ساقلىۋىلىڭ باشبەت قىلىڭ 中文 ئۇيغۇرچە
ئەزا كارخانىلار
  قاراماي شەھەر مايتاغ مەخسۇت سودا چەكلىك 
  ئەرقال كاپىتالى
  ھەدىيە كۆز كىسەللىك دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ لوڭبو مەبلەغ سىلىش شىركىتى
  ئۈرۈمچى قۇتيار پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چە
  شىنجاڭ ئىپار بىيو - تېخنىكا تەرەققىيات چ
  شىنجاڭ بۇغدا دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ ئامىنە ئالاھىدە يېزائىگىلىك يۇقۇر
  ئۇيۇشمىغا ئەزا بىر قىسىم  كارخانىلار تېز
تەمىنلەش ئۇچۇرى
  يۇقىرىقى تاغدىكى قار تېيى
  10 - ئاينىڭ31- كۈنى 
  شىنجاڭ قەرز سوممىسى تۇنجى قېتىم تىرلىيون
  جۇڭگو مۇلازىمەت داڭلىق ماركا يېغىنى مۇلا
  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇنجى با
ئېھتىياج ئۇچۇرى
 
  ساۋاتلار
ئاپتونوم رايون كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنىڭ نىسبىتىنى تۆۋەنلەتتى
يوللىغۇچى:admin; يوللىغان ۋاقتى:2016/5/12 12:03:30ئاۋاتلىقى:912قېتىم

مۇبارەك ئىسمائىل خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل 1 – مايدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانا ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىنىڭ ئىدارە (كارخانا) تۆلەيدىغان قىسمىنىڭ نىسبىتى %20 تىن %19كە، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققىنىڭ ئىدارە (كارخانا) تۆلەيدىغان قىسمىنىڭ نىسبىتى %1.5تىن %1كە تۆۋەنلىتىلىدۇ، شەخسىيلەر %0.5 ھەق تاپشۇرىدۇ، ئومۇمىي ھەق نىسبىتى %1.5 بولىدۇ، بۇ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق سىياسىتى بولۇپ، سۇغۇرتىلانغان كارخانىلارنىڭ ھەممىسى بەھرىمەن بولىدۇ.

9 – ماي چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى قوللاش تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى 5 – ماي تارقاتقان ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى قوللاش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا ئاساسلىقى ‹‹ئىككىنى تۆۋەنلىتىش، بەشنى كېچىكتۈرۈش، ئۈچنى كەچۈرۈم قىلىش، بىرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش››تىن ئىبارەت تۆت تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

‹‹ئىككىنى تۆۋەنلىتىش›› تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بۇ يىل 1 – مايدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانا ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ ئىدارە (كارخانا) تۆلەيدىغان قىسمىنىڭ نىسبىتى %20تىن %19كە، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنىڭ ئىدارە (كارخانا) تۆلەيدىغان قىسمىنىڭ نىسبىتى %1.5تىن %1كە تۆۋەنلىتىلىدۇ، شەخسىيلەر %0.5 ھەق تاپشۇرىدۇ، ئومۇمىي ھەق نىسبىتى %1.5 بولىدۇ. بۇ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق سىياسىتى بولۇپ، بارلىق كارخانىلارنىڭ ھەممىسى بەھرىمەن بولىدۇ.

‹‹بەشنى كېچىكتۈرۈش›› تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 2017 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، غەملىگۈچى رايونلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىنى ۋاقتىدا، تولۇق تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ۋە فوندتا يوچۇق كۆرۈلمىگەن ئالدىنقى شەرت ئاستىدا، سۇغۇرتا تۆلەشكە ۋاقتىنچە قۇربى يەتمەيدىغان كارخانىلارنىڭ تەستىقلىتىش ۋە كېلىشىم تۈزۈشكەندىن كېيىن سۇغۇرتا ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشىغا رۇخسەت قىلسا بولىدۇ، كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش مۇددىتى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا بىر يىل بولىدۇ.

‹‹ئۈچ كەچۈرۈم قىلىش›› تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: پولات – تۆمۈر، كۆمۈرچىلىك ساھەسىدە ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى بىر تەرەپ قىلىش داۋامىدىكى ئىچكى قىسىمدا ئارامغا چىققان ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسى ھەققىنى كارخانا بىلەن شەخسىيلەر ئەمدى تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ.

‹‹بىرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش›› تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئالىدۇ: جايلار مۇناسىۋەتلىك سىياسەت – بەلگىلىمىلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ھەقنى تۆۋەنلىتىش تەلىپىگە چۈشىدىغان ۋىلايەتلەر، ئوبلاستلار، شەھەرلەر سىياسەتلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىرى مىڭ خۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش بىلەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش سۇغۇرتىلانغانلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىككى تۈرلۈك سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتى تۆۋەنلىتىلگەندىن كېيىن، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانا ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىدىن 589 مىليون يۈەن، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندىن 400 مىليون يۈەن كەملەپ كېتىدۇ. بۇنىڭغا بۇلتۇر بەلگىلىمە چىقىرىلىپ تۆۋەنلىتىلگەن ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسى ھەققى نىسبىتىنى قوشقاندا كارخانىلارنىڭ يۈكى بىر يىلدا 1 مىليارد 102 مىليون يۈەن يېنىكلىتىلدى، بۇ يىل كارخانىلارنىڭ تەننەرخى يەنە 2 مىليارد 91 مىليون يۈەن تۆۋەنلەيدۇ.

باشبەت ئۇيۇشما ھەققىدە مەسلىھەت ئالاقىلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ
مەزكۇر تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : 新疆维吾尔自治区民贸商会 گە تەۋە
شىركەت ئادرىسى : ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 544-نومۇر رۈيدا Aبىنار 12-قەۋەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مىللىي سودائۇيۇشمىسى
تېلفون : 8532089،2803532، 8522310 -0991 فاكىس : 0991-8532089,微信平台:xjuyuxma ئېلخەت ئادىرىسى : 1355084672@qq.com 
تور بىكەت ئادرىسى : www.uyuxma.com بېيئەن ICP نومۇرى : 新ICP备13001466号-1