ساقلىۋىلىڭ باشبەت قىلىڭ 中文 ئۇيغۇرچە
ئەزا كارخانىلار
  قاراماي شەھەر مايتاغ مەخسۇت سودا چەكلىك 
  ئەرقال كاپىتالى
  ھەدىيە كۆز كىسەللىك دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ لوڭبو مەبلەغ سىلىش شىركىتى
  ئۈرۈمچى قۇتيار پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چە
  شىنجاڭ ئىپار بىيو - تېخنىكا تەرەققىيات چ
  شىنجاڭ بۇغدا دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ ئامىنە ئالاھىدە يېزائىگىلىك يۇقۇر
  ئۇيۇشمىغا ئەزا بىر قىسىم  كارخانىلار تېز
تەمىنلەش ئۇچۇرى
  يۇقىرىقى تاغدىكى قار تېيى
  10 - ئاينىڭ31- كۈنى 
  شىنجاڭ قەرز سوممىسى تۇنجى قېتىم تىرلىيون
  جۇڭگو مۇلازىمەت داڭلىق ماركا يېغىنى مۇلا
  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇنجى با
ئېھتىياج ئۇچۇرى
 
  ئۇيۇشما خەۋەرلىرى
مىللىي كارخانىچىلار ۋەكىللىرىنىڭ خەلقىمىزگە يازغان  ئوچۇق خېتى
يوللىغۇچى:admin; يوللىغان ۋاقتى:2014/7/9 19:41:14ئاۋاتلىقى:1947قېتىم

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى باشچىلىقىدىكى 150دىن ئارتۇق شىنجاڭدىكى مىللىي كارخانىچىلار ۋەكىللىرىنىڭ خەلقىمىزگە يازغان ئوچۇق خېتى

ــــ شانلىق يىپەك يولىدىكى يۈكسەك مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەت

ئەسسالامۇئەلەيكۇم قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم:

سىز ۋە مېنىڭ ئەتراپىمدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان شۇ پاجىئەلەرنىڭ يۈرەكنى ئەزگۈدەك ئازابى، دەھشەتلىك ئېچىنىش تۇيغۇسى بىزنى مۇشۇنداق ئېغىز ئاچۇرۇپ قويدى. ئىنسان ھاياتىدا كۆپ قىيىنچىلىقلارغا، كېلىشمەسلىكلەرگە ئۇچرايدۇ، ئەمما ئۆز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قارىغۇلارچە ئېلىپ بارغان قىلمىشلىرى بىزنى ئىنسان ئۆمرىدە ئۇچرايدىغان تەبىئىي كېلىشمەسلىكلەردىن ئېلىپ چىقىپ، چىدىغۇسىز ئازابقا ۋە ئېچىنىش پۇشايمان ئوتىغا تاشلىدى. بىر مۇشۇنداق مىللەتمىدۇق؟ بىز تارىختا ئاجايىپ شانلىق ۋە ئۇلۇغ مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى يارىتىپ دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىدىن ئورۇن ئالغان ئۇيغۇر ئەمەسمىدۇق؟ بىز قەدىمى يىپەك يولىنىڭ كارۋانلىرى ئەمەسمىدۇق؟ ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە شۇ بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ بىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىمىزنى ئۆز قولى بىلەن بۇلغىشىغا بىز سۈكۈت قىلىپ تۇرۇپ بولالماي ئۆز گېپىمىزنى باشلاپ قالدۇق.

ئۆتكەن تارىخىمىزغا شۇنداق قارايدىغان بولساق، ئەجدادلىرىمىزنىڭ شۇ كارۋانلىرىمىزنىڭ ئالەمگە مەشھۇر بۈيۈك يىپەك يولىنى بەرپا قىلىپ، مەشرىق بىلەن مەغرىپ مەدەنىيىتىنىڭ قوشۇلۇشى ۋە بىرىكىشى ئۈچۈن ئۆلمەس داستانلارنى قالدۇرغانلىقىنى، پەخىرلىنىپ تۇرۇپ ئۆزىگە «ئۇيغۇر» دەپ ئات قويۇپ، پۈتۈن دۇنياغا ئۆزىنىڭ ئوغۇز سۈتىدەك پاك، ئىتتىپاق، ئۇيۇشقاق، تېنچلىقنى سۆيىدىغان مىللەت ئىكەنلىكىنى جاكارلىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز! يېقىنقى تارىخلىرىمىزنى ۋاراقلايدىغان بولساقمۇ، موسابايوف قاتارلىق چوڭ بايلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى قارا قورساقلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا قانچىلىك ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنى ھەم كۆرۈپ تۇرالايمىز. دۇرۇس، ئۇيغۇر مىللىتى مەدەنىيەتلىك، بىلىمخۇمار، مېھماندوست، ئاقكۆڭۈل مىللەتمىز، لېكىن، قايسى چاغلاردىندۇر، بىز بىر خىل غەلىتە پىسخىكىنىڭ چىرىتىشىگە دۇچار بولدۇق. مىللىتىمىزنىڭ ئىچىدە غالجىر ۋە قەبىھ كۆلەڭگىلەر كۆپىيىشكە باشلىدى. ئۇلار ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت ئاجايىپ مۇقەددەس بىر دىننىڭ تونىغا ئورۇنۇۋېلىپ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان تېررورلۇق ئۇسۇلى بىلەن بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئىنسان ھاياتىنى دەپسەندە قىلدى. ياراتقۇچىنىڭ ئۇلارغا بەرگەن ياشاش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلدى.

