ساقلىۋىلىڭ باشبەت قىلىڭ 中文 ئۇيغۇرچە
ئەزا كارخانىلار
  قاراماي شەھەر مايتاغ مەخسۇت سودا چەكلىك 
  ئەرقال كاپىتالى
  ھەدىيە كۆز كىسەللىك دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ لوڭبو مەبلەغ سىلىش شىركىتى
  ئۈرۈمچى قۇتيار پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چە
  شىنجاڭ ئىپار بىيو - تېخنىكا تەرەققىيات چ
  شىنجاڭ بۇغدا دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ ئامىنە ئالاھىدە يېزائىگىلىك يۇقۇر
  ئۇيۇشمىغا ئەزا بىر قىسىم  كارخانىلار تېز
تەمىنلەش ئۇچۇرى
  يۇقىرىقى تاغدىكى قار تېيى
  10 - ئاينىڭ31- كۈنى 
  شىنجاڭ قەرز سوممىسى تۇنجى قېتىم تىرلىيون
  جۇڭگو مۇلازىمەت داڭلىق ماركا يېغىنى مۇلا
  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇنجى با
ئېھتىياج ئۇچۇرى
 
  ئۇيۇشما خەۋەرلىرى
ئۇيۇشما قۇرۇلغانلىقىنىڭ 2 يىللىقىدا بېرىلگەن  دۇكلات 
يوللىغۇچى:admin; يوللىغان ۋاقتى:2014/7/8 20:44:23ئاۋاتلىقى:2421قېتىم

سەمىمىي ئىتتىپاقلىشىپ، ئىناق ئۆتۈپ، ئورتاق مەنپەئەتلىنىپ

شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا يېڭى تۆھپە قوشىمىز

−شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 2 يىللىقىنى تەبرىكلەش ۋە ئەزالار يىغىنىدا بېرىلگەن دوكلات

باشلىقى رادىل ئابلا

(2014-يىل 6-ئاينىڭ 18-كۈنى)

ھۆرمەتلىك رەھبەرلەر، مېھمانلار، ئەزالار، ياخشىمۇ سىلەر!

بۇ يىغىندا مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغان ئىككى يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلەر خۇلاسىلىنىدۇ، 2014-يىل ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، دېمەك، ئالدىنقىلارغا ۋارسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان مۇھىم يىغىن. تۆۋەندە مەن دائىمىي كېڭەشنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن خىزمەت دوكلاتى بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى سورايمەن.

بىرىنچى، ئۇيۇشما قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىشلەنگەن خىزمەتلەر

2012-يىل 6-ئاينىڭ 12-كۈنى كۆپچىلىك خاتىرىلەشكە ئەرزىيدىغان بىر كۈن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىنىڭ غەمخورلۇقى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قوللىشى، ئەزا ئورۇنلارنىڭ ئاكتىپ ئىشتراك قىلىشى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى قۇرۇلۇپ ۋېۋىسكا ئېسىلدى. مەركىزىي كومىتېتى سىياسي بىيۇرۇسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن «مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرالايدۇ» دەپ بېغىشلىما يېزىپ بەردى! جاڭ شۇجىنىڭ بېغىشلىمىسى بارلىق ئەزالار ئۈچۈن زور مەدەت ۋە تۈرتكە بولدى.

سودا ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ «نىزامنامە»سى ۋە ئۇيۇشما قۇرۇلغاندا بېكىتىلگەن خىزمەت پىلانىغا ئاساسەن خىزمەتلەرنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇپ، كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىق رولىنى تىرىشىپ جارىي قىلدۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا، ئەزالارغا سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، ئەزالارنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئەمەلىي بولۇپ يول ئېچىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ خىزمەتلىرىدە قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى خىزمەتلەر ئاساسىدا يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرگە ئېرىشتۇق.

1. ئۇيۇشمىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتتۇق. ئۇيۇشما رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۇيۇشما ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى بەلگىلەيدىغان ئامىل. ئۇيۇشما رەھبەرلىك بەنزىسىنى تولۇقلاش ئارقىلىق، 31 كىشىلىك ئۇيۇشما رەھبەرلىك بەنزىسىنى تەشكىللىدۇق. تولۇقلانغاندىن كېيىنكى ئۇيۇشما رەھبەرلىك بەنزىسى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، ھاياتىي كۈچكە تولغان بولۇپ، ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقى تېخىمۇ ئاشتى. رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ھەربىر ئەزاسى ئەزالارنىڭ ئىشەنچىنى يەردە قويماي كۆپچىلىككە ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنى ئەزالار ئىنتىلىدىغان، ئىشىنىدىغان ئائىلىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشنى ئورتاق كۆڭلىگە پۈكتى.

2. مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ «نىزامنامە» ۋە ئالاقىدار باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى تۈزدۇق. «مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ 2012-يىللىق خىزمەت پىلانى»، «مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ 2012-2016 يىللىق يىرىك پىلان تېزىسى» شۇنداقلا «مالىيە تۈزۈمى»، «مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزالىق بەدىلىنى يىغىش، ئىشلىتىش، باشقۇرۇش چارىسى» قاتارلىق تۈزۈملەرنى تۈزۈپ، مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى يۆنۈلۈش، نىشان، تۈزۈم ۋە چەكلىمىگە ئىگە قىلىپ، تۈزۈم بويىچە باشقۇرۇپ، تۈزۈم بويىچە ئىش بىجىرىپ، خىزمەتلەرنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇشنى پۇختا تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدۇق.

تۈزۈلگەن خىزمەت پىلانى ۋە ۋەزىپىسىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن يەنە ئۇيۇشما باشلىقى ئىش بىجىرىشتە قەرەللىك يىغىن ئېچىش تۈزۈمىنى تۈزدۇق. نورمال ئەھۋالدا، ئايدا بىر قېتىم ئۇيۇشما باشلىقى ئىش بىجىرىش قەرەللىك يىغىنى ئېچىپ، ئۇيۇشما خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا مۇزاكىرە قىلدۇق. ئەھۋالغا، كۆرۈلگەن مەسىلىلەرگە ئاساسەن يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلدۇق. كاتىبات باشقارمىسى يىغىننىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئىشلارنى ياخشى ئورۇنلاشتۇردى، يىغىندىن كېيىن نازارەتچىلىك، يېتەكچىلىك قىلدى. يىغىن نەتىجىسىنى يىغىن خاتىرىسى شەكلىدە ئەزا ئورۇنلارغا يەتكۈزۈپ، ئۇيۇشما خىزمىتىنىڭ دېمۇكراتىك، ئاشكارە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

3. تەشكىلىي تەرەققىيات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قوشۇنىمىزنى زورايتتۇق. ئۈزلۈكسىز تەشۋىق قىلىش، سەپەرۋەر قىلىش، ئالاقىلىشىش، ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايون مىقياسىدا ئەزا قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى تېز قانات يايدۇردۇق. ھازىرغىچە ئەزايىمىز 180 نەچچىگە يەتتى، يەنە ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كارخانا بىلەن ئالاقىلىشىۋاتىمىز، ئۇلارنىڭمۇ سېپىمىزگە قېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

4. نۇرغۇن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدۇق. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىللىي سودا كارخانىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى زىچ چۆرىدەپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، جەدۋەل تولدۇرۇپ يوللاش قاتارلىق شەكىللەردە نۇرغۇن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى ئىشلەپ، تۈرلۈك مىللىي سودا كارخانىلىرىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، كېيىنكى قەدەمدە خىزمەتلەرنى نىشانلىق قانات يايدۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالدۇق.

5. مىللىي سودا كارخانىچىلىرىنىڭ قانۇن ئېڭى ۋە قانۇنلۇق تىجارەت قىلىش ئېڭىنى ئۆستۈردۇق. ئۇيۇشمىمىز ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ 2012-يىل 7-ئاينىڭ 19-كۈنى قانۇن بىلىملىرى لېكسىيەسى ئۇيۇشتۇردۇق. شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى سىياسەت ۋە نەزەرىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتورى ئابدۇۋەلى مەخپۇللا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى، شىنجاڭ قوش تىللق قانۇن ئىشلىرى ئورنىنىڭ ئالىي ئادۋوكاتى گۈلباھار 50 نەچچە مىللىي سودا كارخانىسىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە غوللۇق كادىرلىرىغا قانۇن بىلىملىرىدىن لېكسىيە سۆزلەپ، لېكسىيە ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

6. «شىنجاڭ مىللىي سودا سارىيى» ۋە «شىنجاڭ مىللىي يىمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى مەركىزى» تۈر قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ پىلانلىدۇق.

