ساقلىۋىلىڭ باشبەت قىلىڭ 中文 ئۇيغۇرچە
ئەزا كارخانىلار
  قاراماي شەھەر مايتاغ مەخسۇت سودا چەكلىك 
  ئەرقال كاپىتالى
  ھەدىيە كۆز كىسەللىك دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ لوڭبو مەبلەغ سىلىش شىركىتى
  ئۈرۈمچى قۇتيار پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چە
  شىنجاڭ ئىپار بىيو - تېخنىكا تەرەققىيات چ
  شىنجاڭ بۇغدا دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ ئامىنە ئالاھىدە يېزائىگىلىك يۇقۇر
  ئۇيۇشمىغا ئەزا بىر قىسىم  كارخانىلار تېز
تەمىنلەش ئۇچۇرى
  يۇقىرىقى تاغدىكى قار تېيى
  10 - ئاينىڭ31- كۈنى 
  شىنجاڭ قەرز سوممىسى تۇنجى قېتىم تىرلىيون
  جۇڭگو مۇلازىمەت داڭلىق ماركا يېغىنى مۇلا
  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇنجى با
ئېھتىياج ئۇچۇرى
 
  ساۋاتلار
كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدىغان يۇقىرى نەپلىك بەش ئۇششاق سودا
يوللىغۇچى:admin; يوللىغان ۋاقتى:2016/4/25 10:33:49ئاۋاتلىقى:611قېتىم

جۇڭگودىكى ئەڭ كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدىغان، تىجارەت سېلىنمىسى تۆۋەن، يۇقۇرى نەپلىك 5 ئۇششاق سودا

 

 

نۇر تورى تەرجىمىسى:

1. يانفۇنغا قوغداش پەردىسى چاپلاش.

ئادەتتە يېڭى يانفون سېتىۋالغاندا، شۇ ھامان قوغداش پەردىسى چاپلىتىۋېتىشنى ئويلايمىز، 10 يۈەن، 15 يۈەن پۇلنى ئانچە كۆپ دېگىلى بولمايدۇ، ئادەتتە تۆت- بەش مىنۇتتىلا چاپلاپ بولغىلى بولىدۇ. لېكىن سىز مۇشۇنداق قارىماققا ئاددىي، ھېچقانچە تېخنىكا تەلەپ قىلمايدىغان كەسىپتە قانچىلىك زور پايدا قالىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ بىر ئايفوننىڭ يۇقىرى ئۆتكۈزۈشچان قوغداش پەردىسىنى ئېلىپ ئېيتساق، تەننەرخى بىر يۈەنگىمۇ يەتمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن چاپلاپ بولغاندىن كېيىن قالىدىغان پايدىسى ئون ھەسسىسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئەگەر كەچلىك بازاردا ياكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئەتراپىدىكى كىچىك يايمىلاردا مۇشۇنداق سودا قىلغاندا، كۈندە 500 يۈەن پايدا تېپىشىڭىزغا گەپ كەتمەيدۇ.

 

2. خەت ئۇرۇش، نۇسخىلاش دۇكىنى.

ئادەتتە مەكتەپتە، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپتە خەت ئۇرۇش، نۇسخىلاش دۇكىنى ئاچسىڭىز بىر قەدەر ياخشى، سەۋەبى شۇكى ئىمتىھان ۋاقتى كېلىشى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى نۇرغۇنلىغان مەشق سوئاللىرىنى كۆپەيتىدۇ. ئادەتتىكى چاغلاردا مەكتەپ ئىلمىي ماقالە يېزىپ تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ۋاقىتتا، ئوقۇغۇچىلار نۇرغۇن ماتېرىياللارنى بېسىپ چىقىرىشقا ۋە كۆپەيتىپ بېسىشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. گەرچە مەكتەپ ئىچىدىكى نۇسخىلاش ئورنىنىڭ باھاسى سىرتتىكىدىن كۆپ ئەرزان بولسىمۇ، لېكىن بىر پارچە A 4 لىك قەغەزنىڭ تەننەرخىنى ھېسابلىغاندا پەقەت بىر نەچچە پۇڭلا بولىدىغان بولغاچقا، كۆپەيتىپ بېسىشنىڭ ھەر ۋارىقىنى 2 مو بويىچە ھېسابلىساق، ئوخشاشلا قالىدىغان پايدىسى ئون ھەسسىسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئەگەر سېتىلىش مىقدارى يۇقىرى بولغاندا بەك جىق پۇل تاپقىلى بولىدۇ.

