ساقلىۋىلىڭ باشبەت قىلىڭ 中文 ئۇيغۇرچە
ئەزا كارخانىلار
  قاراماي شەھەر مايتاغ مەخسۇت سودا چەكلىك 
  ئەرقال كاپىتالى
  ھەدىيە كۆز كىسەللىك دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ لوڭبو مەبلەغ سىلىش شىركىتى
  ئۈرۈمچى قۇتيار پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چە
  شىنجاڭ ئىپار بىيو - تېخنىكا تەرەققىيات چ
  شىنجاڭ بۇغدا دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ ئامىنە ئالاھىدە يېزائىگىلىك يۇقۇر
  ئۇيۇشمىغا ئەزا بىر قىسىم  كارخانىلار تېز
تەمىنلەش ئۇچۇرى
  يۇقىرىقى تاغدىكى قار تېيى
  10 - ئاينىڭ31- كۈنى 
  شىنجاڭ قەرز سوممىسى تۇنجى قېتىم تىرلىيون
  جۇڭگو مۇلازىمەت داڭلىق ماركا يېغىنى مۇلا
  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇنجى با
ئېھتىياج ئۇچۇرى
 
  ئۇيۇشما خەۋەرلىرى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللى سودا ئۇيۇشمىسى  خىزمەتچى قۇبۇل قىلىش ئېلانى
يوللىغۇچى:admin; يوللىغان ۋاقتى:2014/7/2 19:22:42ئاۋاتلىقى:2128قېتىم

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللى سودا ئۇيۇشمىسى شىنجاڭدىكى سودا-سانائەت كارخانىلىرى ،شىركەتلىرى قاتارلىق ئىقتىسادى تەشكىلاتلار ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ قۇرغان، مۇستەققىل قانۇنى ئىگىلىك سالاھىتىگە ئېرىشكەن جەمئىيەت كوللىكتىپى. ئۇيۇشمىنىڭ ۋەزىپىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىش ئۈچۈن،تۆۋەندىكى ئورۇنلارغا ئادەم قۇبۇل قىلىمىز:

مەمۇرىې باشقۇرۇش بۆلۈم باشلىقى،ھوقوقنى قوغداش مۇلازىىمىتى بۆلۈم باشلىقى،پائالىيەت پىلانلاش بۆلۈم باشلىقى،ئەزالارنى تەشكىللەش بۆلۈم باشلىقى، تۈر ھەمكارلىقى بۆلۈم باشلىقى،جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرى بۆلۈم باشلىقى قاتارلىقلار.

• قۇبۇل قىلىنىدىغان سان 6 نەپەر؛

• يېشى:35 ياشتىن 45 ياشقىچە؛

• تەكلىپ قىلىپ ئشلىتىش شەكلى:پۈتۈن كۈنلۈك؛

• ئوقۇش تارىخى:ئالى مەكتەپ تولۇق كۇرۇس ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۈنۋان بولۇش ؛

•تىل جەھەتتىكى تەلىپى: ئۆزىنىڭ تىلىنى پىششىق ئگىلىگەن بولۇشتىن سېرت باشقا بىر خىل تىلنى پىششىق ئىگىلىگەن بولىشى لازىم؛

•مەلۇم دەرىجىدە خەت ئاساسى ھەم يېزىقچىلىق قابىلىيىتى بولۇش؛

•كومپىيۇتېر مەشغۇلاتىغا پىششىق بولۇش؛

•ئايلىق ئىش ھەققى تەمىناتى :5000دىن 10000يۈەنگىچە؛

•خىزمەت تەجىربىسى: 4 يىلدىن يۇقۇرى ؛

•سىناق ۋاقتى 3 ئاي؛

•تىزىملاش ۋاقتى:2014-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە؛

•يۇقىرىقى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلگۈچىلەر،تۆۋەندىكى ئورۇنلارنىڭ چۈشەندۈرىشىنى سېلىشتۇرۇپ،خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغانلار تىزىملاتسا بولىدۇ.

تىزىملاش ئورنى ھەم تېلېفون نومۇرى:ئۈرۈمچى شەھەر تىيانشان رايونى جەنۇبى ئازاتلىق يولى 148-نومۇر(باۋخىڭ سارىيى)411-ئۆي.تېلېفون نومۇرى0991-2803532,،0991-8522310،ئالاقىلاشقۇچى:قادىرئىسمايىل، پەرھات ئۆمەر.

بىرىنچى، مەمۇرىې باشقۇرۇش بۆلۈم باشلىقى خزمەت ۋەزىپىسىنى چۈشەندۈرۈش.

1.ئۇيۇشما باشلىقىنىڭ يىغىندىكى قارارىنى تاماملاش،ئۇيۇشما ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇچۇر راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش.