«شىنجاڭ مىللىي سودا سارىيى» ۋە «شىنجاڭ مىللىي يىمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى مەركىزى» قۇرۇش بارلىق ئەزالارنىڭ گۈزەل ئارزۇسى، شۇنداقلا بەش يىللىق پىلانىمىزدىكى نوقتىلىق تۈرلەرنىڭ بىرى.

ئاپتونوم رايونىمىز قويۇق مىللىي خاسلىققا ئىگە ساياھەتچىلىك ئاساسى ۋە ئەۋزەللىكىگە ئىگە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى ۋە مەنزىرىسىنى تەشۋىق قىلىپ، نامايان قىلىپ، ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش، تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پۇرسىتى يارىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقىغا «شىنجاڭ مىللىي سودا سارىيى» ۋە «شىنجاڭ مىللىي يىمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى مەركىزى» قۇرۇش مەخسۇس دوكلاتى سۇندۇق، يەنە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش، ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەرگىمۇ يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق. يەر ئېلىش كۆپ تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان بولغاچقا، بىر يولى ھەل قىلىش تەسكە توختىدى، ھازىرمۇ داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز.

7. «شىنجاڭ مىللىي سودا مەبلەغ سېلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك رويخەتكە ئالدۇرۇپ، ئۇيۇشما ئەزالىرىغا مەبلەغ سېلىش سۇپىسى ھازىرلاپ بەردۇق.

سودا ئۇيۇشمىسى ئىجتىمائىي تەشكىلات، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ. ئەزا ئورۇنلارنىڭ مەبلەغ، ئىختىساسلىقلار، رايون، مەدەنىيەت ئەۋزەللىكىنى جارىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، كۆپ ساندىكى ئەزالارنىڭ قوشۇلىشى بىلەن، ئۇيۇشما باشلىقى ئىش بىجىرىش يىغىنىدا سودا ئۇيۇشمىسى ئاساسىدا «شىنجاڭ مىللىي سودا مەبلەغ سېلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى»نى قۇرۇپ، ئەزالارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىشىغا يېڭى سەھنە ھازىرلاپ بەردۇق. يېرىم يىلدىن كۆپرەك تىرىشىش ئارقىلىق ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك رويخەتكە ئالدۇردۇق.

شىنجاڭ مىللىي سودا مەبلەغ سېلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ۇرغۇن مىللىي سودا كارخانىسى ئۈچۈن ئىقتىدارىنى جارىي قىلدۇرىدىغان يېڭى سەھنە بولدى. «كۈچ بىرلىكتە، ئىش ئۆملۈكتە» دېگەندەك، مىللىي سودا كارخانىلىرىنىڭ مالىيە كۈچى، ماددىي كۈچى، كوللېكتىپ ئەقىل-پاراسىتى شۇنداقلا رايون ئەھۋالىنى پىششىق بىلىشتەك ئارتۇقچىلىقىنى مۇجەسسەملىسەك، 1+1>2 ئۈنۈمىنى تامامەن جارىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ. سەھنە ھازىرلاندى، ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىش كۆپچىلىكنىڭ ئىقتىدارىغا باغلىق.

8. تاشقى تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇيۇشمىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇردۇق.

ئۇيۇشمىنىڭ يىللىق خىزمەت پىلانىغا ئاساسەن، ئۇيۇشمىنىڭ تور بېكىتى قۇرۇلۇشىنى ئاكتىپ ياخشى ئىشلىدۇق. ھازىر تور بېكىتى ئېچىلىدى. تور بېكىتىنىڭ ئېچىلىشى مىللىي سودا كارخانىچىلىرى ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، كارخانىلارنىڭ ئوبرازىنى تەشۋىق قىلىش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ئۇيۇشمىمىز يەنە ئەزا كارخانىلار بىلەن ئاكتىپ ئالاقىلىشىپ، كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش ۋە ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئەھۋالىغا ئالاقىدار ماتىرىياللارنى توپلاپ، «شىنجاڭ مىللىي سودا كارخانىلىرى تەشۋىقات قوللانمىسى»نى تۈزۈشكە تەييارلىق قىلدۇق، ھازىر ئارگىنال بېكىتىلدى، ماتىرىياللارنى سېلىشتۇرۇش تەكشۈرۈپ ۋە تۈزىتىش خىزمىتى ئىشلىنىۋاتىدۇ. تەشۋىقات قوللانمىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىللىي سودا كارخانىلىرىنىڭ ئۆزئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشى، مەملىكەتكە، دۇنياغا يۈزلىنىشىدە تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەش رولىنى ئوينايدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى 10-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، مول مەزمۇنلۇق تاختاي گېزىتى تەييارلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى پائالىيەتلەر ۋە ئۇيۇشمىنىڭ ئوبرازىنى تەشۋىق قىلىپ، ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدۇق.

