ساقلىۋىلىڭ باشبەت قىلىڭ 中文 ئۇيغۇرچە
ئەزا كارخانىلار
  قاراماي شەھەر مايتاغ مەخسۇت سودا چەكلىك 
  ئەرقال كاپىتالى
  ھەدىيە كۆز كىسەللىك دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ لوڭبو مەبلەغ سىلىش شىركىتى
  ئۈرۈمچى قۇتيار پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چە
  شىنجاڭ ئىپار بىيو - تېخنىكا تەرەققىيات چ
  شىنجاڭ بۇغدا دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ ئامىنە ئالاھىدە يېزائىگىلىك يۇقۇر
  ئۇيۇشمىغا ئەزا بىر قىسىم  كارخانىلار تېز
تەمىنلەش ئۇچۇرى
  يۇقىرىقى تاغدىكى قار تېيى
  10 - ئاينىڭ31- كۈنى 
  شىنجاڭ قەرز سوممىسى تۇنجى قېتىم تىرلىيون
  جۇڭگو مۇلازىمەت داڭلىق ماركا يېغىنى مۇلا
  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇنجى با
ئېھتىياج ئۇچۇرى
 
  ئۇيۇشما خەۋەرلىرى
2015-يىللىق خىزمەت پىلانى
يوللىغۇچى:admin; يوللىغان ۋاقتى:2015/8/4 12:02:28ئاۋاتلىقى:1404قېتىم

2015-يىللىق ھەم بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى.

مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ 2015-يىللىق ھەم بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك خىزمەتلەرنىڭ بىر پۈتۈن ئىدىيىۋى يولى تۆۋەندىكىچە: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى، 18 -قۇرۇلتاينىڭ 3- ھەم 4- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆزىمىزنىڭ خىزمەت يېتەكچىسى قىلىپ، ئىككىنچى قېتىملىق مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئەزا ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، كارخانا ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، جەمئىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» تەك ئاساسى مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇيۇشمىنىڭ «2012-يىلدىن 2016-يىلغىچە بولغان بەش يىللىقخىزمەت پىلانى»نى چۆرىدەپ، «مۇلازىمەتنى كۈچەيتىش، ئەزالارنى ئۇيۇشتۇرۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئۆز-ئارا بىرلىكتە ئىلگىرىلەش، ئەزالارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، قوشۇننى زورايتىش، بەنزىنى ياخشى قۇرۇپ، قوشۇنغا ياخشى يېتەكچىلىك قىلىش» نى خىزمەتلەرنىڭ ئاساسى قىلىمىز. «ئەزالارنىڭ رازى بولۇش -بولماسلىقى، قارشى ئېلىش -ئالماسلىقى» نى خىزمەت ئۈنۈمىنى باھالاشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىمىز. يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇيۇشما خىزمىتىنىڭ يېڭى بىر باسقۇچقا يېتىشىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرىمىز.

بىرىنچى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مىللىي كارخانىلارنىڭ ئۈزلۈكسىزتەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

ھازىر شىنجاڭ مۇنداق ئۈچ چوڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات پۇرسىتىگە يۈزلەنمەكتە:بىرىنچى، 2013-يىل 12-ئاينىڭ 19-كۈنى، مەركىزىي سىياسىي بيۇرۇ دائىمىي ھەيئەتلەر يىغىنى ئېچىپ، مەخسۇس شىنجاڭدىكى خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلدى. يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭ خىزمەتلىرىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئامانلىقى ئۈچۈن زور كۈچ ئېلىپ كەلمەكتە؛ ئىككىنچى، دۆلەت «يىپەك يولى ئىقتىسادىي رايونى»نى قۇرۇش ئىستىراتېگىيەلىك قارارىنى چىقاردى، شىنجاڭ دەل بۇ ئىقتىسادىي رايوننىڭ مەركىزى؛ ئۈچىنچى، 18-قۇرۇلتاي 3-ئومۇمىي يىغىنى چوڭقۇر ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتىكى مۇھىم قارارلارنى چىقاردى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت 2020-يىلدىن بۇرۇنقى ھەر ساھەلەرنىڭ ئىسلاھات پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى، ئىسلاھاتنىڭ پايدىسى كەلگۈسىدە ئۈزلۈكسىز نامايەن بولىدۇ.

مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى بۇ تەرەققىيات پۇرسەتلىرىنى ياخشى تەتقىق قىلىپ، مىللىي كارخانلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاساس يارىتىمىز.

شىنجاڭ مىللي سودا مەبلەغ سېلىش پاي چەكلىك شىركىتى باش دىرېكتور تەكلىپ قىلىپ، ئىگىلىك باشقۇرۇش خىزمىتى كونكرېت ئېلىپ بېرىپ، كارخانا رەھبەرلىك بەنزىسى قوشۇمچە ئىشلەيدىغان، خىزمەتكە يېتىشەلمەيدىغان ئەھۋالىنى ئۆزگەرتتى. ھازىر «يېزا - بازار بانكىسى» ئىلتىماس قىلىش تۈرىنى يۈرگۈزۈشكە باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، قىسقا مۇددەتلىك، كىچىك كۆلەملىك، تېز سۈرئەتتە تۇتۇش قىلغىلى بولىدىغان تۈرلەر توغرىسىدا ئىزدەنمەكتە. بۇ سەھنىدىن پايدىلىنىشقا قىزىقىدىغان ئەزا كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش سېپىغا قوشۇلۇپ، غەلبىنىڭ مېۋىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

بىز يەنە بۇ سەھنىدىن پايدىلىنىپ، «شىنجاڭ مىللىي سودا سارىيى»، «شىنجاڭ ئۆزگىچە يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيەت مەركىزى» قۇرۇش تۈرىگە ئىشلىتىلىدىغان يەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. تەستىقتىن ئۆتكەن ھامان، ھەممە تەرەپنى بىرلەشتۈرۈپ مەبلەغ توپلاپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ ئىجرا قىلىمىز.

ئىككىنچى، زور كۈچ بىلەن يېڭى ئەزالارنى قوشۇش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز.
ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇش، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش پرىنسىپىغا ئاساسەن، خىزمەتنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭدا تەسىرى بار مىللىي كارخانىلارنى ئۆزىمىزنىڭ سېپىگە قوشۇشقا تىرىشىمىز. ئۇيۇشما ئەزالىرىنىڭ سانى ھەم سۈپىتىنى كۆتۈرۈپ، مىللىي سودا ئۇيۇشمسى تەشكىلاتىنى ئاپتونوم رايوننىڭ مىللىي سودا ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھالىتى ھەم سەۋىيىسىنى ئەكىس ئەتتۈرەلەيدىغان سەۋىيەگە يەتكۈزىمىز.

ئۇيۇشمىمىز ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقىدار ئورۇنلارغا دوكلات سۇندى. شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا «مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى» قۇرۇشنى پىلانلاپ، ئۇيۇشمىنىڭ رولىنى، تەسىرىنى زورايتىپ، ئۇيۇشما ئەزالىرىغا مۇلازىمەت قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز. ھازىر قۇمۇل مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنى قۇرۇش تەستىقلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قوشنا سودا ئۇيۇشمىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ياخشى تەرەپلىرىنى ئۆگىنىپ، مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ خىزمەت سۈپىتى ھەم سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىمىز. بۇ يىل يېڭىدىن 20 دىن 30 غىچە ئەزا كارخانا قوشۇشقا تىرىشىمىز.

ئۈچىنچى، سىياسى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كارخانىلارنى ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.

