ساقلىۋىلىڭ باشبەت قىلىڭ 中文 ئۇيغۇرچە
ئەزا كارخانىلار
  قاراماي شەھەر مايتاغ مەخسۇت سودا چەكلىك 
  ئەرقال كاپىتالى
  ھەدىيە كۆز كىسەللىك دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ لوڭبو مەبلەغ سىلىش شىركىتى
  ئۈرۈمچى قۇتيار پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چە
  شىنجاڭ ئىپار بىيو - تېخنىكا تەرەققىيات چ
  شىنجاڭ بۇغدا دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ ئامىنە ئالاھىدە يېزائىگىلىك يۇقۇر
  ئۇيۇشمىغا ئەزا بىر قىسىم  كارخانىلار تېز
تەمىنلەش ئۇچۇرى
  يۇقىرىقى تاغدىكى قار تېيى
  10 - ئاينىڭ31- كۈنى 
  شىنجاڭ قەرز سوممىسى تۇنجى قېتىم تىرلىيون
  جۇڭگو مۇلازىمەت داڭلىق ماركا يېغىنى مۇلا
  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇنجى با
ئېھتىياج ئۇچۇرى
 
  ئەزا كارخانىلار
ھەدىيە كۆز كىسەللىك دوختۇرخانىسى
يوللىغۇچى:admin; يوللىغان ۋاقتى:2015/8/11 15:52:41ئاۋاتلىقى:1332قېتىم

شىركەت نامى: ھەدىيە كۆز كىسەللىك دوختۇرخانىسى

ئالاقىلشىش نومۇرى:

شىركەت توربىتى:

فاكىس:

قىسقىچە تونۇشتۇرشى

 

ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى غەربىي شىمالىي چېگرىدىكى گۈزەل تەڭرىتاغ باغرىدىكى ئۈرۈمچى شەھىرىگە جايلاشقان، دوختۇرخانا 2002 – يىل 1-ئاينىڭ 6 –كۈنى قۇرۇلغان، غەيرى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانا بولۇپ، داۋالاش، ئوقۇتۇش، پەن – تەتقىقات قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن مەخسۇس كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى، ئىچىدە 100 كېسەل كارىۋات تەسىس قىلىنغان، مۇقىم مۈلىكى 13 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ. ھازىرقى خىزمەتچىلىرى 120 نەپەر، دوختۇرخانىدا ئامبۇلاتورىيە بۆلۈمى، كۆز كېسەللىكلىرى كېسەلخانىسى، ئوپېراتسىيە ئۆيى، دورىخانا، تەكشۈرۈش بۆلۈمى، كۆزەينەك سەپلەش بۆلۈمى، ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمى، تور مەركىزى، مالىيە بۆلۈمى، خوجىلىق بۆلۈم، تاماقخانا قاتارلىق تارماقلار تەسىس قىلىنغان. خوتەن، قەشقەر، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا ئۈچ تارماق دوختۇرخانىسى تەسىس قىلىنغان. دوختۇرخانىنىڭ تەشكىلىي ئاپپاراتلىرى تولۇق بولۇپ، مول تەجرىبە ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىتتىپاقلاشقان، تىرىشچان، خىزمەتتە ئەستايىدىل بىر رەھبەرلىك بەنزىسىگە ئىگە.

ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى 11 يىللىق جاپالىق ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا، قوش تىللىق كۆز كېسەللىكلىرى مەخسۇس دوختۇرخانىسىنى  قۇرۇپ، بىر تۈركۈم ئۆز خىزمىتىنى قىزغىن سۆيىدىغان، دوختۇرلۇق ئەخلاقى ۋە دوختۇرلۇق ۋە پەرۋىش تېخنىكىسى يۇقىرى بولغان ئىختىساسلىقلار ۋە باشقۇرۇش جەھەتتىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەپ چىقتى. دوختۇرخانا قۇرۇلغاندىن بېرى كېسەل داۋالاش مىقدارى: 200 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. ئوپېراتسىيە مىقدارى: 40 مىڭ قېتىمدىن ئاشتى. نامراتلارنى يۆلەپ ئېلىپ بارغان ئوپېراتسىيە مىقدارى: 3000 قېتىمدىن ئاشتى. يېزا – كەنت، مەكتەپ، مەھەللىلەردە 15000 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ھەقسىز خالىس دىئاگنوز قويۇش ئېلىپ بېرىپ، ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ يۈكسەك مەدىھىيىسى ۋە كەڭ بىمارلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى. دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش ئەسلىھەلىرى تولۇق، دوختۇرلۇق تېخنىكىسى پىشقان، باشقۇرۇشتا قاتتىق بولغانلىقتىن، ئاپتونوم رايون ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى تەرىپىدىن ئايرىم – ئايرىم ھالدا «نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتى»، «ئاپتونوم رايوندىكى يېڭىچە دېھقانچىلىق – چارۋىچىلىق رايونى ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشتىكى نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتى»، «ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتى» بولۇپ باھالاندى. 2007 – يىلى ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى «مەملىكەت بويىچە ئىشەنچلىك خۇسۇسىي دوختۇرخانا ۋە ئاۋامنىڭ ئىشەنچلىك ئۈلگە كۆرسىتىش دوختۇرخانىسى» بولۇپ باھالاندى.

