ساقلىۋىلىڭ باشبەت قىلىڭ 中文 ئۇيغۇرچە
ئەزا كارخانىلار
  قاراماي شەھەر مايتاغ مەخسۇت سودا چەكلىك 
  ئەرقال كاپىتالى
  ھەدىيە كۆز كىسەللىك دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ لوڭبو مەبلەغ سىلىش شىركىتى
  ئۈرۈمچى قۇتيار پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چە
  شىنجاڭ ئىپار بىيو - تېخنىكا تەرەققىيات چ
  شىنجاڭ بۇغدا دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ ئامىنە ئالاھىدە يېزائىگىلىك يۇقۇر
  ئۇيۇشمىغا ئەزا بىر قىسىم  كارخانىلار تېز
تەمىنلەش ئۇچۇرى
  يۇقىرىقى تاغدىكى قار تېيى
  10 - ئاينىڭ31- كۈنى 
  شىنجاڭ قەرز سوممىسى تۇنجى قېتىم تىرلىيون
  جۇڭگو مۇلازىمەت داڭلىق ماركا يېغىنى مۇلا
  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇنجى با
ئېھتىياج ئۇچۇرى
 
  ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
2016-يىللىق شىنجاڭنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق يەرلىك زايومى تارقىتىلدى
يوللىغۇچى:admin; يوللىغان ۋاقتى:2016/4/15 16:05:31ئاۋاتلىقى:979قېتىم

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاپرېل، مەركىزىي تىزىملاش-راسچوت قىلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىنجاڭنىڭ 2016-يىللىق 2–تۈركۈمدىكى 30 مىليارد 800 مىليون يۈەنلىك يەرلىك ھۆكۈمەت زايومىنى تارقاتتى.

مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىم تارقىتىلغان زايوم يېڭىدىن تارقىتىلغان 15 مىليارد يۈەنلىك زايوم ۋە ئالماشتۇرۇلغان 15 مىليارد 800 مىليون يۈەنلىك زايومنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، قەرەلى ئۈچ يىللىق، بەش يىللىق، يەتتە يىللىق، ئون يىللىق مۇددەتلىك ئىكەن.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېڭىدىن تارقىتىلغان زايوم ئادەتتىكى مەبلىغى جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرلىك چىقىمغا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، شەھەر-بازار يولى ۋە تۇرۇبا تورى، سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، يېزا يولى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەر قۇرۇلۇشى، مۇھىت ئاسراش، نامراتلارنى باشقا جايلارغا كۆچۈرۈش قاتارلىق جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش چىقىمىغا ئىشلىتىلىدىكەن؛ ئالماشتۇرۇلغان زايوم ئادەتتىكى مەبلىغى ئېنىقلانغان ۋە بېكىتىلگەن قەرەلى توشقان قەرزنىڭ دىرىنى قايتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىكەن. يەرلىك ھۆكۈمەت زايومى تارقىتىش مەركەز ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز قايتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق ئايرىشقا، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز ئېلىشىنى قېلىپلاشتۇرۇشىغا، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يوشۇرۇن قەرزىنى ئېنىقلاشقا، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز خەتىرىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشقا، يەرلىكنىڭ ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئىش ھوقۇقى بىلەن مالىيە ھوقۇقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەن.

مەنبە: خەلق تورى

باشبەت ئۇيۇشما ھەققىدە مەسلىھەت ئالاقىلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ
مەزكۇر تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : 新疆维吾尔自治区民贸商会 گە تەۋە
شىركەت ئادرىسى : ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 544-نومۇر رۈيدا Aبىنار 12-قەۋەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مىللىي سودائۇيۇشمىسى
تېلفون : 8532089،2803532، 8522310 -0991 فاكىس : 0991-8532089,微信平台:xjuyuxma ئېلخەت ئادىرىسى : 1355084672@qq.com 
تور بىكەت ئادرىسى : www.uyuxma.com بېيئەن ICP نومۇرى : 新ICP备13001466号-1