ئۇيۇشمىنىڭ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن،ھەر يىلى ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئاپتونوم رايون بويىچە ئېچىلغان يىغىنىنىڭ پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ،ئۇيۇشما رەھبەرلىك بەنزىسى سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ يىغىنىغا قاتناشقان ھەر قايسى ۋىلايەت ۋەكىللىرىنى تەكلىپ قىلىپ سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ،ئۇيۇشمىنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى تۇنۇشتۇردى.ھازىر قۇمول،بايىنغۇلۇن ئوبلاستى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى كارخانلار ،مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەتلىك تارماق ئۇيۇشمىلىرىنى قۇرۇشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلۋاتىدۇ.

ئۇيۇشمىمىز يەنە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىىنى ئاكتىپ ئادا قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ «شانلىق ئىشلار − چاپچال سەپىرى» ئىئانە پائالىيىتىگە پائال ئاۋاز قوشۇپ، ئۇيۇشما نامىدىن 50 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلىپ، جەمئىيەتتە ياخشى تەسىر قوزغىدۇق. بۇ يىل خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدە يەر تەۋرىگەن كۈنى، ئۇيۇشما نامىدا كېرىيەدىكى يەر تەۋرەشكە 100مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدۇق.

9. ئالاقە سۇپىسى قۇرۇپ، كۈچلۈكلەرنىڭ بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق.

ئۇيۇشما گەرچە بىر پۈتۈن گەۋدە بولسىمۇ، بىراق ئەزالار ھەر ساھە ھەر كەسپتىكى كارخانىلاردىن تەركىپ تاپقان، ئادەتتە ئىشلىرى كۆپ ھەم ئالدىراش بولۇپ، ئۆزئارا ئالاقىسى تولىمۇ ئاز. ئەزالارنىڭ كۆپرەك ئالاقىلىشىپ، مېھىر-مۇھەببىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دوستلۇق ئورنىتىپ، بايلىقتىن ئورتاق بەھىرلىنىش، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، ھەمكارلىشىپ راۋاجلىنىش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ئۇيۇشمىمىز كۆپ خىل ئامال-چارىلەرنى قوللىنىپ ئەزالار ئۈچۈن ئالاقە سۇپىسى قۇرۇپ بەردۇق. ئۆتكەن يىلى 14 قېتىم يىغىلىش، تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردۇق. ئەزالار بۇ پائالىيەتلەر ئارقىلىق ھېسسىيات ئالماشتۇرۇپ دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇردى ھەم ئۆزئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇپ سودا پۇرسىتى ياراتتى. ھازىر شىنجاڭ «لۇڭبو» مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ «شىديەن» ئۆي-زېمىن تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ھەرەمباغ سودا چەكلىك شىركىتى، كورلا «مېييۈ» ئۆي-زېمىن تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئالتە ئەزا كارخانا يۇقارقى پائالىيەتلەر داۋامىدا ئۆي-زېمىن، يىمەك-ئىچمەك قاتارلىق تۈرلەردە ھەمكارلاشتى، تەرەققىيات ۋەزىيىتى ۋە ئۈنۈمى ياخشى بولىۋاتىدۇ.

10. كارخانىلارغا بېرىش، كارخانىلارغا يېقىنلىشىش، كارخانىلاغا مۇلازىمەت قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇق.