بىر قانچە يىللاردىن بېرى، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «15 مېيىپلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتى» دىكى ئىلغار ئورۇن ۋە ئىلغار شەخس مۇكاپاتىغا ۋە شەھەر دەرىجىلىك «مەدەنىي ئورۇن» قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى. دوختۇرخانا باشلىقى ھەدىيە ھاشىم ئۈرۈمچى شەھەر دەرىجىلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولۇپ، شىنجاڭ كۆز كېسەللىكلىرى ساھەسىدىكى ناھايىتى يۇقىرى نوپۇزغا ئىگە مۇتەخەسسىس. ئۇ دوختۇرخانىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشىغا، پەن – تەتقىقات ۋە تېخنىكا تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا نۇرغۇن ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى تەربىيىلەپ چىقتى. سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىرگە، داۋالاش سەۋىيەسى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، بىر يۈرۈش مۇكەممەل بولغان، مۇنتىزىم قائىدە –تۈزۈم ۋە ئىلمىي باشقۇرۇش ئەندىزىسى ھەمدە ئىختىساسلىقلار پەلەمپەيسىمان قوشۇنىنى بېكىتىپ، تېخنىكا تايانچلىرىنى تەربىيىلەشتە، دوختۇرخانىدا ئومۇميۈزلۈك تەربىيىلەشتىن سىرت، يەنە باشقا جايلارغا ئەۋەتىپ ھەمدە باشقىلارنىڭ ئۇسۇللىرىنى قوبۇل قىلىپ، كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ۋە باشقۇرۇش جەھەتتىكى ئىختىساسلىقلارغا قارىتا، ئاساس خاراكتېرلىك ۋە يۇقىرى تېرمىناللىق تەربىيىلەش ئېلىپ باردى. دوختۇرخانىنىڭ كەسپىي تېخنىكىسى خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە يەتكەن بولۇپ، دوختۇرخانا باشقۇرۇش جەھەتتىن ئىلمىي، مۇنتىزىم تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.

ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىلغار كۆز بۆلۈمى ئۈسكۈنىلىرىنى كىرگۈزگەن بولۇپ، داۋالاش مۇھىتى ئازادە، كۆز كېسەللىكلىرىنى كلىنىكىلىق تەكشۈرۈش، دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش ئېھتىياجىنى قانائەتلەندۈرىدۇ. دوختۇرخانا كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈشنى مىكرو يارىلىق ئۇلترا ئاۋازلىق ئېمۇلىسىيىلەش ـ سۈنئىي كرىستال تەنچە كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى، گلاۋكۇما ئوپېراتسىيەسى، ئەينەكسىمان تەنچىنى كېسىش + كۆرۈش تور پەردىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيەسى، ياش خالتىسى –بۇرۇن بوشلۇقىنى جىپسىلاشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى، ئىندۇسكۇپ ئاستىدا ياش خالتىسنى كېسىپ ئاققۇزۇش ئوپېراتسىيەسى (كۆز كېسەللىكلىرى مىكرو يارىلىق ئوپېراتسىيەسى)، ياش قانالچىسىنى جىپسىلاشتۇرۇش + قانالچە ئورنىتىش ئوپېراتسىيەسى، ئالغايلىقنى تۈزەش ئوپېراتسىيەسى، يۇقىرى گىرادۇسلۇق يىراقنى كۆرەلمەسلىكتىن كېيىنكى كۆز ئېقىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى،  ئالدى –كەينى چەكلىك لازىر نۇرىلىق داۋالاش قاتارلىق ئوپېراتسىيەلەرنى قانات يايدۇرغان.

دوختۇرخانىنىڭ مۇلازىمەت ئاساسىي مەقسىتى: بىمارلارنى مەركەز قىلىش، ھەممە ئىشلاردا بىمارلارنى ئويلاش، بىمارلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىگە ئەھمىيەت بېرىش، كامالەتكە يەتكەن داۋالاش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، ئىلغار داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق، ئازادە دوختۇرخانا مۇھىتىدا، مۇۋاپىق باھادا كەڭ بىمارلارنى ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت.

بىز تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز، چۈنكى يورۇقلۇق بىلەن ھاياتلىق تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ!

باشبەت ئۇيۇشما ھەققىدە مەسلىھەت ئالاقىلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ
مەزكۇر تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : 新疆维吾尔自治区民贸商会 گە تەۋە
شىركەت ئادرىسى : ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 544-نومۇر رۈيدا Aبىنار 12-قەۋەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مىللىي سودائۇيۇشمىسى
تېلفون : 8532089،2803532، 8522310 -0991 فاكىس : 0991-8532089,微信平台:xjuyuxma ئېلخەت ئادىرىسى : 1355084672@qq.com 
تور بىكەت ئادرىسى : www.uyuxma.com بېيئەن ICP نومۇرى : 新ICP备13001466号-1