ساقلىۋىلىڭ باشبەت قىلىڭ 中文 ئۇيغۇرچە
ئەزا كارخانىلار
  قاراماي شەھەر مايتاغ مەخسۇت سودا چەكلىك 
  ئەرقال كاپىتالى
  ھەدىيە كۆز كىسەللىك دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ لوڭبو مەبلەغ سىلىش شىركىتى
  ئۈرۈمچى قۇتيار پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چە
  شىنجاڭ ئىپار بىيو - تېخنىكا تەرەققىيات چ
  شىنجاڭ بۇغدا دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ ئامىنە ئالاھىدە يېزائىگىلىك يۇقۇر
  ئۇيۇشمىغا ئەزا بىر قىسىم  كارخانىلار تېز
تەمىنلەش ئۇچۇرى
  يۇقىرىقى تاغدىكى قار تېيى
  10 - ئاينىڭ31- كۈنى 
  شىنجاڭ قەرز سوممىسى تۇنجى قېتىم تىرلىيون
  جۇڭگو مۇلازىمەت داڭلىق ماركا يېغىنى مۇلا
  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇنجى با
ئېھتىياج ئۇچۇرى
 
  ئۇيۇشما خەۋەرلىرى
ئۇيۇشما قۇرۇلغانلىقىنىڭ 2 يىللىقىدا بېرىلگەن دۇكلات (داۋامى ) 
يوللىغۇچى:admin; يوللىغان ۋاقتى:2014/7/8 20:30:38ئاۋاتلىقى:1723قېتىم

ئۇيۇشمىمىز «تۆت ئا دەرىجىلىك ئىجتىمائىي تەشكىلات» بولۇپ باھالىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى تەقدىرلىگەن 2013-يىللىق «ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار ئىجتىمائىي تەشكىلات» لار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. 2013-يىل 7-ئاينىڭ 11-كۈنى خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ «2013-يىللىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، فوندى جەمئىيەتلىرىنى باھالاش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»ىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ باھالاش خىزمىتىگە ماسلىشىپ، خەلق ئىشلىرى مىنسىتىرلىقىنىڭ باھالاش كۆرسەتكۈچلىرى سىستېمىسىغا ئاساسەن، ئۇيۇشمىنىڭ 2012~2013-يىللىق خىزمەتلىرىنى رەتلەپ، ھۆججەتتە بەلگىلەنگەن ئاساسىي شەرتلەر، ئىچكى تۈزەش، خىزمەت نەتىجىسى، ئىجتىمائىي باھالاشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ كۆرسەتكۈچ بويىچە باھالاش ماتىرىيالى تەييارلىدۇق، مۇتەخەسسىلەر گۇرۇپپىسى ئۇيۇشمىمىزنىڭ خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان تۈرلۈك تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپتۇ ھەم زور مىقداردا ئىنچىكە خىزمەتلەرنى ئىشلەپتۇ، ۋاقىت قىس، ئادەم ئاز ھەم تۇنجى قېتىم باھالاشقا قاتناشقا ئەھۋالدا، ماتىرىياللارنى تولۇق تەييارلاپتۇ، دەپ قاراپ،« تۆت ئا دەرىجىلىك ئىجتىمائىي تەشكىلات» دەپ باھالىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيۇشمىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى تەقدىرلىگەن 2013-يىللىق «ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار ئىجتىمائىي تەشكىلات» لار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

ئۆتمۈشنى ئەسلىسەك، نۇرغۇن مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتۇق. مىللىي سودا ئۇيۇشمىمىزنىڭ قۇرۇلغىنىغا ئۇزاق بولمىغان بولسىمۇ، مەجبۇرىيىتىىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، نۇرغۇن خىزمەت ئىشلەپ، بەلگىلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ۋە تارماقلارنىڭ تەرىپلىشىگە مۇيەسسەر بولدۇق، يەنە مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەزا ئورۇنلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتۇق. جاڭ چۈنشيەن شۇجى 2013-يىل 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۇيۇشمىمىزنىڭ دوكلات ماتىرىيالىغا «باشلىنىشى ياخشى، ئىستىقبالى پارلاق» دەپ تەستىق سالدى.

بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايونلۇق مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىغا ۋاكالىتەن ، مەركىزىي كومىتېتى سىياسي بىيۇرۇسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يولداشنىڭ مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىغا ئىلھام بەرگەنلىگىگە ۋە تۈرتكە بولغانلىغىغا چىن قەلبىمدىن رەخمەت ئېيتىمەن! مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى ئۆزلىكسىز قوللاپ غەمخورلۇق قىلىپ كېلۋاتقان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم،

خەلىق ھۆكۇمىتىگە چىن قەلبىمدىن رەخمەت ئېيتىمەن! مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ خىزمەتلىرىگە ھەر تەرەپلىمە غەمخورلۇق قىلىپ يىتەكچىلىك قىلىپ كېلۋاتقان ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا چىن قەلبىمدىن رەخمەت ئېيتىمەن! مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى ھەر قايسى جەھەتتىن تەشۋىقات قىلۋاتقان ھەر قايسى تاراتقۇلارغا چىن قەلبىمدىن رەخمەت ئېيتىمەن ! مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ خىزمەتلىرىگە ھەر قايسى جەھەتتىن ياردەم قىلغان ھەر قايسى قېرىنداش ئۇيۇشمىلارغا چىن قەلبىمدىن رەخمەت ئېيتىمەن!

ئىككى يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلەرگە نەزەر سالساق، شۇنى ئېنىق كۆرەلەيمىزكى، مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ تەرەققىياتى دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرىۋاتىدۇ، تۈرلۈك خىزمەتلىرىمىز يۇقىرىنىڭ تەلىپى، ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئەزا ئورۇنلارنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىدىن خېلىلا يىراق. بۇنىڭدىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قوللىشى ۋە غەمخورلۇقى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ كونكېرت يېتەكچىلىكىدە، بارلىق ئەزالارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ، ئۇيۇشمىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى يېڭى بىر سەۋىيەگە يۈكسەلدۈرىمىز.

ئىككىنچى، 2014-يىللىق ۋە كېيىنكى بىر مەزگىللىك خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى.

مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ 2014-يىللىق ۋە كېيىنكى بىر مەزگىللىك خىزمەت ئومۇمىي تەپەككۈرى: ج ك پ 18-قۇرۇلتىيى، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3-ئومۇمىي يىغىنى روھىنى يۆنۈلۈش، مەركەزنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۈگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ، «ئەزالارغا، كارخانىلارغا، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش» ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇيۇشما تۈزگەن «2012−2016 بەش يىللىق خىزمەت پىلانى»نى چۆرىدەپ، «مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، ئەزالارنى ئۇيۇشتۇرۇش؛ ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق ئىلگىرىلەش؛ ئەزالارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قوشۇننى زورايتىش؛ بەنزىنى ياخشى تەشكىللەپ، قوشۇننى ياخشى يېتەكلەش» خىزمەت تەسەۋۋۇرىنى بويلاپ مېڭىش. «ئەزالارنىڭ رازى بولۇش-بولماسلىقى، قارشى ئېلىش-ئالماسلىقى»نى ئۇيۇشما خىزمىتىنى ئۆلچەش، باھالاشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىش. يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇيۇشما خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە يۈكسەلدۈرۈشتىن ئىبارەت.

1. مىللىي سودا كارخانىلىرىنىڭ ئەمەليىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرىمىز

مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ پۇرسىتى مۇھىم،ئەھمىيىتى زور. يىغىندا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى مەۋقە قىلىنىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى، ئاساسىي تەلىپى، ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. شىنجاڭ ۋەزىيىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە، ۋەتەننىڭ بىرلىكى،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك زور ئىش.

مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئۇچۇن، شىنجاڭنىڭ مىللىي سودا ساھەسىدىكى كارخانىچىلار ئالدى بىلەن يىغىننىڭ روھى ماھىيتىنى توغرا ئىگىلىشى كېرەك. مەركەزنىڭ شىنجاڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى توغرا ھۆكۈمىنى چوڭقۇر چۈشۈنۈپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئوليەت تۇيغۇسى، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، دەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغان كۈچ-قۇدرەت ۋە چىدامچانلىق، جاپا-مۇشەققەتكە چىداش، ئۇزۇن مۇددەت كۈرەش قىلىش روھى بىلەن ھەر مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ماسلىشىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەتلىرىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇشى لازىم. شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىدىنى چوڭقۇر چۈشۈنۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ساقلاش بىلەن ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت مەركەز بېكىتكەن شىنجاڭ خىزمىتىدىكى يادرولۇق ۋەزىپىنى شىنجاڭ مىللىي سودا ئىگىلىكىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشتىكى باش پروگرامما، شىنجاڭ مىللىي سودا ئىگىلىكىنى يېڭى باسقۇچقا يۈكسەلدۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى قىلىپ، تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، توغرا نىشان بەلگىلەپ، توغرا كۈچەش كېرەك. «ئۈچ خىل كۈچ»تىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر چۈشۈنۈپ، بولگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنى شىنجاڭ مىللىي سودا كارخانىلىرىنىڭ سىياسىي-ئىدىيە خىزمىتىنىڭ ئاساسى لىنىيسى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى نۆۋەتتىكى كۈرەشنىڭ مۇھىم نوقتىسى قىلىپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا زوراۋانلىق، تېرورلۇققا قارشى تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»تىن مۇداپىئەلىنىپ ۋە ئۇنىڭغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، مىللىي سودا كارخانىلىرىدىكى ھەر مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، بىر مەيدان تېرورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشى قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

سودا ئۇيۇشمىسى مۇنۇلارنى پىلانلىدى: بۇ يىل ئەزا ئورۇنلارنى تۈركۈمگە بۆلۈپ مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا تەشكىللەپ، يىغىن روھىنى بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، روھى ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىدۇ.

يۇقىرى تەشكىللىگەن پۇقراۋىي كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنى، تەربىيىلەش كۇرسى قاتارلىقلارغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرىدۇ؛ زېھىن ۋە كۈچنى 18-قۇرۇلتايدا بېكىتىلگەن ئۇلۇغۋار نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئومۇمىي مۆلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىككە بولغان مۇئەييەنلەشتۈرۈشى، ئىشەنچى ۋە مەدىتىنى كارخانىلارنى يەنىمۇ قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئەلالاشتۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك تايانچ بىلەن تەمىنلەيدۇ.

2. پۇرسەتنى تۇتۇپ، مىللىي سودا كارخانىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا تۈرتكە بولىمىز.

ھازىر شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ياخشى، بىز ئېرىشكەن ئۈچ ياخشى پۇرسەت: بىرىنچى، بۇلتۇر 19-دېكابىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى مەخسۇس مۇزاكىرە قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە جەمئىيىتىنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى يېڭى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىدى؛ ئىككىنچى، دۆلەت «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغى» ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، شىنجاڭ بۇ ئىقتىساد بەلۋېغىدىكى يادرولۇق رايون؛ ئۈچىنچى، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش قارارى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت 2020-يىلىغىچە بولغان تۈرلۈك ئسلاھاتلارنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى، ئىسلاھات ئۈزلۈكسىز پايدا يارىتىدۇ.

بۇ ئۈچ چوڭ پۇرسەت مىللىي سودا كارخانىلىرىمىزنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى جارىي قىلدۇرۇپ، تەرەققىياتتىكى قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىغا مىسلىسىز ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى، ئۇنى قەتئىي چىڭ تۇتۇپ، قولدىن بېرىپ قويماسلىقىمىز كېرەك.

بازار ئىگىلىكى قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ئىگىلىك، رىقابەت ئۇنىڭ گەۋدىلىلىك ئالاھىدىلىكى. بازار ئىگىلىكى ئەلالىرى تاللىنىپ ناچارلىرى شاللىنىدىغان ئىگىلىك، ئۇ كۆز يېشىغا ئىشەنمەيدۇ. مىللىي سودا كارخانىلىرىمىز يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرىمەن دەيدىكەنمىز، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تەرەققىي قىلىپ ئۆزىمىزنى زورايتىشىمىز كېرەك. تىجارەتتە تۈرلۈك ئامال-چارىلەر بىلەن تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن كەسكىن بازار رىقابىتىدە شاللىنىش خەۋپىگە دۇچ كېلىمىز.