مەنمۇ بىر شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇر ئوغلانى بولۇش سۈپۈتۈم بىلەن خېلى كۆپ كەچۈرمىشلەرنى بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم، ھەر قېتىملىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھۇجۇملىرى دەھشەتلىك پارتلىغان بومبىغا ئوخشاش يۈرىكىمنى ئەزدى. خەلقىم، مىللىتىم ئۈچۈن دەپ قۇرغان شىركەت كارخانىلارمۇ ئەلۋەتتە بۇنداق زوراۋانلىقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. ئۇيغۇر خەلقىمىزنى دۇنياغا تونۇتۇش ئۈچۈن ماڭغان قەدەملەرمۇ بۇ دەھشەتلىك بوراننىڭ تەسىرىدىن ئاجىزلاشتى. چۈنكى كەڭ ئاۋام ئەركىن - ئازادە يۈرەلمەيدىغان، ھەتتا قولىدىكى ئىشنىمۇ خاتىرجەم قىلالمايدىغان يەرگە بېرىپ يەتتى. بىزنىڭ ئىلگىرىكى قولغا كەلتۈرگەن ئىززەت - ھۆرمەتلىرىمىز يوقىلىشقا قاراپ يۈزلەندى. زوراۋانلارنىڭ جىنايەتلىك قىلمىشى سەۋەبىدىن ھەممەيلەننىڭ دىلى ئازار يېدى، غەم – ئەندىشىمىز كۆپەيدى. شۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قىلىدىغان سودىلىقلىرى قالدى. بايراملىرى ماتەم بولدى. شۇ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز دېگەن مىللىي كارخانىچىلىرىمىزنىڭ بېشى ساڭگىلىدى. باشقىلار بىزدىن: «شىنجاڭغا نېمە بولدى؟ مىللىتىڭلارغا نېمە بولدى؟» دەپ سورايدىغان بولدى. بىر - بىرىگە ئۇلىشىپ يۈز بېرىۋاتقان تېرورلۇق ھۇجۇملىرى سەۋەبلىك بىر- بىرىمىزنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىيالمايدىغان بولدۇق.

ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مەسىلىلەرنى ئەقىل بىلەن ئويلىشىمىز، بولۇپمۇ مىللىي ئەنئەنىنىڭ يېڭى زاماندىكى يارقىن نامايەندىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئاسايىشلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىمىز، شۇنداقلا، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىمىز بار.
 ئەمدى بىز ئىشنى ئۆزىمىزدىن، ئۆزىمىزنىڭ كارخانا شىركىتىدىن باشلىشىمىز كېرەك.