ئالاقە بولمىسا تەرەققىيات بولمايدۇ، چۈشىنىش بولمىسا كەلگۈسىمىز بولمايدۇ، 2013-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۇيۇشمىمىز ئەزا ئورۇنلار ۋە ئەزا كارخانىلارنى ئاكتىپ زىيارەت قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردۇق. زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئەزا ئورۇنلارنىڭ ئۇيۇشما ھەققىدىكى تەسىراتىنى، ئۈمىد ۋە تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلىدۇق؛ ئەزا كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدۇق؛ ساھەيىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ئىستىقبالىنى مۇزاكىرە قىلدۇق. كونكېرت پائالىيەتلەر تۆۋەندىكىچە: 2012-يىل 9-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۇيۇشمىمىزنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ پېيلىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئۇيۇشما رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى شىخەنزىگە بېرىپ شىنجاڭ «شىبۇ داجۇڭ» (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى. 2013-يىل 2-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۇيۇشمىمىزنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھەدىيەنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىغا بېرىپ ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇق، ھەدىيە لېدىر ئۇيۇشما رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىغا كۆزنى ئاسراش بىلىملىرىنى تونۇشتۇردى ھەم ھەر- بىرەيلەننىڭ كۆزىنى ھەقسىز تەكشۈرۈپ قويدى. ئۇيۇشما رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى ئىككى يىلدىن بۇيان ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئارمان مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى، تۇمارىس ئالىي مېھمانسارىيى، شىنجاڭ ھەرەمباغ سودا چەكلىك شىركىتى شۇنداقلا ئۈرۈمچى بودۇن سودا-سانائەت شىركىتى قاتارلىق كارخانىلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى.

ھيېت-بايراملاردا رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى كوللېكتىپ پەتىلەپ ھېسسىيات ئالماشتۇردى، ئۆز ئارا بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى ھەدىيە قىلىپ، ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

بۇلتۇر 7-ئايدا سودا ئۇيۇشمىمىز يەنە ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىگە ماسلىشىپ، مىللىي سودا كارخانىچىلىرىنى «8-نۆۋەتلىك قازاقىستان شەرقىي رايون يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسى»، «4-نۆۋەتلىك موڭغۇلىيە-جۇڭگو شىنجاڭ ئېكىسپورت تاۋارلىرى يەرمەنكىسى»، «تاجىكىستان-جۇڭگو شىنجاڭ ئېكىسپورت تاۋارلىرى يەرمەنكىسى» قاتارلىقلارغا قاتنىشىشقا تەشكىللىدۇق. 20 نەچچە كارخانىنى تونۇشتۇرۇپ، بۇ كارخانىلارنىڭ چەت ئەللەردىكى تەسىرىنى زورايتىپ، دۆلەت چېگرىسىدىن چىقىپ دۇنياغا يۈزلىنىشنىڭ يېڭى يولىنى ئاچتۇق. ھازىر شىنجاڭ ئارمان مۇسۇلمانچە يېمەكلىك سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان تۈر ھەمكارلىقى، ئۈرۈمچى ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ قازاقىستان بىلەن بولغان تۈر ھەمكارلىقى تولىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. يەنە باشقا ئەزالاردىنمۇ چەت ئەللەر بىلەن ھەمكارلىشىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىرى بار، بىر-بىرلەپ دەپ ئولتۇرمايمەن.

11. مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تاراتقۇلارنىڭ تەسىر كۈچىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، مىللىي سودا كارخانىلىرىنى مەملىكەتكە، دۇنياغا يۈزلەندۈردۇق.

بىز شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، «شىنجاڭ كارخانىچىلىرى ساداسى» پروگراممىسىنى تەسىس قىلدۇق. پروگرامما 2013-يىل 3-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاڭلىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، 2013-يىل 3-ئاينىڭ 16-كۈنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىتىلدى. (ھەر شەنبە كۈنى چۈشتىن ئىلگىرى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 9 يېرىمدىن 10 يېرىمغىچە)، ھەر ھەپتىدىكى پروگراممىدا بىر مىللىي سودا كارخانىسى بىلەن كارخانىچىنىڭ تەرەققىيات ھېكايىسى ئاڭلىتىلدى. پروگرامما ئاڭلىتىلغاندىن بۇيان 62 مىللىي سودا كارخانىچىسى پروگراممىغا ئىشتراك قىلدى.

مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى بىلەن ھەمكارلاشقان ئالاھىدە پروگرامما(ئۇيغۇرچە) 2013-يىل 4-ئاينىڭ 7-كۈنى(يەكشەنبە) بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10دا مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئىقتىساد پروگراممىسىدا تۇنجى قېتىم، كەچ سائەت 9 دا تەكرار ئاڭلىتىلدى. بۇ پروگراممىدىمۇ مىللىي سودا كارخانىلىرى ۋە كارخانىچىلىرىنىڭ تەرەققىياتى، كەچۈرمىشلىرى سۆزلەندى. ھازىرغىچە مۇخبىرلار 14 مىللىي سودا كارخانىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە تونۇشتۇردى. مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ شىنجاڭ خىزمەت پونكىتىدا خادىملار ئاز بولۇش سەۋەبىدىن، 2013-يىل 7-ئاينىڭ 7-كۈنى بۇ پروگرامما ۋاقتىنچە توختىتىلدى، كېيىنچە پۇرسەت بولسا يەنە ئاڭلىتىمىز.

