ساقلىۋىلىڭ باشبەت قىلىڭ 中文 ئۇيغۇرچە
ئەزا كارخانىلار
  قاراماي شەھەر مايتاغ مەخسۇت سودا چەكلىك 
  ئەرقال كاپىتالى
  ھەدىيە كۆز كىسەللىك دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ لوڭبو مەبلەغ سىلىش شىركىتى
  ئۈرۈمچى قۇتيار پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چە
  شىنجاڭ ئىپار بىيو - تېخنىكا تەرەققىيات چ
  شىنجاڭ بۇغدا دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ ئامىنە ئالاھىدە يېزائىگىلىك يۇقۇر
  ئۇيۇشمىغا ئەزا بىر قىسىم  كارخانىلار تېز
تەمىنلەش ئۇچۇرى
  يۇقىرىقى تاغدىكى قار تېيى
  10 - ئاينىڭ31- كۈنى 
  شىنجاڭ قەرز سوممىسى تۇنجى قېتىم تىرلىيون
  جۇڭگو مۇلازىمەت داڭلىق ماركا يېغىنى مۇلا
  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇنجى با
ئېھتىياج ئۇچۇرى
 
  ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئالدىنقى ئىككى ئايدا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ تىجارەت كىرىمى %5.8 چۈشكەن
يوللىغۇچى:admin; يوللىغان ۋاقتى:2016/3/28 12:18:26ئاۋاتلىقى:661قېتىم

مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ رەسمىي تور بېكىتىدە 2016-يىلى 1-، 2-ئايدىكى پۈتۈن مەملىكەتتىكى دۆلەت ئىگىلكىدىكى ھەم دۆلەت پاي كونترول كارخانىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئايلىنىش ئەھۋالى ئېلان قىلىندى. 1-، 2-ئايدا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ تىجارەت ئومۇمىي كىرىمى 6.2415 تىرىليون يۈەن بولغان بولۇپ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.8 چۈشكەن. مەركەز كارخانىلىرىنىڭ 3.90397 تىرىليون يۈەن بولۇپ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.8 چۈشكەن. يەرلىك دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ 2.33758 تىرىليون يۈەن بولۇپ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.2 چۈشكەن.

1-، 2- ئايدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ھەم دۆلەت پاي كونترول كارخانىلىرىنىڭ ئىقتىساد ئايلىنىش ئەھۋالى يەنىلا بىر قەدەر يۇقىرى بولغان چىكىنىش بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە. كىرىم، پايدا ئوخشاش نىسبەتتە داۋاملىق چۈشمەكتە. نېفىت، كۆمۈر، پولات-تۆمۈر قاتارلىق ساھەلەر زىيان تارتقان.

تىجارەت ئومۇمىي تەننەرخى جەھەتتە، 1-، 2-ئايدا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ ئومۇمىي تىجارەت تەننەرخى 6.1209 تىرىليون بولۇپ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.2 چۈشكەن. بۇنىڭ ئچىدە سېتىش خىراجىتى، باشقۇرۇش خىراجىتى، مالىيە خىراجىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %5.5، %4.9 ئۆسكەن ۋە %1.7 چۈشكەن. (1) مەركەز كارخانىلىرىنىڭ 3.752210 تىرىليون بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.7 چۈشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە سېتىش خىراجىتى، باشقۇرۇش خىراجىتى ۋە مالىيە خىراجىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %3.4، %5.4 ئۆسكەن ۋە %0.1 چۈشكەن؛

(2) يەرلىك دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ 2.368690 تىرىليون بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.9 چۈشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە سېتىش خىراجىتى، باشقۇرۇش خىراجىتى ۋە مالىيە خىراجىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %9.1، %4.4 ئۆسكەن ۋە %3.8 چۈشكەن.

پايدا جەھەتتە، 1-، 2-ئايدا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ پايدا ئومۇمىي سوممىسى 2.22610 تىرىليون يۈەن بولۇپ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.2 چۈشكەن. (1) مەركەز كارخانىلىرىنىڭ 1.94260 تىرىليون يۈەن بولۇپ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.2 چۈشكەن. (2) دۆلەت ئىگىلىكىدىكى يەرلىك كارخانىلارنىڭ 2.8350 تىرىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.4 چۈشكەن.

تاپشۇرۇلىدىغان باج جەھەتتە، 1-، 2-ئايدا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانلارنىڭ تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج 6.3974 تىرىليون يۈەن بولغان بولۇپ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.5 چۈشكەن. (1) مەركەز كارخانىلىرىنىڭ 5.2095 تىرىليون يۈەن بولغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى ھالەتنى ساقلىغان. (2) يەرلىك دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ بولسا 118790 تىرىليون يۈەن بولغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.4 چۈشكەن.

باشبەت ئۇيۇشما ھەققىدە مەسلىھەت ئالاقىلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ
مەزكۇر تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : 新疆维吾尔自治区民贸商会 گە تەۋە
شىركەت ئادرىسى : ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 544-نومۇر رۈيدا Aبىنار 12-قەۋەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مىللىي سودائۇيۇشمىسى
تېلفون : 8532089،2803532، 8522310 -0991 فاكىس : 0991-8532089,微信平台:xjuyuxma ئېلخەت ئادىرىسى : 1355084672@qq.com 
تور بىكەت ئادرىسى : www.uyuxma.com بېيئەن ICP نومۇرى : 新ICP备13001466号-1