ساقلىۋىلىڭ باشبەت قىلىڭ 中文 ئۇيغۇرچە
ئەزا كارخانىلار
  قاراماي شەھەر مايتاغ مەخسۇت سودا چەكلىك 
  ئەرقال كاپىتالى
  ھەدىيە كۆز كىسەللىك دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ لوڭبو مەبلەغ سىلىش شىركىتى
  ئۈرۈمچى قۇتيار پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چە
  شىنجاڭ ئىپار بىيو - تېخنىكا تەرەققىيات چ
  شىنجاڭ بۇغدا دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ ئامىنە ئالاھىدە يېزائىگىلىك يۇقۇر
  ئۇيۇشمىغا ئەزا بىر قىسىم  كارخانىلار تېز
تەمىنلەش ئۇچۇرى
  يۇقىرىقى تاغدىكى قار تېيى
  10 - ئاينىڭ31- كۈنى 
  شىنجاڭ قەرز سوممىسى تۇنجى قېتىم تىرلىيون
  جۇڭگو مۇلازىمەت داڭلىق ماركا يېغىنى مۇلا
  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇنجى با
ئېھتىياج ئۇچۇرى
 
  ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىگە ئۆزگەرتىش لايىھەسى 1–مايدىن باشلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ
يوللىغۇچى:admin; يوللىغان ۋاقتى:2016/3/15 15:04:43ئاۋاتلىقى:858قېتىم

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 13 – مارت تېلېگراممىسى: دۆلەت باج باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جۈن مۇنداق دېدى: زۇڭلى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندە تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىگە ئۆزگەرتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇش <باش ھۇجۇم بۇيرۇقى>نى چۈشۈردى، باج تارماقلىرى ئاساسلىق ھۇجۇم قىلغۇچى ئەترەت بولۇش سۈپىتى بىلەن باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇپ، تولۇق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۆزلەپ، ئىسلاھاتنى 1 – مايدىن باشلاپ يولغا قويۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8دىن ئاشقاندا، 100دىن ئارتۇق مۇخبىر بىلەن لىق تولغان ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ ‹‹مىنىستىرلار ئۆتۈشمە يولى››دا مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشقان ۋاڭ جۈن مىكرافون ئالدىغا كېلىپ، تاراتقۇلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىگە ئۆزگەرتىش لايىھەسى مەسىلىسىگە جاۋاب بەردى.

ۋاڭ جۈننىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىككى يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىگە ئۆزگەرتىش لايىھەسى تېزلىك بىلەن قاراپ چىقىلىدىكەن. قاراپ چىقىلغاندىن كېيىن، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يولغا قويۇش لايىھەسىنى تېز ئېلان قىلىشىغا ماسلىشىپ، بىر قاتار تەدبىر تۈزۈپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئەمەل قىلىشىغا قولايلىق يارىتىدىكەن.

تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىملىق تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىگە ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتىنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ بولۇپ، تەخمىنەن 10 مىليون باج تاپشۇرغۇچىغا چېتىلىدۇ، ۋاقىت ئىنتايىن قىس، ئىككى ئايغىمۇ يەتمىگەن ئەمەلىي تەييارلىق قىلىش ۋاقتى بار. بۇنىڭدىن سىرت، تۇنجى قېتىم تەبىئىي شەخسلەرنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجىنى تاپشۇرۇشىنى باشقۇرۇشىغا، مەسىلەن: شەخسلەرنىڭ نىمكەش ئۆي سودىسى قاتارلىقلارغا چېتىلدى، يەنە يېڭىدىن كۆپەيگەن نۇرغۇن باج تاپشۇرغۇچى ئىلگىرى قوشۇلما قىممەت بېجى بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغاچقا، باج تارماقلىرىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى ئىنتايىن مۈشكۈل بولىدۇ.

باشبەت ئۇيۇشما ھەققىدە مەسلىھەت ئالاقىلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ
مەزكۇر تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : 新疆维吾尔自治区民贸商会 گە تەۋە
شىركەت ئادرىسى : ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 544-نومۇر رۈيدا Aبىنار 12-قەۋەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مىللىي سودائۇيۇشمىسى
تېلفون : 8532089،2803532، 8522310 -0991 فاكىس : 0991-8532089,微信平台:xjuyuxma ئېلخەت ئادىرىسى : 1355084672@qq.com 
تور بىكەت ئادرىسى : www.uyuxma.com بېيئەن ICP نومۇرى : 新ICP备13001466号-1