ساقلىۋىلىڭ باشبەت قىلىڭ 中文 ئۇيغۇرچە
ئەزا كارخانىلار
  قاراماي شەھەر مايتاغ مەخسۇت سودا چەكلىك 
  ئەرقال كاپىتالى
  ھەدىيە كۆز كىسەللىك دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ لوڭبو مەبلەغ سىلىش شىركىتى
  ئۈرۈمچى قۇتيار پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چە
  شىنجاڭ ئىپار بىيو - تېخنىكا تەرەققىيات چ
  شىنجاڭ بۇغدا دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ ئامىنە ئالاھىدە يېزائىگىلىك يۇقۇر
  ئۇيۇشمىغا ئەزا بىر قىسىم  كارخانىلار تېز
تەمىنلەش ئۇچۇرى
  يۇقىرىقى تاغدىكى قار تېيى
  10 - ئاينىڭ31- كۈنى 
  شىنجاڭ قەرز سوممىسى تۇنجى قېتىم تىرلىيون
  جۇڭگو مۇلازىمەت داڭلىق ماركا يېغىنى مۇلا
  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇنجى با
ئېھتىياج ئۇچۇرى
 
  ئۇيۇشما خەۋەرلىرى
2014-يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى
يوللىغۇچى:admin; يوللىغان ۋاقتى:2015/8/4 11:29:47ئاۋاتلىقى:1405قېتىم

2014-يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى

2014-يىل مىللىي سودا ئۇيۇشمىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 3-يىلى، شۇنداقلا ئۇيۇشما تېز تەرەققي قىلغان بىر يىل. 2014-يىلى، ئۇيۇشمىمىز ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى رەھبەرلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى رەھبەرلىرىنىڭ يېتەكلەپ ياردەم بېرىشى، ھەر ساھەدىكى دوسىتلارنىڭ قوللىشى، رادىل ئابلا باشچىلىقىدىكى ئۇيۇشما رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىنىڭ توغرا يېتەكلىشى، ئۇيۇشما ئەزالىرىنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى ئاستىدا، ئۇيۇشما نىزامنامىسى ھەم ئۇيۇشما قۇرۇلغاندا تۈزۈلگەن پىلانلارغا ئاساسەن، خىزمەتلەرنى پائال ياخشى ئىشلىدۇق. ئەزا كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا، ئەزالار ئۈچۈن سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىشنى ئاساسى مەقسەت قىلىپ، ئۇيۇشما ئەزالىرىنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇپ ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش، ئۇيۇشما مەنبەسىدىن ياخشى پايدىلىنىش، ئەزا كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، جەمئىيەت پاراۋانلىقى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئېلىپ باردۇق، ئۇيۇشمىنىڭ يىللىق پىلانى ھەم تەلىپىگە ئاساسەن، بۇ يىلقى خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ئىنچىكە ئىشلەپ، ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىپ ئەمەلىيلەشتۈردۇق ھەمدە بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇيۇشما خىزمەتلىرىنى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈردۇق. كونكرېت خىزمەت خۇلاسىسى تۆۋەندىكىچە:

بىرىنچى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ۋە ئەزالار يىغىنىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا چاقىردۇق.

2014-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ۋە ئەزالار يىغىنى ئاچتۇق. بۇ يىغىندا ئۇيۇشما قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئىككى يىللىق خىزمەتلەر يەكۈنلىنىپ، 2014-يىللىق ھەم بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى جۈرئەت ئىمىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، ئۇيۇشمىغا ئەزا كارخانىلارنىڭ ھەر ساھەدىكى تىرىشچانلىقلىرى ۋە تۆھپىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەمدە ئۇيۇشمىنىڭ ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى تەكىتلىدى. بۇ قېتىملىق يىغىننى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشتەك مۇھىم رولغا ئىگە دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.