ئىككى رادىيو ئىستانسىسى مىللىي سودا كارخانىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش مۇساپىسى، مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى، كەسپ ئەۋزەللىكى قاتارلىق مەزمۇنلاردا ئاڭلىتىش بەردى. بۇ پروگراممىلار كارخانىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزۈش، ئىدىيەسىنى تارقىتىش، مەھسۇلاتلىرىنى، كارخانا مەدەنىيىتى، كارخانا ئوبرازىنى تەشۋىق قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە تولىمۇ مۇھىم رول ئويناپ، ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى يولداش جۈرئەت «شىنجاڭ مىللىي سودا كارخانىچىلىرى ساداسى» پروگراممىسىنىڭ ئاڭلىتىلغانلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، «بۇ خىزمەتتە مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى ئالدىدا مېڭىپتۇ، خىزمەتنى مۇشۇنداق چاقماقتەك تېز ئىشلەش كېرەك. مەسئۇل رەھبەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاخبارات تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، زور كۈچ بىلەن قوللىسۇن ھەم مۇلازىمەت خىزمىتى ياخشى ئىشلەنسۇن» دەپ تەستىق سالدى.

بىز يەنە مۇئاۋىن ئۇيۇشما باشلىقى ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك 20 كارخانىنى «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى»نىڭ يىل ئاخىرىدىكى مەخسۇس بېتىنىڭ «مىللىي سودا كارخانىچىلىرىنىڭ يېڭى يىل ھارپىسىدىكى قەلب سۆزى: يېڭى مۇساپە، يېڭى نەتىجە، يېڭى نىشان» سەھىپىسىدە 2013-يىلى تەرەققىيات، كارخانا مەدەنىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات يۆنۈلۈشى ۋە نىشانى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇرۇشقا تەشكىللەپ، بۇ كارخانىلارنىڭ جەمئىيەتتىكى شۆھرىتىنى ئاشۇردۇق.

12. پارتىيە 18-قۇرۇلتاي روھىنى تىرىشىپ ئۆگەندۇق ھەم ئاكتىپ تەشۋىق قىلدۇق.

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىرگەن پەيتتە چاقىرىلغان ئىنتايىن مۇھىم يىغىن. يىغىندا جۇڭگوچە سوتسيالىزم ئۇلۇغ بايرىقى ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى دېڭ شياۋپىڭ ئىدىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى بىلەن بىللە پارتىيەمىزنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىندى ھەم پارتىيە نىزامنامىسىغا كىرگۈزۈلدى، ئۇ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىمىزدىكى ھەرىكەت قىبلىنامىمىز ھەم ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان تەرەققىيات يۆنۈلۈشىمىز.

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئومۇمىي مۆلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قىلچە تەۋرەنمەي رىغبەتلەندۈرۈش، قوللاش ۋە يېتەكلەش سىياسەتلىرى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بۇ مىللىي سودا ئۇيۇشمىمىز ۋە بارلىق پۇقراۋاى كارخانىلار ئۈچۈن زور مەدەت ھەم تۈرتكە. ئۆگىنىش ئارقىلىق، مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى ۋە پۇقراۋى كارخانىلار خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىز تېخىمۇ كۈچەيدى. يازغان ئۆگىنىش تەسىراتىمىز گېزىتتە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى رەھبەرلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

13. مىللىي سودا ئۇيۇشمىمىزنىڭ شۆھرىتى ۋە تەسىر كۈچى زور دەرىجىدە ئاشتى.

باشبەت ئۇيۇشما ھەققىدە مەسلىھەت ئالاقىلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ
مەزكۇر تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : 新疆维吾尔自治区民贸商会 گە تەۋە
شىركەت ئادرىسى : ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 544-نومۇر رۈيدا Aبىنار 12-قەۋەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مىللىي سودائۇيۇشمىسى
تېلفون : 8532089،2803532، 8522310 -0991 فاكىس : 0991-8532089,微信平台:xjuyuxma ئېلخەت ئادىرىسى : 1355084672@qq.com 
تور بىكەت ئادرىسى : www.uyuxma.com بېيئەن ICP نومۇرى : 新ICP备13001466号-1