ئۇيۇشمىمىز كۆپچىلىكنى كارخانا ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىگىلىك باشقۇرۇش ئەندىزىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشقا سەپەرۋەر قىلىمىز. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىللە قىيىنچىلىقلارنى تىرىشىپ يېڭىپ، كارخانىنى ئىدارە قىلىش، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىلىك باشقۇرۇش شۇنداقلا بازار ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچەپ، كارخانىنىڭ ساپاسى ۋە بازار رىقابەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگەندىلا غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ.

ئەزالار ئارىسىدا ئۇچۇردىن تەڭ بەھرىلىنىشنى تەشەببۇس قىلىمىز. ياخشى تۈر بولسا، بىرلىشىپ مەبلەغ سېلىپ، خەتەرنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىشنى يولغا قويىمىز. ئەزالىرىمىز ئارىسىدا ھازىر بۇنداق مىساللار بار. كۈچلۈكلەر بىرلىشىشتەك ياخشى ئەندىزىنىڭ يەنىمۇ كېڭىيىپ، ئاپتونوم رايونىمىز مىللىي سودا كارخانىلىرىنىڭ «ئاز، كىچىك، ئاجىز، تارقاق» بولۇشتەك ھالىتىنى تەدرىجى ئۆزگەرتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

شىنجاڭ مىللىي سودا مەبلەغ سېلىش پاي چەكلىك شىركىتىگە كونكرېت باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەخسۇس ۋەزىپىدىكى باش دىرېكتور تەكلىپ قىلىپ، ئىلگىرىكى شىركەت رەھبەرلىك بەنزىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان، ئالدىراشلىقىدىن شىركەتنىڭ ئىشلىرىغا يېتىشەلمەيدىغان ھالەتنى ئۆزگەرتتۇق. ھازىر «كەنت-بازار بانكىسى» غا تۈر ئىلتىماس قىلىۋاتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە باشقا «ئايلىنىشى تېز، شۇ جاينىڭ ئۆزىدە قىلغىلى بولىدىغان، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان» تۈرلەر ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىمىز. قىزىقىدىغان ئەزا كارخانىلارنىڭ بۇ سۇپىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مەبلەغ سالغۇچىلار قاتارىغا قوشۇلۇپ، غەلىبە مېۋىسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

بىز يەنە سودا ئۇيۇشمىسىدىن ئىبارەت سۇپىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، «شىنجاڭ مىللىي سودا سارىيى»، «شىنجاڭ ئالاھىدە يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيەت مەركىزى» تۈرىگە كېرەكلىك يەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمىز، تەستىقلىنىپلا قالسا، كۆپ تەرەپ ھەمكارلىشىپ ئورتاق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ، بىرلىكتە يولغا قويىمىز.

3. يېڭى ئەزالارنى قوبۇل قىلىپ، مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز.

ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇش، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەمەلىي كۈچى بار، ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە مىللىي سودا كارخانىلىرىنى قوشۇنىمىزغا جەلىپ قىلىمىز. ئەزالارنىڭ سانىنى ئاشۇرۇپ، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تەشكىلاتىمىزنى ئاپتونوم رايونىمىز مىللىي ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ قىياپىتى ۋە سەۋىيەسىنىڭ ھەقىقى ۋەكىلىگە ئايلاندۇرىمىز.

ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلارغا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئوبلاست، ۋىلايەت، شەھەرلەردە مۆھلەت ۋە تۈركۈمگە بۆلۈپ «ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ شۆبىسى»نى قۇرۇپ، ئۇيۇشمىمىزنىڭ رولى ۋە تەسىر كۈچى ئارقىلىق مىللىي سودا كارخانىلىرىغا مۇلازىمەت قىلىش دائىرسى ۋە ساھەسىنى كېڭەيتىش توغرىسىدا دوكلات سۇندۇق.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، قېرىندا سودا ئۇيۇشملىرى بىلەن بولغان ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ياخشى تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ياخشى ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىپ، ئۇيۇشمىمىزنىڭ خىزمەت سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. بۇ يىل 20دىن 30غىچە ئەزا قوبۇل قىلىشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىمىز.