ئۇيۇشما رەھبەرلىرىنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، ئۇيۇشمىنىڭ خىزمەت ئورنىنى «رۇيدا چېگرا رايون دۇنيا سودا مەركىزى» نىڭ 12-قەۋىتىگە ئۆزگەرتتۇق، كۆلىمى 172 كۇۋادىرات مېتىر(خىزمەت ئورنى100 كۇۋادىرات مېتىر، كارىدور 27 كۇۋادىرات مېتىر، يىغىن زالى 24 كۇۋادىرات مېتىر) كېلىدۇ.2014 -يىلى 8-ئايدىن باشلاپ، يېڭى خىزمەت ئورنىدا خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتىمىز.

ئىككىنچى، ئۇيۇشمىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتتۇق.

ئۇيۇشمىنىڭ رەھبەرلىك بەنزە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۇيۇشما ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل. ھازىر ئۇيۇشما رەھبەرلىك بەنزىسىگە ئەزا تولۇقلاپ، يېڭىدىن 8 نەپەر مۇئاۋىن ئۇيۇشما باشلىقىدىن يۇقىرى بولغان ئەزا قوشۇلۇپ، 37 نەپەر ئەزادىن تەشكىللەنگەن ئۇيۇشما رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلدى (2015-يىلى2-ئايدا 38 نەپەرگە يەتتى ). ئۇيۇشما باشلىقلىرىنىڭ بىر ئورتاق ئارزۇسى شۇكى: ئۇيۇشما ئەزالىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى يەردە قويماي، ئەتراپلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، كۆپلەپ ياخشى ئىش قىلىپ، تىرىشىچانلىق كۆرسىتىپ، ئۇيۇشمىنى ئەزالارنىڭ ئارزۇسىدىكىدەك ئۆيگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.

ئۈچىنچى، ئالاقىدار باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىنى تۈزىدۇق.

ئۇيۇشمىنىڭ خىزمەت پىلانى ھەم «مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ 2012-يىلدىن 2016-يىلغىچە بولغان خىزمەت ئومۇمى پىلانى» دىكى ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى ئۈچۈن، ئۇيۇشما باشلىقى قەرەللىك خىزمەت يىغىنى تۈزۈمىنى بېكىتتۇق. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ھەر ئايدا بىر قېتىم ئۇيۇشما باشلىقى خىزمەت يىغىنى چاقىرىپ، ئۇيۇشما خىزمىتىنىڭ ئېلىپ بېرىلىش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا مۇزاكىرە ھەم تەتقىق قىلدۇق. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى مەسىلە ۋە يېڭى تەلەپكە ئاساسەن، يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى تۈزۈپ، ئۇيۇشمىنىڭ ھەر تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلدۇق. ئۇيۇشما كاتىبات باشقارمىسى يىغىندىن بۇرۇن ياخشى تەييارلىق قىلىپ، يىغىندىن كېيىن نازارەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدۇق. يىغىن خاتىرىسى قالدۇرۇپ ئۇيۇشما ئەزالىرىغا تارقىتىپ، ئۇيۇشما خىزمىتىنىڭ دېموكراتىيەلىشىشى ۋە ئاشكارا بولۇش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈردۇق.

تۆتىنچى، ئۇيۇشمىنىڭ تەشكىللەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇيۇشما ئەزالىرى قوشۇنىنى كۈچەيتتۇق.

ئۇيۇشمىنى ئۈزلۈكسىز تەشۋىق قىلىپ، خىزمەتچىلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئالاقىلىشىپ ماسلاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە يېڭى ئەزالارنى راۋاجلاندۇرۇش خىزمىتى ئېلىپ باردۇق. بۇيىل يېڭىدىن 12 ئەزا كارخانا قۇبۇل قىلىنىپ، يەنە نۇرغۇنلىغان كارخانىلار بىزگە ئەزا بولۇشنى ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ.

بەشىنچى، شىنجاڭ مىللىي سودا بىناسى ۋە شىنجاڭ مىللىيچە يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيەت مەركىزى تۈرى قۇرۇلۇشىغا تىرىشىپ مەبلەغ توپلاۋاتىمىز.

