىڭ تەمىناتىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ». شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ش ئا س تارقىتىش [2016] 44- نومۇرلۇق ھۆججەتتىمۇ قىيىنچىلىقى بار كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشى تەستىقلانغان مەزگىلدە، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتلىرىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىمايدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەنگەن.

مۆلچەرلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىككى تۈرلۈك خىراجەتنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانا ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندى 589 مىليون يۈەن كېمەيتىلىپ يىغىلىدىكەن، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندى 400 مىليون يۈەن كېمەيتىلىپ يىغىلىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇلتۇر يولغا قويۇلغان ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تۇغۇت سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتى ئارقىلىق، بىر يىلدا كارخانىلارنىڭ 1 مىليارد 102 مىليون يۈەنلىك يۈكى يەڭگىللىتىلگەن. بۇ يىل كارخانىلارنىڭ 2 مىليارد 91 مىليون يۈەنلىك تەننەرخى تۆۋەنلىتىلىدىكەن.

باشبەت ئۇيۇشما ھەققىدە مەسلىھەت ئالاقىلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ
مەزكۇر تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : 新疆维吾尔自治区民贸商会 گە تەۋە
شىركەت ئادرىسى : ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 544-نومۇر رۈيدا Aبىنار 12-قەۋەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مىللىي سودائۇيۇشمىسى
تېلفون : 8532089،2803532، 8522310 -0991 فاكىس : 0991-8532089,微信平台:xjuyuxma ئېلخەت ئادىرىسى : 1355084672@qq.com 
تور بىكەت ئادرىسى : www.uyuxma.com بېيئەن ICP نومۇرى : 新ICP备13001466号-1