ساقلىۋىلىڭ باشبەت قىلىڭ 中文 ئۇيغۇرچە
ئەزا كارخانىلار
  قاراماي شەھەر مايتاغ مەخسۇت سودا چەكلىك 
  ئەرقال كاپىتالى
  ھەدىيە كۆز كىسەللىك دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ لوڭبو مەبلەغ سىلىش شىركىتى
  ئۈرۈمچى قۇتيار پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چە
  شىنجاڭ ئىپار بىيو - تېخنىكا تەرەققىيات چ
  شىنجاڭ بۇغدا دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ ئامىنە ئالاھىدە يېزائىگىلىك يۇقۇر
  ئۇيۇشمىغا ئەزا بىر قىسىم  كارخانىلار تېز
تەمىنلەش ئۇچۇرى
  يۇقىرىقى تاغدىكى قار تېيى
  10 - ئاينىڭ31- كۈنى 
  شىنجاڭ قەرز سوممىسى تۇنجى قېتىم تىرلىيون
  جۇڭگو مۇلازىمەت داڭلىق ماركا يېغىنى مۇلا
  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇنجى با
ئېھتىياج ئۇچۇرى
 
  ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ھىندىستان جۇڭگودىن ئېشىپ يەرشارى مەبلەغ سېلىش نىشان دۆلىتىگە ئايلاندى
يوللىغۇچى:admin; يوللىغان ۋاقتى:2016/4/22 18:27:24ئاۋاتلىقى:807قېتىم

ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگىلىيە تاراتقۇسى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىدى ھەم چەتئەللىك سودىگەرلەرنىڭ بىۋاستە مەبلەغ سېلىشى (FDI) ماس ھالدا تۆۋەنلىدى (بۇ رايونلۇق مەبلەغ سېلىش ھەرىكەتچانلىقىغا قارىتا زەنجىرسىمان ئەكىس تەسىر پەيدا قىلدى)، ئەمما تىنچ ئوكيان رايونىدا يەنىلا ئۇدا يەرشارى FDI چېمپىيونى، دېدى.

ئەنگىلىيە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ بايرىقى ئاستىدىكى سانلىق مەلۇمات بۆلۈمىنىڭ دوكلات قىلىشىچە، 2015-يىلى، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى يەرشارىدىكى %45 بوستانلىق تۈرى مەبلىغىنى جەلىپ قىلغان. ئالدىنقى يىلى، چەتئەل شىركەتلىرى 3883 بوستانلىق مەبلەغ سېلىش تۈرىنى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدا تەسىس قىلان، مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا مەبلەغ سېلىش ئومۇمىي سوممىسى 302.5 مىليارد دوللارغا يەتكەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، گەرچە ئالدىنقى يىلى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى بوستانلىق تۈرى سانى 2014-يىلىدىكىدىن %7 ئازلىغان بولسىمۇ، ئەمما مەبلەغ سېلىش ئومۇمىي سوممىسى %29 ئاشقان، بۇ ھىندىستان، ھىندونېزىيە ۋە پاكىستان قاتارلىق دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنىڭ چوڭ نىسبەتتە ئېشىشىغا پايدا بولغان.

جۇڭگونىڭ كۆپ يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ھالسىرىغان رايون FDI سى ئاشتى، ئەكىسچە قايتا ئېشىش ماتورى بولمىدى: ئىقتىسادنىڭ ئېشىش يۈزلىنىشى ئاستىلىدى ھەم تەننەرخ ئۆسۈپ كېتىش تەسىرىگە ئۇچراپ، جۇڭگونىڭ مەبلەغ سېلىش سوممىسى %23 چۈشۈپ كەتتى، FDI تۈرى %16 ئازلىدى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، جۇڭگونى تەختتىن چۈشۈرۋەتكىنى ھىندىستان بولۇپ، 2015-يىلى پۈتۈن يىلدىكى چوڭ تىپتىكى مەبلەغ سېلىش تۈرى ناھايىتى كۆپ بولغانلىقتىن، ھىندىستان جۇڭگودىن ئېشىپ دۇنيادىكى مەبلەغ سېلىش نىشانلىق رايونىغا ئايلانغان.

بۇ دوكلاتتا، ھىندىستان ئۆزىنىڭ كارامىتىنى كۆرسىتىپ، بوستانلىق تۈرى مەبلەغ سېلىش تەرتىپىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن، 2015-يىلى ئېلان قىلغان FDI مەبلىغى 63 مىليارد دوللارغا يەتكەن. ھىندىستاننىڭ FDI تۈرىنىڭ سانى %8 ئېشىپ، 697 گە يەتكەن، يەنىلا جۇڭگونىڭ 789 دىن كېيىن تۇرغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، باشقا مەبلەغ سېلىشتا ئېشىش پەيدا بولغان ئاسىيا دۆلىتى فىلىپپىن (تۈرى سانى %16 ئاشقان) ۋە تايلاند (تۈر سانى %7 ئاشقان) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئەمما ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئەڭ چوڭ ئۈچ نىشان دۆلەت (ھىندىستان، جۇڭگو ۋە ھىندونېزىيە ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىغا سالغان مەبلەغ ئومۇمىي مىقدارىنىڭ يېرىمىنى ئىگەللەيدىكەن.

باشبەت ئۇيۇشما ھەققىدە مەسلىھەت ئالاقىلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ
مەزكۇر تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : 新疆维吾尔自治区民贸商会 گە تەۋە
شىركەت ئادرىسى : ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 544-نومۇر رۈيدا Aبىنار 12-قەۋەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مىللىي سودائۇيۇشمىسى
تېلفون : 8532089،2803532، 8522310 -0991 فاكىس : 0991-8532089,微信平台:xjuyuxma ئېلخەت ئادىرىسى : 1355084672@qq.com 
تور بىكەت ئادرىسى : www.uyuxma.com بېيئەن ICP نومۇرى : 新ICP备13001466号-1