شىنجاڭ مىللىي سودا بىناسى ۋە شىنجاڭ مىلليچە يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇش ھەممە ئەزالارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ئۇيۇشما ئۇيۇشما بەش يىللىق پىلاننىڭ مۇھىم نىشانلىرىنىڭ بىرى. شىنجاڭنىڭ مىللىي خاسلىققا ئىگە بولغان ساياھەت ئاساسى كۈچلۈك، ئارتۇقچىلىقى روشەن، بۇتەرەپنى تەشۋىق قىلىش، شىنجاڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىش، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەمدە تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىش ئۈچۈن، بىز ئاپتونوم رايون ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىغا «شىنجاڭ مىللىي سودا بىناسى»، «شىنجاڭ مىللىيچە يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيەت مەركىزى» توغرىسىدا دوكلات سۇندۇق ھەم ئاپتونوم رايونلۇق سىياسى كېڭەش، ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىگە دوكلات بېرىپ، ئۇلارنىڭ كۈچلۈك قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشتۇق. يەر ئېلىش ئىشلىرى كۆپ تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە چېتىشلىق بولغاچقا، ئەلۋەتتە ئاسانلا قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ، بىراق بىز ھازىرمۇ بۇ ئىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز.

ئالتىنچى، مىللي سودا ئۇيۇشما ئەزالىرى بىرلىكتە مەبلەغ سېلىپ قۇرغان «شىنجاڭ مىللىي سودا مەبلەغ سېلىش پاي چەكلىك شىركىتى» ئۇيۇشما ئەزالىرى ئۈچۈن يېڭى مەبلەغ سېلىش سەھنىسى يارىتىپ بەردى.

ئۇيۇشما ئىجتىمائىي تەشكىلات بولغانلىقى ئۈچۈن، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئۈستىگە ئالسا بولمايدۇ. ئۇيۇشمىغا ئەزا كارخانىلارنىڭ مەبلەغ، ئىختىساسلىقلار، رايون ۋە فېلولوگىيەلىك ئەۋزەللىكىنى جارىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، كۆپ قىسىم ئەزالارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، ئۇيۇشما باشلىقى خىزمەت يىغىنىدا، ئۇيۇشمىنى ئاساس قىلغان «شىنجاڭ مىللىي سودا مەبلەغ سېلىش پاي چەكلىك شىركىتى» قۇرۇش قارار قىلىنىپ، ئۇيۇشما ئەزالىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى مەبلەغ سېلىشى ئۈچۈن يېڭى بىر سەھنە ھازىرلاندى. «شىنجاڭ مىللىي سودا مەبلەغ سېلىش پاي چەكلىك شىركىتى» نىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن، تېخىمۇ كۆپ مىللىي كارخانىلارنىڭ ئۆز قابىلىيىتىنى نامايەن قىلىدىغان يېڭى سەھنە كۆپەيدى. «كۈچ بىرلىكتە، ئىش ئۆملۈكتە» دېگەندەك، ئەزا كارخانىلارنىڭ مەبلىغى، ماددىي كۈچى ۋە ئەقىل-پاراسىتىنى توپلاپ، ئەزالار ئىتتىپاقلىشىپ، بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك، بۇ سۇپىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

يەتتىنچى، ئۇيۇشمىنىڭ تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، تەسىر كۈچىنى ئاشۇردۇق.

ئۇيۇشمىنىڭ يىللىق پىلانىغا ئاساسەن، ئۇيۇشمىنىڭ تور بەت ئىشلىرىنى پائال ياخشى ئورۇنلىدۇق، ھازىر ئۇيۇشمىنىڭ تور بېتى نورمال مېڭىۋاتىدۇ. تور بېكىتىنىڭ ئېچىلىشى، ئۇيۇشما ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، شىركەت ئوبرازىنى تەشۋىق قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ئۇيۇشما تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەزا كارخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش تەجرىبىسى ۋە ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نەتىجىلىرى توغرىسىدىكى ماتېرىياللارنى توپلاپ، شىنجاڭ مىللىي كارخانىلار تەشۋىقات توپلىمىنى تۈزۈپ چىقتۇق، ھازىر دەسلەپكى نۇسخىسى پۈتۈپ، ماتېرىيالنى سېلىشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. مەزكۇر توپلام شىنجاڭدىكى مىللىي كارخانىلارنىڭ مەنبەدىن تەڭ پايدىلىنىش، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، جۇڭگودا شۇنداقلا چەت ئەللەردە تەشۋىق قىلىش، پايدىلىنىش ئەھمىيىتىگە ئىگە.