2.ئۇيۇشمىنىڭ پەسىللىك ھەمدە يىللىق خىزمەت پىلانىنى تۈزەش،ئۇيۇشما ئەزا شىركەتلىرىنى قەرەلسىز زىيارەت قىلىش،شىركەتنىڭ پىكىر تەلىپىنى ئاڭلاپ،خىزمەت ئۇسۇلىنى توختىماي ياخشىلاپ،ئۇيۇشما ئەزاسى ئۈچۈن تېخىمۇ سۈپەتلىك مۇلازىمەت قىلىش.

3.ئۇيۇشمىنىڭ ھەرخىل يىغىنىغا مەسئۇل بولۇپ،يىغىن خاتىرسى قالدۇرۇش،ئۇيۇشمىنىڭ باشقا مۇھىم ئىشلىرىنى رەتلەش،خاتىرە قالدۇرۇش،ئاخپىراقا ئېلىش.كاتىپ خىزمىتى،ئاخپارات خىزمىتى،كادىر ئىشلىرى،مالىيە باشقۇرۇش،ئارقى سەپ قاتارلىق ھەرخىل ئشلارنى ياخشى ئورۇنداش.

4.ھۆكۈمەت ۋە باشقا ئالاقىدار ئورۇنلار ھاۋالە قىلغىن ئىشلارنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ،ئەزا كارخانا خادىملىرىنىڭ تېخنىكىلىق ئۈنۋان ئلتىماس قىلىش خىزمىتىگە ياردەم بېرىش.

5.داڭلىق ئەرباپلار،ھۆكۈمەت خادىملىرى ھەم باشقا ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ،ئۇيۇشمىنىڭ كۆرۈكلۈك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللى سودا ئۇيۇشمىسىنڭ نامىنى كۆتۈرۈش،ئۇيۇشمىنىڭ داڭلىق ماركىسىنى تۇرغۇزۇش.

6.ئۇيۇشما ئوبرازىنى تەشۋىق قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش،ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات ئورۇنلىرى،ئاخبارات ۋاستىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ،》شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلۇق مىللى سودا ئۇيۇشما ئالاقىسى《نى تەھرىرلەش،تارقىتىش خزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ،ئۇيۇشمىنىڭ نامىنى كۆتۈرۈش.ئۇيۇشمىنىڭ ئالاقە،خەۋەر بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئورۇنلاپ،ئويۇشما كارخانىلار ۋە ئەزالارنىڭ ياخشى ئش ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلىپ،ئىتتىپاقلىق كۈچىنى ۋە ئۇيۇشمىغا ئىنتىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش.

7.ئۇيۇشمىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مۇھىم خزمىتىنى تەشكىللەپ،ئۇيۇشمىنىڭ پىلانى،خزمەت خۇلاسىسى،يىغىن خاترسى،ئۇيۇشما قىسقىچە خەۋىرى،ئۇيۇشما كۈندىلىك خاتىرسى،چوڭ ئىشلار خاتىرسى قاتارلىقلارنى تەييارلاش،ئۇيۇشما باشلىقى يىغىنى،دائىمىي ئىشلار كېڭەش ئەزاسى ئىشلىرى،سۆھبەت يىغىنىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ،يىغىن خاتىرسى قالدۇرۇش.

8.ئۇيۇشما باشقۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ،مالىيە باشقۇرۇش يۈرۈشلەشتۇرۇش تەدبىرىنى ياخشى تۈزەپ،كىرىمنى ئاشۇرۇپ،چىقىمنى ئازلىتىپ،كىرىم-چىقىم ھېساباتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ،ھېسابات خاتىزسىنى ئېنىقلاشتۇرۇش،خىزمەتنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ،ئەزالار يېغىنىدا بەلگىلىمە بويىچە مالىيە خىزمىتىدىن دوكىلات بېرىش.

9.ئۇيۇشما تاپشۇرغان باشقا ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش.

ئىككىنچى، ئەزالارنى تەشكىللەش بۆلۈم باشلىقى خىزمەت ۋەزىپىسىنى چۈشەندۈرۈش.

1.يېڭى ئەزالارنى بايقاش ھەمدە قۇبۇل قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ،تەشۋىق ۋە سەپەرۋەر قىلىش،ئۇيۇشمىغا كىرىش ئىلتىماس جەدۋىلىنى تارقىتىش،يېڭى ئەزانىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ۋە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى يوللاش،ئەزالىق كېنىشكىسىنى ياساش ۋە تارقىتىش خىزمەتلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.

