ساقلىۋىلىڭ باشبەت قىلىڭ 中文 ئۇيغۇرچە
ئەزا كارخانىلار
  قاراماي شەھەر مايتاغ مەخسۇت سودا چەكلىك 
  ئەرقال كاپىتالى
  ھەدىيە كۆز كىسەللىك دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ لوڭبو مەبلەغ سىلىش شىركىتى
  ئۈرۈمچى قۇتيار پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چە
  شىنجاڭ ئىپار بىيو - تېخنىكا تەرەققىيات چ
  شىنجاڭ بۇغدا دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ ئامىنە ئالاھىدە يېزائىگىلىك يۇقۇر
  ئۇيۇشمىغا ئەزا بىر قىسىم  كارخانىلار تېز
تەمىنلەش ئۇچۇرى
  يۇقىرىقى تاغدىكى قار تېيى
  10 - ئاينىڭ31- كۈنى 
  شىنجاڭ قەرز سوممىسى تۇنجى قېتىم تىرلىيون
  جۇڭگو مۇلازىمەت داڭلىق ماركا يېغىنى مۇلا
  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇنجى با
ئېھتىياج ئۇچۇرى
 
  ئەزا كارخانىلار
قاراماي شەھەر مايتاغ مەخسۇت سودا چەكلىك شىركىتى
يوللىغۇچى:admin; يوللىغان ۋاقتى:2015/8/13 16:03:52ئاۋاتلىقى:1376قېتىم

شىركەت نامى: قاراماي شەھەر مايتاغ مەخسۇت سودا چەكلىك شىركىتىمىز 

ئالاقىلشىش نومۇرى:

شىركەت توربىتى:

فاكىس:

قىسقىچە تونۇشتۇرشى

قاراماي شەھەر مايتاغ مەخسۇت سودا چەكلىك شىركىتىمىز  1999-يىلىدىن باشلاپ ئاددىي كۆلەمدىن تەرەققىي قىلىپ يەتتە يىللىق تىجارەت مۇساپىسىنى تاماملاپ 2006-يىلى رەسمىي شىركەت بولۇپ  قۇرۇلدى . ھەر دەرىجىلىك ئورگان ۋە رەھبەرلەرنىڭ زور دەرىجىدە قوللىشى ئاستىدا شىركەت قارىمىقىدا يىلىغا  12مىڭ قوي  5مىڭ كالا  بېقىپ چىقىرالايدىغان  50مىڭ كۇۋادىرات مېتىر دائىرىدىكى باقمىچىلىق مەيدانى ۋە يەم-خەشەك ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ھەمدە كۈنىگە500قوي ، 30كالا سويۇپ ، 5000توخۇ بوغۇزلاش ئىقتىدارىغا ئىگە 12مىڭ كۇۋادىرات مېتىر كۆلەمدىكى قوي ، كالا ، ئۆي قۇشلىرى قۇشخانىمىز شۇنداقلا 10غا يېقىن سېتىش نۇقتىلىرىمىز قۇرۇلدى .  ھازىر ئومۇمىي تىجارەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىمىز 28مىڭ كۇۋادىرات مېتىر دائىرىگە ، 26 مىليۇنلۇق ئۇمۇمىي مەبلەغ سېلىنمىسىغا ئىگە ھەمدە  40تىن ئارتۇق  ئىشچى – خىزمەتچى ۋە شىركەت خادىملىرى قوشۇنىغا ئىگە تەرەققىيات نىشانى زور بولغان شىركەتكە ئايلاندى .

مەخسۇت سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىمىز قۇرۇلغان سەككىز يىلدىن بۇيان تار دائىرىدىكى  تىجارەت دائىرىسىدىن ھالقىپ ، بىر نەچچە تارماق كىچىك دۇكانلار بىلەن سودا قىلىشتىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى غوللۇق شىركەت – گورۇھلار بىلەن  ، ھەمكارلىق ۋە ئالاقە قىلىشقا يۈزلىنىپ ،ئەتىراپىمىزدىكى  مايتاغ ، قاراماي ، ئۈرۈمچى ، شىخو ، كۈيتۈن ، ساۋەن ، بورىتالا ،جىڭ ، بىڭتۈەن ... قاتارلىق شەھەر -ناھىيە – يېزىلاردىكى كەڭ ھەرمىللەت خەلق ئامممىسىنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كەلمەكتە . شۇنداقلا يەنە 2010-يىلى «لەززەت » ماركىسىنى دۆلەتكە ئەنگە ئالدۇرۇپ ، مەھسۇلاتىمىز كاپالەتكە ئىگە قىلىندى .

ھازىر شىركىتىمىزدە مول تەجىرىبىگە ئىگە باشقۇرغۇچى خادىملار ، بازارلىق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشقا يېتەكچىلىك قىلالايدىغان خادىملار ، ئىقتىسادىي تىجارەت يۆنىلىشكە ئىگە ماھىرلار بار بولۇپ ، بۇلار شىركىتىمىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى زور تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاساس سالماقتا .

ئۇندىن باشقا ئىشخانا ئاپتۇماتلاشتۇرۇش ، كىرىم – چىقىم ھېساباتلىرىمىزنى سېستىمىلاشتۇرۇش ، شىركەت تۈزۈملىرىمىزنى مۇكەممەللەشتۇرۇش ، شىركەتنىڭ تۈرلۈك قانۇنىي رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش ۋە شىركەتنىڭ ماركا ئوبرازى ئىناۋىتىنى يوقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن توختىماي ئىزدىنىۋاتقان ئىشخانا  خادىملىرىمىزمۇ شىركىتىمىز ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتىدۇ . ئۇلار بۇندىن كېيىنمۇ يېڭى – يېڭى شىركەت باشقۇرۇش ئەندىزىلىرىنى يولغا قويۇپ شىركىتىمىزنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىمىز بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن شىركەت قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تىرىشماقتا .

بىز گەرچە يوقىرىدىكى نەتىجىلىرىمىز بىلەن پەخىرلەنسەكمۇ ، لېكىن بىز تېخى ئەمدىلا يېتىلىۋاتقان ياش نوتا ، بىزنىڭ ماڭىدىغان نۇرغۇن يوللىرىمىز بار ، تەجىرىبىمىز يەنىلا چەكلىك .  بىز يەنىلا بىز بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان ئورۇنلارنىڭ ۋە مول تەجىرىبىگە ئىگە كىشىلىرىمىزنىڭ  پىكىر – تەكلىپلىرىگە ئېھتىياجلىق . 

باشبەت ئۇيۇشما ھەققىدە مەسلىھەت ئالاقىلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ
مەزكۇر تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : 新疆维吾尔自治区民贸商会 گە تەۋە
شىركەت ئادرىسى : ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 544-نومۇر رۈيدا Aبىنار 12-قەۋەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مىللىي سودائۇيۇشمىسى
تېلفون : 8532089،2803532، 8522310 -0991 فاكىس : 0991-8532089,微信平台:xjuyuxma ئېلخەت ئادىرىسى : 1355084672@qq.com 
تور بىكەت ئادرىسى : www.uyuxma.com بېيئەن ICP نومۇرى : 新ICP备13001466号-1