دۆلەتنىڭ مىللىي كارخانىلارنى يۆلەيدىغان سىياسەت، بەلگىلىمىلىرى كۆپ، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلار رايونلىرىدا، تېخىمۇ كۆپ ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى بار، بىز بۇ خىل سىياسەتلەرنى يىغىپ، رەتلەپ تەتقىق قىلىمىز. مالىيە مىنىستىرلىقى، سودا ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەم باشقا ئورۇنلارنىڭ ھەر يىلى تۈر ئۈچۈن چىقارغان تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرىز بېرىش، ئۆسۈمسىز قەرىز بېرىش، ھەقسىز پۇل ئاجرىتىش سىياسەتلىرى بار. ئۇيۇشما بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ بۇ تەرەپتىكى تەتقىقاتىمىزدا يەنىلا يېتەرسىزلىكلەر ساقلانماقتا، بۇندىن كېيىن بۇ جەھەتلەردىن داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئۇيۇشما ئەزالىرى ئۈچۈن ۋاقتىدا ئۇچۇر مەسلىھەتچىلىكى، مەبلەغ توپلاش، ۋاسىتىچىلىك قاتارلىق مۇلازىمەتلارنى تەمىنلەيمىز.

تۆتىنچى، ئەزا كارخانىلارنى زىيارەت قىلىپ چۈشىنىپ، كارخانىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشىمىز.

ئاساسىي قاتلامنى ئاكتىپلىق بىلەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ۋە زىيارەت قىلىپ، كارخانا يولۇققان قىيىنچىلىقنى چۈشىنىپ، كارخانىنىڭ پىكىر تەلەپلىرىنى ئاڭلايمىز. كارخانىلار ئوتتۇرىغا قويغان ئورتاق مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتكە ۋە ئالاقىدار ئورۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىمىز.

مەلۇم ئۇيۇشما ئەزالىرىنىڭ (بولۇپمۇ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ھەم سىياسى كېڭەش ئەزالىرى) رولىدىن، خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسى كېڭەش قاتارلىق قانۇنلۇق يوللاردىن پايدىلىنىپ، مىللىي كارخانىلارنىڭ ئورۇنلۇق تەلەپلىرىنى ئىنكاس قىلىمىز. شەرتلىرى ھازىرلانغان پىكىرلەر ئۈچۈن تەكلىپ لايىھىسى قۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىغا، سىياسى كېڭەش يىغىنلىرىغا سۇنۇپ، ئالاقىدار ئورۇنلارنى ھەل قىلىشقا ئۈندەيمىز.

بەشىنچى، تەربىيىلەش ۋە كارخانا زىيارىتى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇيۇشمىغا ئەزا كارخانىلارنىڭ رىقابەتلىشىش كۈچىنى ئاشۇرىمىز.

ئۇيۇشما مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، كارخانىلارنىڭ خىيىم - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، يېڭى ۋەزىيەتكە، يېڭى ۋەزىپىگە، يېڭى تەلەپلەرگە ئاكتىپلىق بىلەن ماسلىشىش ئۈچۈن، ئۇيۇشمىغا ئەزا كارخانىلارنىڭ رىقابەتلىشىش كۈچىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىمىز، بۇ ئۆگىنىش تىپىدىكى ئۇيۇشما قۇرۇش ھەم ئۇيۇشمىنىڭ ئەزالار ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلدۇرۇشنىڭ تەلىپى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇيۇشمىمىز ئۆز رولىنى ئاكتىپلىق بىلەن جارى قىلدۇرۇشنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، ئەزا كارخانىلارنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىپ، كەسىپنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلىتىپ ھەم پۇختىلاپ، ساپانى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئىقتىدارى جەھەتتىن ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەت ھەم ۋەزىپە تەلىپىگە ئۈنۈملۈك ماسلىشىپ، تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بۇ يىل ئىككى، ئۈچ قارار تەربىيىلەش كۇرسى ئۇيۇشتۇرۇشنى قولغا كەلتۈرىمىز.

ئۇيۇشما شەرت -شارائىت ھازىرلاپ، ئۇيۇشما ھوقۇقنى قوغداش بۆلۈمى قۇرىدۇ، بۇ بۆلۈم ئۇيۇشما ئەزالىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان، ئۇيۇشما ئەزالىرى ئۈچۈن قانۇندىن مەسلىھەت بېرىدىغان ئورۇن. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ غەيرى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان فاڭجىن-سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، ئۇيۇشما ئەزالىرىنىڭ ئىجرا قىلىشغا پائال يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ھەر خىل سىياسەت، قانۇن، نىزاملارنى ئۆگىنىش تەربىيىلەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇيۇشما ئەزالىرىنىڭ قانۇنىي ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كارخانىنى قانۇنلۇق باشقۇرۇش، قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئەزالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق -مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.