4.سىياسەت ئۆگۈنۈشىنى كۈچەيتىپ،چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ،كارخانىلارنى ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمىز

دۆلەتنىڭ مىللىي سودا كارخانىلىرىنى قوللايدىغان نۇرغۇن سىياسەت، بەلگىلىمىسى بار، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا قارىتىلغان نۇرغۇن ئېتىبار سىياسەتلىرى بار، يىغىشىمىز، رەتلىشىمىز، تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ؛ مالىيە مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى شۇنداقلا باشقا تارماقلار ھەر يىلى تۈرلەرگە ئاز ئۆسۈملۈك ھەتتا ئۆسۈمسىز قەرز ياكى ھەقسىز پۇل ئاجرىتىدۇ. بەزى ئەزا كارخانىلىرىمىز ھەر يىلى نەچچە مىليۇن يۈەن ئېلىۋاتىدۇ. ئۇيۇشمىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتى يېتەرلىك ئەمەس، بۇنىڭدىن كېيىن تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، ئەزا ئورۇنلارغا ۋاقتىدا ئۇچۇر، مەبلەغ غەملەش، ۋاسىتىچىلىك قاتارلىق تۈرلۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيمىز.

ئاساسىي قاتلامدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، زىيارەت قىلىپ، كارخانىلار تەرەققىياتتا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى ئىگىلەيمىز، كارخانىلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلايمىز، كارخانىلار ئوتتۇرىغا قويغان ئورتاق مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىمىز ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار تارماقلارغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىمىز.

ئۇيۇشما ئەزالىرى (بولۇپمۇ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى)نىڭ رولىنى جارىي قىلدۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي يولىدىن پايدىلىنىپ مىللىي سودا كارخانىلىرىنىڭ ئورۇنلۇق تەلەپلىرىنى ئىنكاس قىلىمىز. پىشىپ يېتىلگەن تەكلىپ-پىكىرلەرنى تەكلىپ قىلىپ تەييارلاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «ئىككى يىغىن»ىغا سۇنۇپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ھەل قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىمىز.

شارائىت ھازىرلاپ ئۇيۇشما ھوقۇق قوغداش بۆلۈمى قۇرۇمىز، ھوقۇق قوغداش بۆلۈمى ئەزالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان ھەم ئەزالارنى قانۇندىن مەسلىھەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاپپارات بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئومۇمىي مۆلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاقىدار فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىدۇ ھەم ئەزالارنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا يېتەكلەيدۇ؛ تۈرلۈك سىياسەت، قانۇن، بەلگىلىمىلەرنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئەزالارنىڭ قانۇن ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ئىش بىجىرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ؛ ئەزالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قويدايدۇ.

كارخانىلارغا قاراتمىلىق مۇلازىمەتنى كۈچەيتىمىز، تۈرلۈك مەخسۇس پائالىيەت، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، كارخانىلارنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.

بۇ يىل شارائىت يار بەرسە ئەزا ئورۇنلارنى ئىچكىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ، ئىچكىرىدىكى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆگۈنۈشكە تەشكىللەيمىز.

5. شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا ئاڭلىتىلىۋاتقان «شىنجاڭ كارخانىچىلار ساداسى» پروگراممىسىغا داۋاملىق قاتنىشىپ، تور بېكىتىنىڭ رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ، سودا ئۇيۇشمىسى ۋە ئەزا ئورۇنلارنى تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىمىز

مىللىي سودا كارخانىلىرىنىڭ ئوبرازى مۇھىم شەكىلسىز بايلىق، مىللىي سودا كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە يۈزلىنىشى مۇقەررەر جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىشتەك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، 2014-يىلى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىپ «شىنجاڭ كارخانىچىلار ساداسى» پروگراممىسىنى داۋاملاشتۇرىمىز.