2.ئۇيۇشما ئەزالىرىنىڭ تۇرمىشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ،ئۇيۇشما ئەزالىرىنىڭ توي قاتارلىق خۇشاللىنارلىق ئىشلىرىنى تەبرىكلەش،بېشىغا كۈن چۈشسە ھال سوراپ بېرىش؛ئۇيۇشما ئەزالىرىنى تەشكىللەپ،ئەزالارنى ئۇيۇشما بېكىتكەن پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتناشتۇرۇش؛ئالاقىدار يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ كۆرسەتمىسى ھەم ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەزالارغا يەتكۈزۈش؛ئەزا شىركەتلەرنىڭ ئۇچۇرىنى ئۇيۇشمىغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ تۇرۇش؛

3.ئەزالارنى ھەركەتلەندۈرۈپ،ھەرخىل پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشتۇرۇپ،ۋاقتىدا ئەزالىق بەدىلى تاپشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش،ھەر يىلى بىر نەچچە يېڭى ئەزا قۇبۇل قىلىش.ئەزالىق بەدىلىنى يىغىشقا مەسئۇل بولۇش.

4.ئەزالار يىغىنىنىڭ ماتىرياللىرىنى (يېزىقچە ھەم ئۈن-سىن ماتىرياللار)تەييارلاش،ئەزالارنىڭ ماتىريالىنى تەييارلاش،رەتلەش، يىغىش، ئاخپاراتقا ئېلىش خىزمىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.

5.مۇنەۋەر ئەزالارنى تەۋسىيە قىلىش تىزىملىكىنى تەييارلاش.

6.ئۇيۇشما تاپشۇرغان باشقا ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش.

ئۈچۈنچى، پائالىيەت پىلانلاش بۆلۈم باشلىقى خىزمەت ۋەزىپىسىنى چۈشەندۈرۈش.

1.ئۇيۇشمىنىڭ بىرلەشمە دوسلۇق ئورنۇتۇش پائالىيەتلىرىنى پىلانلاش،سىرتقا چىقىپ كۆزۈتۈش پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇش،ھەرخىل تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش،ھەمدە پائالىيەت شەكلى تەرەپتىن يېڭىلىق يارىتىپ، مەزمۇنىنى بېيىتىپ، پائالىيەتنىڭ دەرىجىسىنى كۆتۈرۈش.

2.ئەزالار ئارىسىدا كارخانا باشقۇرۇش،قانۇن،گۇمانىتار پەنلەر، ئلھاملاندۇرۇش،تۇرمۇشتا كۈتۈنۈش قاتارلىق تەرەپلەردىن پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇپ،ئەزالار ئارىسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى مۇستەھكەملەپ، دوسلۇقىنى كۈچەيتىپ،ئەزالارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش.

3.ئۇيۇشما تاپشۇرغان باشقا ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش.

تۆتىنچى، ھوقوقنى قوغداش مۇلازىىمىتى بۆلۈمى باشلىقى خىزمەت ۋەزىپىسىنى چۈشەندۈرۈش.

1.ئەزالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقوقىنى قوغداش،ئەزا كارخانىلار بىلەن سىرتتىكى كارخانىلار ئارىسىدىكى زىددىيەتلەرنى كېلىشتۈرۈپ،ھەل قىلىپ،ئەزا كارخانىلارنىڭ جاپاسىنى ئازلىتىشقا ياردەم بېرىش.

2.دائىمىي تەرتىپلەرنى تۈزۈش،بىر يىلدا ئۈچ قېتىمدىن كۆپ تەربىلەش ئورۇنلاشتۇرۇپ،ئەزالارنىڭ قانۇن ساۋادىنى كۈچەيتىش،ئاپتونوم رايونلۇق سىياسى-قانۇن بۆلۈملەردىن ئادەم تەكلىپ قىلىپ قانۇن ھەققىدە لېكسىيە بېرىپ،ئەزالارنىڭ قانۇن ئېڭىنى ھەم قانۇن بويىچە ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىپ،ئەزالارنىڭ قانۇنى ھوقوقىنى قوغداشقا تىرىشىش.

3.ئۇيۇشما تاپشۇرغان باشقا ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش.

بەشىنچى،تۈر ھەمكارلىقى بۆلۈم باشلىقى خىزمەت ۋەزىپىسىنى چۈشەندۈرۈش.

1.سودىگەر چاقىرىپ مەبلەخ كىرگۈزۈش،ئىقتىسادى سودا قاتارلىق ئۇچۇرنى يىغىپ توپلاپ،ئۇچۇرلارنى تاللاپ،ئەزالارغا تارقىتىش؛ئەزالار ئۈچۈن ئىقتىسادى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ،تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ،ئەزا كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش.