 

3. كومپيۇتېر، يانفون رېمونتچىلىقى.

بۇ بىر تېخنىكا تەلەپ قىلىدىغان ئىش، لېكىن ئاددىيراقلىرىدىن سىستېما قاچىلاشنىڭ ھەر قېتىملىقىنى 30 يۈەندىن 50 يۈەنگىچە ھېسابلىساق، خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ چاڭ- توزانلىرىنى تازىلاپ بەرگەندە ھەر قېتىملىقىنى 60 يۈەندىن 80 يۈەنگىچە ھېسابلىساقمۇ خېلى كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ، ئەگەر دۇكان ئىجارىگە ئالغاندا ئىجارە ھەققى بار بولسىمۇ، لېكىن ئىشىك ئالدىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلغاندا ئاساسىي جەھەتتىن يۇقىرى نەپكە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

 

4. كوچا بويىدىكى ئۇششاق يېمەكلىكلەر.

سوغۇق ئاشنى مىسال كەلتۈرۈپ ئېيتقاندا، ئەڭ ئەرزانلىرىنىڭ باھاسى 5 يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، ئازراق گۆش تالقىنى ياكى تۇخۇم قېتىپ سېتىلسا 8 يۈەن ئەتراپىدا ساتقىلى بولىدۇ، بۇنىڭدا بىر كىشىلىكىنىڭ تەننەرخى ئەمەلىيەتتە 2 يۈەنگە يەتمەيدۇ. گەرچە بىر كىشىلىك ئۇششاق يېمەكلىكتىن 3 يۈەندىن 5 يۈەنگىچە پايدا قالسا تازا جىق ئەمەستەك تۇيغۇ بەرسىمۇ، لېكىن ئۇششاق يېمەكلىكلەر يايمىسىنى ئادەملەر مىغ- مىغ ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ئاۋات بازارلاردا ئاچساق، كېلىپ- كېتىدىغان مېھمانلار چوقۇم ناھايىتى كۆپ بولىدۇ، بىر كۈنلۈك ھېساباتنى ھېسابلاپ كۆرگەندە ئاندىن كۆپ كىرىم بولغانلىقىنى ھېس قىلالايسىز.

 

5. سوغۇق ئىچىملىكلەر.

تەخمىنەن 30 مىڭ يۈەندىن 50 مىڭ يۈەنگىچە مەبلەغ سېلىنسا، ياز پەسلىدە سېتىلىش مىقدارى بىرقەدەر يۇقىرى بولغانلىقتىن، بىر يازدىلا چىقىمنى ئاساسەن قايتۇرۇپ كەلگىلى بولىدۇ. ئەگەر تەمى ياخشى بولسا، دۇكاننىڭ لايىھەلىنىشى ئۆزگىچە بولسا، ئوخشاشلا جىق پۇل تاپقىلى بولىدۇ.

باشبەت ئۇيۇشما ھەققىدە مەسلىھەت ئالاقىلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ
مەزكۇر تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : 新疆维吾尔自治区民贸商会 گە تەۋە
شىركەت ئادرىسى : ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 544-نومۇر رۈيدا Aبىنار 12-قەۋەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مىللىي سودائۇيۇشمىسى
تېلفون : 8532089،2803532، 8522310 -0991 فاكىس : 0991-8532089,微信平台:xjuyuxma ئېلخەت ئادىرىسى : 1355084672@qq.com 
تور بىكەت ئادرىسى : www.uyuxma.com بېيئەن ICP نومۇرى : 新ICP备13001466号-1