پروگرامما ئارقىلىق ئەزا كارخانىلارنىڭ رىقابەت ئىقتىدارى ۋە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى، ئىگىلىك باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ ئەزا كارخانىلار ۋە كارخانىچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئەزا كارخانىلارنىڭ ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

تور بېكىتىنىڭ قولاي، تېز بولۇشتەك رولىنى جارىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، خىزمەت ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىمىز، ئەزا ئورۇنلارنى قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇيۇشما ۋە ئەزا كارخانىلارنى تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىمىز.

6. ئۆگىنىش، تەربىيىلەشنى كۈچەيتىپ، ئەزا كارخانىلارنىڭ رىقابەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز

ئەزالارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، كارخانىلارنىڭ خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپكە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئۆگىنىش، تەربىيىلەشنى كۈچەيتىپ، ئەزا كارخانىلارنىڭ رىقابەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرىمىز، بۇ ھەم ئۆگىنشچان ئۇيۇشما قۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى ھەم ئۇيۇشمىنىڭ كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى مۇھىم ئىپادىسى. شۇڭا ئۇيۇشمىمىز فونكسىيەلىك رولىنى ئاكتىپ جارىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ، تۈرلۈك ئۆگىنىش،تەربىيىلەش كۇرسلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئەزا كارخانىلارنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنى قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، كەسىپ بىلەن تېخىمۇ پىششىق تونۇشتۇرۇپ، ساپا ۋە ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەت ۋە يېڭى تەلەپكە ئۈنۈملۈك ماسلىشىمىز. بۇ يىل 2-3 قارار تەربىيىلەش كۇرسى ئېچىشقا تىرىشىمىز.

7. ئىچكى قىسىمدا پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئالاقە سۇپىسى بەرپا قىلىمىز

«ئالاقە، تەرەققىيات، ئىناقلىق، ئىلگىرىلەش»تىن ئىبارەت ئۇيۇشما باشقۇرۇش ئاساسىي مەقسىتىنى داۋاملىق زىچ چۆرىدەپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇيۇشما باشقۇرۇش يولى ئۈستىدە ئاكىتپ ئىزدىنىپ، ئالاقە سۇپىسى قۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئايلىنىش سۈپىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، مىللىي سودا كارخانىلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى جارىي قىلدۇرۇپ، ئۇيۇشمىنىڭ كۆۋرۈكلۈك ۋە ياردەمچىلىك رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرىمىز. بۇيىل تارباغاتاي، بورتالا، بايىنغۇلىن، قۇمۇل قاتارلىق جايلارغا بېرىپ زىيارەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىدۇق.

8. ئۇيۇشما كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئىچى باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئەزا كارخانىلارغا دائىملىق مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز

ئۇيۇشما كاتىبات باشقارمىسى 2014-يىلى «ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك، كەسپىي، يېڭىلىق يارىتىش» ئاساسىي مەقستىنى داۋاملىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. ئۇيۇشما كاتىبات باشقارمىسى ئىچكى باشقۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئۇيۇشمىنىڭ ئوبرازىنى ئۆستۈرىدۇ.

ئۇيۇشما كاتىبات باشقارمىسى 2014-يىلى داۋاملىق «مۇلازىمەت كۆزنىكى، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار ئارىسىدىكى كۆۋرۈك، ئۇچۇر سۇپىسى»دىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ فونكسىيەسىنى چۆرىدەپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ. بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن، ھازىر بار كىشىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، يۇقىرى مائاش بىلەن يۇقىرى ساپالىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى كىرگۈزۈپ، كاتىبات باشقارمىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىدۇ.

ئەزا كارخانىلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش، ئۇيۇشمىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئالتە بۆلۈم تەسىس قىلىشنى قارار قىلدۇق. يەنى: مەمۇرىي باشقۇرۇش بۆلۈمى، ھوقۇق قوغداش مۇلازىمىتى بۆلۈمى، پائالىيەتلەرنى پىلانلاش بۆلۈمى، ئەزالار تەشكىلات بۆلۈمى، تۈر ھەمكارلىق بۆلۈمى، پارانلىق ئىشلىرى بۆلۈمى شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەر بىر بولۇمگە جەمىيەتتىن ئاشكارە بىر نەپەر مەسئول خادىم تەكلىپ قىلماقچى،

تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرىنى مۇناسىۋەتلىك تور بىكەتلىرىدە ئاشكارەئىلان قىلىندى،كوپچىلىكنىڭ قوللاپ-قۇۋەتلىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن.