2.كونكرېت تۈر ھەمكارلىقى تەپسىلاتى ھەم باشقۇرۇش تەپسىلاتىنى تۈزۈپ،ئۇيۇشما باشلىقىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئۆتكۈزۈشكە سونۇش.ئوخشاش ساھەدە بولغىن ئەزا كارخانىلارنى بازارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىشلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ،تىجارەت تەدبىرى،بازارغا سېلىپ سېتىش تاكتىكىسى تەرەپتىن مەسلىھەت بېرىش.

3.ئۇيۇشما نامىدا بىرلىشىپ يۈرگۈزگەن مەبلەخ سېلىش ، مەبلەخ يۈرۈشتۈرۈش تۈرلىرىنىڭ خېيىم-خەتىرىنى مۆلچەرلەپ باھالاش.پۇل-مۇئامىلە ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ،ئەزا كارخانالارنىڭ مەبلەخ سېلىش،مەبلەخ يۈرۈشتۈرۈش ئىشلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش.

4.ئاپتونوم رايونلۇق ھەم ئوبلاسىتلىق مەبلەخ كىرگۈزۈش ئورۇنلىرى ئالاقىلىشىپ،ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ،ئككى يەرنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ،كەمچىلىكىنى تولۇقلاپ،بىرلىكتە تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش.

5.ئەزالار ئوتتۇرسىدا ئاكتىپ ماسلىشىپ،ئۇچۇر راۋنلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ،مەنبەدىن ھەم پايدىدىن ئورتاق بەھرىمان بولۇشقا ئۇيۇشتۇرۇش.

6.چەتئەلدىكى سودا-سانائەت ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقە ئورنۇتۇپ،ئەزالار كارخانىلار ئۈچۈن،دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىقتىساتنى تەرەققى قىلدۇرۇپ،سودا پۇرسىتى ئىزدەش.

7.ھوقوق بېرىلگەن ۋەكىل سۈپىتىدە،تۈرگە ئالاقىدار ئىقتىسادى ماجرا ۋە دەۋانى ھەل قىلىش.

8.تۈر ھەمكارلىقىغا ئالاقىدار باشقا ئشلارنى بىر تەرەپ قىلىش.

9.ئۇيۇشما تاپشۇرغان باشقا ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش.

ئالتىنچى،جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرى بۆلۈم باشلىقى ۋەزىپىسىنى چۈشەندۈرۈش.

1.ئۇيۇشمىنىڭ يىللىق جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرى خزمەت پىلانى تۈزەش، جامائەت پاراۋانلىق ئىئانە ئىشلىرىنى تەشكىللەش.

2.ئىئانە تۈرلىرىنى تاللاپ،ئىئانە ئىشلىرىنى ئىنچىكە كۈزۈتۈپ،خزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،نەتىجىسى ۋە ئۈنۈمىنى يۇقىرىغا يوللاش.

3."جۇڭگو شەرەپلىك ئىشلىرى جەنۇبى شىنجاڭ سەپىرى"گە ئاكتىپ قاتنىشىپ، جامائەت پاراۋانلىق ئىئانە ئىشلىرىغا قاتنىشىدىغان ئەزا شىركەتلەرنى ئەستايىدىل ئۇيۇشتۇرۇپ،ئۇلارنى تەشۋىق قىلىش ئىشلىرىنى ياخشى ئورۇنداش.

4.ئاپتونوم رايوندىكى ئالى مەكتەپلەر، ئاپتونوم رايوندىكى خەلق ئىشلىرى ئورگانلىرى، ئىتتىپاق كومىتېتى ئورگانلىرى قاتارلىقلار بىلەن ئاكتىپ ئالاقىلىشىپ، ئەخلاقتىمۇ ۋە ئۆگىنىشتىمۇ ئەلاچى بولغان ھەمدە ئۆيىدە قىيىنچىلىقى بولغان ئوقۇغۇچىلار تىزىملىكىگە ئېرىشىپ،ئوقۇشقا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە ئاساس سېلىش.

5.ئۇيۇشما تاپشۇرغان باشقا ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللى سودا ئۇيۇشمىسى كاتىبات باشقارمىسى
باشبەت ئۇيۇشما ھەققىدە مەسلىھەت ئالاقىلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ
مەزكۇر تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : 新疆维吾尔自治区民贸商会 گە تەۋە
شىركەت ئادرىسى : ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 544-نومۇر رۈيدا Aبىنار 12-قەۋەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مىللىي سودائۇيۇشمىسى
تېلفون : 8532089،2803532، 8522310 -0991 فاكىس : 0991-8532089,微信平台:xjuyuxma ئېلخەت ئادىرىسى : 1355084672@qq.com 
تور بىكەت ئادرىسى : www.uyuxma.com بېيئەن ICP نومۇرى : 新ICP备13001466号-1