ئۇيۇشمىنىڭ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەر يىلى شىنجاڭ بويىچە چاقىرىلىدىغان يىغىنلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيۇشما رەھبەرلىك بەنزىسى يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى جايلارنىڭ ۋەكىللىرىنى سۆھبەتلىشىشكە تەكلىپ قىلىپ، ئۇيۇشمىنىڭ خىزمەت ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇردى. ھازىر قۇمۇل، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى كارخانىلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى قۇرۇشنى تەلەپ قىلماقتا. بۇ يىل قۇمۇل مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى تەستىقلىنىپ قۇرۇلدى. قۇمۇل مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى كوللېكتىپ ئەزا شەكلىدە ئۇيۇشمىمىزغا ئەزا بولۇپ، قۇمۇل مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۇيۇشما باشلىقى ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار كېڭەش ئەزاسى بولىدۇ. ئېچىلىش ھەم تەبرىكلەش مۇراسىمنىڭ ئىشلىرى ھازىر تەييارلىق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق مىللي سودا ئۇيۇشمىمىز قۇمۇل مىللي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ خىزمىتىگە يېقىندىن ياردەملىشىدۇ، ئۇيۇشما رەھبەرلىك بەنزىسى ھەم باشقا ئەزالار قۇمۇل مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.

سەككىزىنچى، «جۇڭگودىكى شانلىق ئىشلار، جەنۇبىي شىنجاڭغا سەپەر» تېمىسىدىكى پائالىيەتتە، ئۇيۇشما ئاكتىپلىق بىلەن جەمئىيەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىغا قاتناشتى.

2014-يىلى 8 – ئاينىڭ 12 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شانلىق ئىشلار پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى ھارپىسىدا، «جۇڭگودىكى شانلىق ئىشلار، جەنۇبىي شىنجاڭغا سەپەر» تېمىسىدىكى پائالىيەت قەشقەردە داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى رەھبەرلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، رادىل ئابلا باشچىلىقىدىكى 17 نەپەر ئۇيۇشما رەھبەرلىك بەنزىسى پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ھەمدە يىغىن ئورۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، يىغىننىڭ يۈكسەك ئېتىبار بېرىشىگە ئېرىشتى. قىسقىغىنە بىر نەچچە كۈندە، ئۇيۇشما باشلىقلىرى بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە قاتناشقان شىنجاڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى كارخانىچىلار بىلەن تونۇشۇپ، ئالاقە ئورنىتىپ، ئۇيۇشمىنى تەشۋىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىغا ئەزا كارخانىلار بىلەن شىنجاڭ ئىچى -سىرتىدىكى باشقا كارخانىلار ئوتتۇرىسىدىكى تونۇشۇشنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بىز يەنە قەشقەر سودا ئۇيۇشمىسى، ئاتۇش فۇجياڭ مېۋىچىلىك چەكلىك شىركىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئېلىپ بېرىپ، مىللىي كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى تەجرىبە ھەم ساقلانغان مەسىلىلەر توغۇرلۇق مۇنازىرىلەشتۇق ھەم پىكىر ئالماشتۇردۇق.

توققۇزىنچى، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇپ، قىزغىنلىق بىلەن جەمئىيەت پاراۋانلىقى خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلدۇق.