ئەزا كارخانىلارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، قاراتمىلىققا ئىگە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ھەرخىل شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، دوستلۇقنى، كارخانىلار ئوتتۇرىسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات قەدىمىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئەگەر بۇيىل پۇرسەت يار بەرسە، ئۇيۇشمىمىز ئەزالارنى ئىچكىرىگە ۋە چەت ئەلگە چىقىپ ئېكىسكۇرسىيە قىلىش - كۆزىتىش ئېلىپ بېرىشقا تەشكىللەپ، ئىچكىرى ۋە چەت ئەلدىكى كارخانىلارنىڭ كارخانا باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىمىز.

ئالتىنچى، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىدا «شىنجاڭ كارخانىچىلار ساداسى» پروگراممىسىنى داۋاملىق تەسىس قىلىپ، تور بېكەتنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇيۇشما ھەم ئۇيۇشمىغا ئەزا كارخانلارنىڭ تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىمىز.

مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ ئوبرازى مۇھىم بولغان شەكىلسىز مۈلۈك، مىللىي سودا كارخانلىرىنىڭ تەرەققىياتى ھەم يۆنىلىشى مۇقەررەر ھالدا جەمئىيەتنىڭ زور دىققەت- ئېتىبارىنى قوزغايدۇ. شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، 2015-يىلى يەنە داۋاملىق ھالدا، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ «شىنجاڭ كارخانىچىلار ساداسى» پروگراممىسىنى تەسىس قىلىمىز.

بۇ پروگراممىدىن پايدىلىنىپ، ئەزا كارخانىلارنىڭ رىقابەت كۈچى ھەم ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئۇيۇشمىغا ئەزا كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاخبارات تاراتقۇ ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيۇشمىغا ئەزا كارخانىلار ۋە كارخانا باشقۇرغۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق -مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئۇيۇشمىغا ئەزا كارخانىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

توربەتنىڭ ئەپچىل، قۇلايلىق بولۇش، ئىشلىتىلىشچان بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئېتىبار بېرىپ، دەل ۋاقتىدا ئۇچۇر تارقىتىپ، خىزمەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەزالارنىڭ ھەممىسىنى قاتناشتۇرۇپ، تور بەتنىڭ ئۇيۇشما ۋە ئۇيۇشما ئەزالىرىنى تەشۋىق قىلىش رولىنى جارىي قىلدۇرىمىز.

يەتتىنچى، ئۇيۇشما كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئىچكى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئۇيۇشما ئەزالىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش رولىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرىمىز.

2015-يىل ئۇيۇشما كاتىبات باشقارمىسى «ئەمەلىي ئىش قىلىش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش، كەسپىي بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش» مەقسىتى بويىچە، ئۇيۇشما ئەزالىرى ئۈچۈن چوڭقۇر مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىچكى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇيۇشمىنىڭ ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

2015-يىلى ئۇيۇشما داۋاملىق «مۇلازىمەت كۆزنىكى، ھۆكۈمەت كارخانا ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈك، ئۇچۇر سۇپىسى» قاتارلىق ئۈچ چوڭ ئىقتىدارىنى چۆرىدەپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ. بۇ پىلانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھازىرقى خىزمەتچىلەرنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىللە، يۇقىرى مۇئاش بىلەن ئىقتىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇيۇشما كاتىبات باشقارمىسىنىڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىدۇ.