ئۇيۇشمىنىڭ خىزمەت شارائىتىنى ياخشىلاش، ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق ئۇيۇشمىنىڭ ئىش بىجىرىش ئورنىنى تەڭشەپ، «رۇيدا سارىيى»دىن 100 كۋادىرات مېتىرلىق ئىشخانا ئىجارە ئېلىشنى قارار قىلدۇق. بېزەش لايىھەسى بېكىتىلىپ، بېزىلىۋاتىدۇ.

9. مىللىي سودا كارخانىلىرىدا پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىمىز

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش تەلىپىگە ئاساسەن، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى ئورۇن پارتىيە تەشكىلىنىڭ ياردىمى، يېتەكچىلىكىدە، شارائىتى پىشىپ يېتىلگەن مىللىي سودا كارخانىلىرىدا پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇشنى تەلەپ قىلدۇق، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئارىسىدىكى پارتىيەنى ھىمايە قىلىدىغان، ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان ئاكتىپلارنى تەربىيىلەپ پارتىيەگە قوبۇل قىلىمىز.

مەدەنىيەت ئاساسى بولمىغان كارخانا ھەقىقى قۇدرەتلىك كارخانا بولالمايدۇ. ئەزا كارخانىلار سوتسيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سوتسيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ياخشى ئۆگىنىش، ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك. مول مەزمۇنلۇق، ساغلام مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. مەدەنىيەت تەرەققىيات قارىشى ئىدىيەسى ئارقىلىق يېڭىچە ئەمگەك مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئىزدىنىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك.

ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئەستە ساقلاپ، ئىجتىمائىي ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. ئۇيۇشما ۋە ئەزا كارخانىلار ئاپەت بولغان رايوندىكى ئامما، نامرات رايوندىكى ئوقۇشسىز بالىلار، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەر ۋە خەير-ساخاۋەت ئاپپاراتلىرىغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىش كېرەك.

ئەزالار، پارتىيە 18-قۇرۇلتيىدا 2020-يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار نىشانى بېكىتىلدى،مەركەزنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى بىزگە ئىناق،مۇقۇم،گۈللەنگەن،باياشات شىنجاڭ قۇرۇش ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇش پىلانىنى سىزىپ بەردى.بۇ نىشانغا قاراپ پەرۋاز قىلىدىغان پۇرسەت ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى مۇساپە ئالدىدا، زىممىمىزدىكى ۋەزىپنىڭ مۈشكۈل، مەسئۇلىيەتنىڭ شەرەپلىك، خىزمەتنىڭ جاپالىق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىۋاتىمىز. ئەمما بىز جاپادىن قورقمايمىز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكى، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، خەلق ئىشلىرى نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ غەمخورلۇقى، ئەزالارنىڭ قوللىشىدا كۆپچىلىكنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ئۇيۇشما خىزمىتىدە يېڭى سەھىپە يارىتالايدىغانلىقىمىزغا ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىز بار!

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى

2014-يىل 6-ئاينىڭ 18-كۈنى

باشبەت ئۇيۇشما ھەققىدە مەسلىھەت ئالاقىلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ
مەزكۇر تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : 新疆维吾尔自治区民贸商会 گە تەۋە
شىركەت ئادرىسى : ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 544-نومۇر رۈيدا Aبىنار 12-قەۋەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مىللىي سودائۇيۇشمىسى
تېلفون : 8532089،2803532، 8522310 -0991 فاكىس : 0991-8532089,微信平台:xjuyuxma ئېلخەت ئادىرىسى : 1355084672@qq.com 
تور بىكەت ئادرىسى : www.uyuxma.com بېيئەن ICP نومۇرى : 新ICP备13001466号-1