ئۇيۇشما ئىجتىمائىي مەسئۇلىيتىنى ئاكتىپ ئادا قىلدى. 2014-يىلى خوتەن كېرىيە ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۇيۇشما نامىدىن 100 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدۇق، «شانلىق ئىشلار، خوتەنگە سەپەر» پائالىيىتىدە، ئۇيۇشما 100 دانە پاختىلىق كىيىم ئىئانە قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىنى قوللاپ، جەمئىيەتنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

ئونىنچى، ئەزا كارخانىلار ئۈچۈن پىكىر ئالماشتۇرۇش سەھنىسى قۇرۇپ، چوڭ –كۈچلۈك كارخانىلارنىڭ بىرلىشىشىگە تۈرتكە بولدۇق.

ئۇيۇشما گەرچە بىر پۈتۈن گەۋدە بولسىمۇ، بىراق ئەزا كارخانىلارنىڭ شوغۇللىنىدىغان ئىشلىرى ھەرخىل ھەم كۆپ تەرەپلىك بولغاچقا، ئادەتتە پىكىر ئالماشتۇرىدىغان پۇرسەت كۆپ بولمايدۇ. ئۇيۇشما ئەزالىرىنىڭ كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، مەنبەدىن ئورتاق پايدىلىنىپ، ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆز-ئارا تولۇقلاپ، ھەمكارلىشىش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ئۇيۇشما ئامالنىڭ بېرىچە بۇ خىل سەھنىنى بەرپا قىلماقتا. بۇ يىل بىز جەمئىي 14 قېتىم تەبرىكلەش ھەم يىغىلىش پائالىيىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇيۇشما ئەزالىرى بۇ پائالىيەتلەردىن پايدىلىنىپ دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇپ، سودا پۇرسەتلىرىنى ياراتتى. شىنجاڭ لۇڭبو مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ شىديەن ئۆي-زېمىن تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ ھەرەمباغ سودا چەكلىك شىركىتى، كورلا گۈزەل زېمىن ئۆي-زېمىن چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق ئالتە كارخانا بۇ خىل دوستلۇقنى كۈچەيتىش پائالىيەتلىرىدە ئۆي-زېمىن، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق تۈرلەردە ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ ماسلىشىپ تەرەققىي قىلدى، بۇنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولدى.

ئون بىرىنچى، ئەزا كارخانىلارغا يۈزلىنىپ، كارخانىلارغا يېقىنلىشىپ، كارخانىلاغا مۇلازىمەت قىلىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردۇق.

زىيارەت ئارقىلىق، ئۇيۇشما ئەزالىرىنىڭ ئۇيۇشمىغا بولغان تەسىرىنى، ئۈمىدىنى ھەم پىكىر-تەكلىپىنى ئاڭلىدۇق، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە باشقۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، بۇ خىل ساھەنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەم كەلگۈسى ئەھۋالى توغرىسىدا مۇزاكىرىلەشتۇق. 2014-يىلى 6-ئايدا ئۇيۇشما باشلىقى رادىل ئابلا ئۇيۇشما رەھبەرلىك بەنزىسىنى باشلاپ مايتاغ، بورتالا ئالاتاۋ ئېغىزى، چۆچەك قاتارلىق جايلارغا باردى، 8-ئايدا، خوتەن، قەشقەر، قاراماي قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، زور كۆلەملىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ، تۈرلۈك مىللىي كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى چۈشىنىپ، كېيىنكى خىزمەتلەرنى قاراتمىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