ئۇيۇشما ئەزالىرىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش، خىزمەتنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، كاتىبات باشقارمىسى قارىمىقىدا تۆۋەندىكى 6 ئورۇننى تەسىس قىلماقچى: مەمۇرىي باشقۇرۇش بۆلۈمى، ھوقۇقنى قوغداش مۇلازىمىتى بۆلۈمى، پائالىيەت-پىلانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش بۆلۈمى، ئەزا تەشكىللەش بۆلۈمى، تۈر ھەمكارلىقى بۆلۈمى، جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرى بۆلۈمى قاتارلىقلار. شۇنداقلا، جەمئىيەتتىن ھەر بىر بۆلۈمگە بىردىن بۆلۈم باشلىقى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرماقچى، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانىنى ئالاقىدار تور بەتلەردە ئېلان قىلىندى، كۆپچىلىكنىڭ قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

سەككىزىنچى، مىللى كارخانىلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، جەمئىيەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىغا ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكومنىڭ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى توغرىسىدىكى تەلىپىگە ئاساسەن، يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماقلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ياردىمى، يېتەكلىشى ئاستىدا، شەرتلىرى توشقان ئۇيۇشمىغا ئەزا كارخانىلار ئىچىدە پارتىيە تەشكىلاتىنى قۇرۇشىنى تەلەپ قىلىمىز. ئۇيۇشما خىزمەتچىلىرى ئىچىدىن پارتىيەنى ھىمايە قىلىدىغان، ۋەتەننى سۆيىدىغان ئىلغار ئاكتىپلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىغا كىرگۈزىمىز.

مەدەنىيەت ئاساسى بولمىغان كارخانا ھەقىقىي كۈچلۈك كارخانا بولالمايدۇ. ھەر قايسى ئەزا كارخانىلار چوقۇم سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرو قىممەت قارىشىنى جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەتچىلەر ئۈچۈن ياخشى ئۆگىنىش شارائىتى يارىتىش، مول مەزمۇنلۇق جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىققا پايدىلىق پائالىيەتلەرنى كۆپلەپ ، پائال قانات يايدۇرۇش، ئىلغار ئىدىيە بىلەن بىلەن، يېڭىچە ئەمگەك مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ئاكتىپلىق بىلەن ئىزدىنىپ، خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئۇيۇشمىمىز ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پاراۋانلىق ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇيۇشمىمىز ھەم ئۇيۇشمىغا ئەزا كارخانىلار ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى خەلققە، نامرات جايلاردىكى ئوقۇشسىز قالغان بالىلارغا، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرگە، خەيرى-ساخاۋەت ئورۇنلىرىغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىدۇ.

قىسقىسى، بىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزىم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكى، سوتسىيالىستىك تۈزۈم، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى شۇنداقلا ھەر مىللەت خەلقى ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش ۋە ئورتاق گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىپ، چېگرىنى مۇستەھكەملەش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ يولغا قويۇشتا قەتئىي چىڭ تۇرىمىز. پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مىللىي سودا كارخانىلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، ھۆكۈمەت بىلەن قويۇق ئالاقە ئورنىتىپ، مىللىي كارخانىلارنىڭ مىللىي ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداپ، مىللىي كارخانىلارنى قانۇنلۇق تىجارەت قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا بازار ئىقتىسادىي تەرتىپىنى قوغداشقا يېتەكلەپ، ياخشى ئوبراز تىكلەپ، بارلىق كۈچلەرنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ، مىللىي كارخانىلارنىڭ ساغلاملىق، تەرتىپلىق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز

باشبەت ئۇيۇشما ھەققىدە مەسلىھەت ئالاقىلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ
مەزكۇر تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : 新疆维吾尔自治区民贸商会 گە تەۋە
شىركەت ئادرىسى : ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 544-نومۇر رۈيدا Aبىنار 12-قەۋەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مىللىي سودائۇيۇشمىسى
تېلفون : 8532089،2803532، 8522310 -0991 فاكىس : 0991-8532089,微信平台:xjuyuxma ئېلخەت ئادىرىسى : 1355084672@qq.com 
تور بىكەت ئادرىسى : www.uyuxma.com بېيئەن ICP نومۇرى : 新ICP备13001466号-1