شىركەت نامى: شىنجاڭ ئامىنە ئالاھىدە يېزائىگىلىك يۇقۇرى پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى
ئالاقىلشىش نومۇرى:
شىركەت توربىتى:
فاكىس:
قىسقىچە تونۇشتۇرشى

شىنجاڭ ئامىنە ئالاھىدە يېزائىگىلىك يۇقۇرى پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى 2000-يىلى 5-ئايدا قۇرۇلغان بۇلۇپ ، ئەنگە ئالدۇرغان مەبلىقى 8مىليۇن يۈەن ، ئومۇمى مۆلۈكى 30مىليۇن، يىللىق سېتىش سوممىسى 40مىليۇن ، پايدا ۋە باج 2مىليۇن190مىڭ يۈنگە يىتىدۇ . شىركەتتىكى ئۇمۇمى خادىم 300 كىشى بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدىكى پەن-تەتقىقات خادىمى38نەپەر . شىركەت ھازىر تەرەققىي قىلىپ ، پەن-تەتقىقات ، پىششقلاپ - ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشنى بىرگەۋدە قىلغان تىجارەت سىستىمىسىغا ئىگە، تورلاشقان پۇقراۋى يۇقۇرى تېخنىكا تەرەققىيات كارخانىسىغا ئايلاندى .
2005-يىلى5-ئايدا، شىركەت قەشقەرشەھىرىدە 20مىليۇن مەبلەخ سېلىپ ، قەشقەر ئامىنە مۇسۇلمانچە يىمەكلىك چەكلىك شىركىتىنى قۇردى . شىنجاڭ ئامىنە شىركىتىنىڭ ئاساسلىق مەھسۇلاتلىرى زەپە روھلاندۇرۇش ئىچىملىكى قاتارلىق يۈرۈشلۈك ئىچىملىكى بىلەن "135ئامىنە"يۈرۈشلۈك تەييار چۆپلىرىدىن ئىبارەت بۇلۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ 11-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرئالاھىدە ئىھتىياجلىق تاۋاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان نوقتىلىق كارخانا ، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ يېزا-ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى نوقتىلىق كارخانا ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نوقتىلىق كارخانىسى ، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ توختامغا ئەمەل قىلىدىغان ئىشەنچلىك كارخانىسى ، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ئالى مەكتەپ ، ئوتتۇرا –تېخنىكۇملارنى پۈتتۇرگەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ، پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى ئىگىلىك يارىتىش پاراكتىكا بازىسى بولۇپ ،ھازىر ئورۇنلاشقان ئالى مەكتەپ ،تېخنىكوملارنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى 50نەچچە نەپەر .ئامىنە تاۋارماركىسى شىنجاڭنىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى ، شىركەتنىڭ لىدىرى ئەمەتجان نامەت ، شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتۇنۇم رايۇنلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكلى .
شىركەت مەھسۇلاتلىرى ئىلگىرى كىيىن بولۇپ، 21-ئەسىر جۇڭگۇنىڭ غەرىبى داۋالاش ساقلىقنى ساقلاش كۆرگەزمە يىغىنىدا ئالتۇن مىدالغا ئىرىشتى . كۆپ قېتىم ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە ئەڭ مۇنەۋۋەر مەھسۇلات مۇكاپاتىغا ئىرىشتى .زەپە ساغلامىلىق ئىچىملىكى ئامىرىكاFDA سۈپەت تەكشۈرىشىدىن ئۆتۈپ ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق سەھىيە نازارىتى تەرىپىدىن ، ئادەمنى كۈچلەندۈرۈش ئىچىملىكى دەپ تەستىقلىنىپ ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقۇرى تېخنىكا تەرەققىيات رايۇنى تەرىپىدىن ، ئىگىلىك يارىتىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش مەبلىقى بىلەن نوقتىلىق ياريۈلەكتە بولىدىغان يېزا-ئىگىلىك تۈرى بۇلۇپ باھالاندى .شىركەت پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە ، بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان سېتىش تورىنى ۋە سېستىمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ ، 100دىن ئارتۇق ۋاكالەتچىگە ۋە 3000دىن كۆپ سېتىش سورىنىنى شەكىللەندۈردى . شىركەت ئىزچىل تۈردە بازار ئېچىپ ، مەھسۇلاتلىرىنى شاڭخەي ، بېيجىڭ ، نەنجىڭ ، لەنجۇ ، چىڭدۇ ، چۇڭچىڭ ، جىڭجۇ ، گۇاڭجۇ، جىنەن قاتارلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى چوڭ شەھەرلەرگە ، ھەمدە ھىندىستان ، پاكىستان ، قازاقىستان ، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئىكىسپورىت قىلىدى .يېقىندا يەنە ئوتتۇرا جەنۇبى ئاسىيا ،شۇنىڭدەك ئاۋىستىرالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بازىرىنى ئاچتى . ھازىر ئامىنە شىركتى ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقۇرى يېڭى تەرەققىيات رايۇنىغا 50مىليۇن مەبلەخ سېلىپ ، يىلىغا 80مىڭ توننا مىۋە شەربىتى ئىشلەپچىقىرىدىغان ، ئامىنە سانائەت باغچىسىنى قۇردى . بۇتۈر ھازىر رەسمى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى . بۇتۈر ئىشلەپچىقىرشقا كىرىشكەندىن كىيىن 350دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ ، ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇرش بېسىمىنى يىنىكلەتتى .