مۇبادا سىز بىر كارخانا رەھبىرى بولسىڭىز، ئالدى بىلەن پاك - دىيانەتلىك، سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك ياخشى يول باشلىغۇچى بولۇڭ، ئۆزىڭىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋتقان خىزمەتچىلىرىڭىزنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىڭ! ئۇلارنى سىزگە ئەگىشىپ، توغرا، داغدام يولدا ماڭالايدىغان قىلىڭ؛ ئۆز خېرىدارلىرىڭىزغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىڭ، ئۇلارنىڭ سىزگە بولغان ئىشەنچىسىدىن پايدىلىنىۋالماڭ! مۇبادا سىز ئادەتتىكى بىر كارخانا خادىمى بولسىڭىز، سەمىمىي بولۇڭ، كارخانىنىڭ، سىزگە ئىشىنىپ مۇشۇ خىزمەتكە قويغان شۇ رەھبىرىڭىزنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، ئۆز مەنپەئەتىڭىز ئۈچۈن تىرىشىڭ! مۇبادا سىز تېخى بىر يېڭى ئۆگەنگۈچى بولسىڭىز، ياخشى تىرىشىپ ئۆگۈنۈڭ! مىللەتنىڭ ئىلگىرىلىشى، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، تەرەققىي قىلىشى بىلىمدىن ئايرىلالمايدۇ. پەقەت بىلىملا بىزنى بىھۇدە قۇربان بېرىشتىن قالاقلىقتىن قۇتۇلدۇرالايدۇ. ناۋادا سىز ئادەتتىكى پۇقرا، ھەقىقىي ئەركەك، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان تەقۋادار مۇسۇلمان بولسىڭىز، قۇياش نۇرى ئاستىدىكى مەسچىدكە كىرىڭكى، ھەرگىزمۇ قاراڭغۇ بۇلۇڭ - پۇشقاقلاردا قانۇنسىزلىق بىلەن دىنىي ئەھكاملارنى ئۆزىنىڭ شەخسى مۇددىئاسىغا بۇرمىلاپ ئۆگىتىدىغان ئورۇنلارغا قەدەم قويماڭ؛ چەت ئەللەردىن ئوغرىلىقچە ئېلىپ كىرىلگەن ياكى يامان نىيەتلىك ساختىپەزلەر تەرىپىدىن قاراڭغۇ بازارغا سېلىنىۋاتقان، زوراۋانلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان كىتابلار ۋە سىن بۇيۇملىرىدىن نېرى تۇرۇڭ. ئىگىسى ياراتقان بارلىق جانلىقلارغا ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەملەرنىڭلا ئاللانىڭ مەرھەمىتىگە نائىل بولالايدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ؛ ئابدۇقادىر داموللامنىڭ «مىللەتنىڭ خار ۋە زەبۇن بولمىقىغا بائىس نېمىدۇر؟» دېگەن سوئالغا جاۋاپ بېرىپ: «ئىككى نەرسىدۇر، بىرى، جاھىللىق ۋە نادانلىقتۇر، ئىككىنچىسى، تەپرىق ۋە ئىختىلاپتۇر. ھەر قەۋىم، ھەر مىللەتنىڭ خار ۋە زەبۇن بولمىقىغا بائىس نادانلىق ۋە ئىتتىپاقسىزلىقتۇر» دېگەنلىرىنى؛ «ئىززەت - ئابرۇي ۋە قۇۋۋەت نېمە بىلەن بولۇر؟» دېگەن سوئالغا: «ئىلىم - مەرىپەت ۋە ئىتتىپاقلىق بىلەن بولۇر، بۇنىڭ ئۈچۈن جانابىي ھەق بىزنى ئىتتىپاق بولۇشقا ئەمىر قىلغاندۇر» دەپ بەرگەن جاۋابىنى زېھنىڭىزدە تۇتۇڭ.بىز ئۈچۈن ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ساۋاپ بولمايدۇ.
شۇ تاپتا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كارخانا ۋەكىللىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مىللىتىمىزنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان دىشۋارچىلىقلاردىن چوڭقۇر ئېچىنىدىغانلىقىمىزنى بايان قىلىش بىلەن بىللە، تارىخىي بۇرچ ۋە رېئال مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتمەكتىمىز. ئۆزىنىڭ بۇرچىنى تونۇمايدىغان ھەم ئۆزىنىڭ تەقدىرىگە مەسئۇل بولمايدىغان مىللەتنىڭ ئىستىقبالى بولمايدۇ. ئۆز مىللىتىنىڭ ئاسايىشلىقى ۋە بەخت - سائادىتى ئۈچۈن جان كۆيدۈرمىگەن ھەرقانداق بىر كارخانىچى سودىگەر-باينىڭ كەلگۈسى بولمايدۇ. بىزدە ئۇيغۇر مىللىتىنى تېخىمۇ پارلاق، تېخىمۇ سەلتەنەتلىك كەلگۈسىگە يېتەكلەش مەسئۇلىيىتى زېممىمىزنى ھەرۋاقىت بېسىپ تۇرىدۇ.
  قېرىنداشلار! ئاكا-ئۇكىلار! كەلگۈسى ۋە ئىستىقبال بىزگە قۇچاق ئېچىۋاتقان مۇشۇ دەقىقىلەردە، بىر ئوچۇم تېررورچىلارنىڭ رەزىل مەقسەتلىرى ئۈچۈن مىللىتىمىزنى نابۇت قىلىشىغا قاراپ تۇرمايلى! يىپەك يولىدا جۇلالانغان، دەۋرسېرى ئىلگىرىلەپ ماڭغان شانلىق مەدەنىيىتىمىز ۋە پارلاق كەلگۈسىگە بارالايدىغان مۇستەھكەم ئىرادىمىزگە تايىنىپ، مىللىتىمىزنىڭ يارقىن كارخانا ئوبرازىنى يارىتايلى!

2014 - يىلى 6-ئاينىڭ 28- كۈنى

باشبەت ئۇيۇشما ھەققىدە مەسلىھەت ئالاقىلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ
مەزكۇر تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : 新疆维吾尔自治区民贸商会 گە تەۋە
شىركەت ئادرىسى : ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 544-نومۇر رۈيدا Aبىنار 12-قەۋەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مىللىي سودائۇيۇشمىسى
تېلفون : 8532089،2803532، 8522310 -0991 فاكىس : 0991-8532089,微信平台:xjuyuxma ئېلخەت ئادىرىسى : 1355084672@qq.com 
تور بىكەت ئادرىسى : www.uyuxma.com بېيئەن ICP نومۇرى : 新ICP备13001466号-1