2014 -يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە، مىللي سودا ئۇيۇشمىسى «شىنجاڭ شانئال ئىگىلىك تىكلەش كەسپىي تەربىيىلەش مەكتىپى» ئۆتكۈزگەن ئوتتۇرا ۋە كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش تېمىسىدىكى مۇنازىرىگە ياردەملەشتى، مۇنبەرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى داڭلىق ئىقتىسادشۇناسلار، پروفېسسورلار نۇتۇق سۆزلىدى. ئارمان شىركىتىنىڭ لېدىرى رادىل ئابلا، بۇغدا دوختۇرخانىسىنىڭ لېدىرى ئەركىن ھاشىم قاتارلىق رايونىمىزدىكى داڭلىق كارخانىچىلار ۋە ئىقتىسادشۇناس ۋەكىللەر يىغىندا نۇتۇق سۆزلەپ، ياخشى باھاغا ئېرىشتى. 2014 -يىل 11-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئۇيۇشما رەھبەرلىرى يەنە ئۇيۇشما ئەزالىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىلىچى شىركىتىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەركىزى، كۆرگەزمە مەركىزى، يېڭى پۈتكەن ئىشخانىلىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى. شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك ساھەسى يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشكەندە، ئۇيۇشمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دولقۇن غۇجىئەخمەت ئىلچىنىڭ بارلىق ئىشچى -خىزمەتچىلىرى بىلەن ئۇيۇشما ئەزالىرىنى شىركىتىگە تەكلىپ قىلىپ، قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلەرگە ئىگە بولدى شۇنداقلا، بۇ پائالىيەت ئەزالارنىڭ بىردەك ماختىشىغا ئېرىشتى.2014- يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ بۇغدا دوختۇرخانىسىنىڭ لېدىرى، ئۇيۇشمىنىڭ دائىمىي ئىشلار مۇئاۋىن ئۇيۇشما باشلىقى ئەركىن ھاشىم، ئۇيۇشما رەھبەرلىك بەنزىسىدىكىلەرگە ئەرلەر ساقلىقنى ساقلاش ساۋاتلىرى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

بايرام ئۆتكۈزگەندە ئۇيۇشما رەھبەرلىك بەنزىسى ئۆز-ئارا پەتىلىشىپ، ھېسسىيات ئالماشتۇرۇپ، ئۆز-ئارا سوۋغات ھەدىيە قىلىپ، دوستلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

ئون ئىككىنچى، شىنجاڭ مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىغا ئەزا مىللىي كارخانىچىلار ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا ئوچۇق خەت يازدى.

2014-يىلى3-ئايدا كۇنمىڭدىكى پويىز ئىستانسىسىنى پارتىلىتىش زوراۋانلىق – تېررولۇق ۋەقەسى، 5-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۈرۈمچى باغچا شىمالىي يولىدىكى پارتىلىش زوراۋانلىق – تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بېرىپ، چوڭ كۆلەملىك ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش، مال-مۈلۈك زىيانغا ئۇچراشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ھەمدە جەمىئيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىغا زور تەسىر يەتكۈزدى. بۇ جەرياندا، شىنجاڭدىكى مىللىي سودا كارخانىلىرى ئۆز قەلب سادالىرىنى ياڭرىتى، مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى كاتىبات باشقارمىسى تەييارلىغان ئوچۇق خەت شىنجاڭدىكى مىللىي كارخانىچىلارنىڭ پوزىتسىيەسىنى ئېنىق ئىپادىلىدى.پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ زوراۋانلىق - تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشىنى قوللاش مىللىي كارخانىچىلارنىڭ قەتئىي پۇزىتسىيەسى بولۇپ، مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىمۇ ئوچۇق خەتتىن پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ مىللىي كارخانىچىلارنى ئويغىتىپ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى پائال ئۈستىگە ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ھەم ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشتى.

ئون ئۈچىنچى، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك تاراتقۇ ئورۇنلىرىنىڭ تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ، مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزا كارخانىلىرىنىڭ دۆلەت ئىچى بازارلىرىغا، خەلقئاراغا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولدى.

ئۇيۇشمىمىز شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسى بىلەن ھەمكارلىشىپ «شىنجاڭ كارخانىچىلار ساداسى» پروگراممىسىنى تەسىس قىلدى. پروگرامما 2013-يىل 3-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاڭلىتىش بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، 2013-يىل 3-ئاينىڭ 16-كۈنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىتىش بەردى (ھەر شەنبە كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى 9:30 دىن 10:30 غىچە بولۇپ، ھەر قېتىملىق پروگراممىدا بىر مىللىي كارخانا ۋە كارخانىچىنىڭ تەرەققىياتىنى تونۇشتۇردى، ھازىرغىچە 84 نەپەر مىللىي كارخانىچى ئۆزىنىڭ كارخانىسىنى تونۇشتۇردى).

شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى مىللىي كارخانىچىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش جەريانى، مەھسۇلاتنىڭ ئالاھىدىلىكى، ساھەدىكى ئارتۇقچىلىقى قاتارلىق تەرەپلەردىن تونۇشتۇرۇپ كارخانىنى تەشۋىق قىلدى. پروگرامما كارخانا ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزۈش، ئىدىيىۋى ئاڭ يوللاش، كارخانا مەھسۇلاتىنى، كارخانا مەدەنىيىتىنى، كارخانا ئوبرازىنى تەشۋىق قىلىشتا ئاكتىپ رول ئويناپ، ياخشى ئۈنۈم ياراتتى.

ئون تۆتىنچى،مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مىللىي كارخانىلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى تەلىپىگە ئاساسەن، يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ياردەم بېرىشى، يېتەكلىشى ئاستىدا، مىللىي سودا ئۇيۇشمىمىزنىڭ پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇش شەرت – شارائىتى پىشىپ يېتىلدى. مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى بىلەن شىنجاڭ مىللي سودا مەبلەغ سېلىش پاي چەكلىك شىركىتىدە 4 نەپەر پارتىيە ئەزاسى بار. پارتىيە ئەزالىرى يىغىنىنى ئېچىش ئارقىلىق قادىر ئىسمايىل (مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۇيۇشما باشلىقى ھەم كاتىبات باشلىقى) پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولۇپ سايلاندى. «ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇش دوكلاتى»نى ئاپتونوم رايونلۇق ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلار پارتىيە خىزمەت كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇندۇق.

ئون بەشىنچى، سودا ئۇيۇشمىمىز يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماقلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە پائال قاتناشتى.

بىز ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى ئۆتكۈزگەن ھەرخىل يىغىن، سۆھبەت يىغىنى، تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە قىلىش يىغىنى، مۇنازىرە يىغىنلىرىغا ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشتۇق. مەسئۇل تارماقلار ئورۇنلاشتۇرغان ھەرخىل دوكلات جەدۋىلى ۋە خۇلاسە ماتېرىياللىرىنى ئۆز ۋاقتىدا تاپشۇردۇق.

بۇ ئىككى يىللىق خىزمەتلەرنى ئەسلىسەك، مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ دەسلەپكى تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرۋاتقانلىقىنى، ھەر خىل خىزمەتلەرنىڭ يۇقىرىنىڭ تەلىپى، يېڭى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيات تەلىپى ۋە ئۇيۇشما ئەزالىرىنىڭ ئۈمىدى بىلەن يەنىلا بەلگىلىك پەرق بارلىقىنى ھېس قىلىمىز. بۇندىن كېيىن بىز ئىشىنىمىزكى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە –ھۆكۈمەت رەھبەرلىنىڭ غەمخۇرلۇقى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى رەھبەرلىرىنىڭ كونكرېت يېتەكچىلىكى، بارلىق ئۇيۇشما ئەزالىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، ئۇيۇشمىنىڭ خىزمىتىنى چوقۇم يېڭى بىر سەۋىيەگە كۆتۈرىمىز.

باشبەت ئۇيۇشما ھەققىدە مەسلىھەت ئالاقىلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ
مەزكۇر تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : 新疆维吾尔自治区民贸商会 گە تەۋە
شىركەت ئادرىسى : ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 544-نومۇر رۈيدا Aبىنار 12-قەۋەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مىللىي سودائۇيۇشمىسى
تېلفون : 8532089،2803532، 8522310 -0991 فاكىس : 0991-8532089,微信平台:xjuyuxma ئېلخەت ئادىرىسى : 1355084672@qq.com 
تور بىكەت ئادرىسى : www.uyuxma.com بېيئەن ICP نومۇرى : 新ICP备13001466号-1