ساقلىۋىلىڭ باشبەت قىلىڭ 中文 ئۇيغۇرچە
ئەزا كارخانىلار
  قاراماي شەھەر مايتاغ مەخسۇت سودا چەكلىك 
  ئەرقال كاپىتالى
  ھەدىيە كۆز كىسەللىك دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ لوڭبو مەبلەغ سىلىش شىركىتى
  ئۈرۈمچى قۇتيار پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چە
  شىنجاڭ ئىپار بىيو - تېخنىكا تەرەققىيات چ
  شىنجاڭ بۇغدا دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ ئامىنە ئالاھىدە يېزائىگىلىك يۇقۇر
  ئۇيۇشمىغا ئەزا بىر قىسىم  كارخانىلار تېز
تەمىنلەش ئۇچۇرى
  يۇقىرىقى تاغدىكى قار تېيى
  10 - ئاينىڭ31- كۈنى 
  شىنجاڭ قەرز سوممىسى تۇنجى قېتىم تىرلىيون
  جۇڭگو مۇلازىمەت داڭلىق ماركا يېغىنى مۇلا
  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇنجى با
ئېھتىياج ئۇچۇرى
 
  ساۋاتلار
رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشى
يوللىغۇچى:admin; يوللىغان ۋاقتى:2014/5/28 11:53:08ئاۋاتلىقى:1482قېتىم

رۇسىيە سانكىتپىتىربورگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرى 22-ماي باشلاندى. دەۋرنى ئىسلاھ قىلىش، ئىشەنچنى كۈچەيتىش بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەرنىڭ ئاساسىي تېمىسى. ئۆتكەن نۆۋەتلىك مۇنبەرگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى ئۇكرائىنا كرىزىسىنىڭ تەسىرىدە رۇسىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكىنىڭ جازاسىغا ئۇچرىغانلىقتىن، كۆپلىگەن چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەردىكى ئورنى بوش قالدى. قاتناشقانلارنىڭ سانىمۇ ئازايدى.

رۇسىيە پرېزدېنتى پۇتىن 23-ماي سانكىتپىتىربورگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە ئىقتىساد خېيىم خەتىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، كەلگۈسى ئۈچ يىللىق مالىيە خامچوتىغا مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئىقتىسادنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىدۇ. رۇسىيە قانۇن چىقىرىش تارماقلىرى بۇ يىل مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ياخشىلاش قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللايدۇ؛ قىسمەن مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرزدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

ئۇكرائىنا كرىزىسى تېخىچە ھەل قىلىنمىغان ۋە رۇسىيە ئىقتىسادىدىكى تۇراقسىز ئامىللارنىڭ كۆپىيىش ئەھۋالى ئارقىسىدا، جازالاش بۇ قېتىمقى ئىقتىساد مۇنبىرىدە قايرىپ قويغىلى بولمايدىغان تېمىغا ئايلاندى.تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: رايون ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈپ، قېرىنداشلار جۈملىدىن جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش رۇسىيە ئىقتىسادنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشى.

غەربنىڭ جازالىشى تەسىرىدە بۇ يىل رۇسىيە ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش خەتىرى يۇقىرى بولىدۇ. بۇ يىل 1-پەسىلدە رۇسىيە كاپىتالىنىڭ ئېقىپ كېتىش سوممىسى 50 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. رۇسىيە ئىقتىساد مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە: پەسىل خاراكتېرلىق ئامىلنى چىقىرىۋەتكەندە بۇ يىل 1-پەسىلدە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %0.5 تۆۋەنلىگەن. ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى بۇ يىل 2-، 3- پەسىلگىچە داۋاملىشىدىكەن . بۇ يىل ئىقتىسادنىڭ يۈكسىلىشى %0.5 گە يېتىشى مۇمكىن ئىكەن

ئۇندىن باشقا چەتئەل پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى رۇسىيە كارخانىلىرىغا بېرىدىغان قەرزنى قىستى. بۇ يىل 1-پەسىلدە شەھەر بانكىسى، مورگىن بانكىسى قاتارلىق بانكىلارنىڭ رۇسىيەگە تارقاتقان قەرز پۇل مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم ئايرىم %9، %13 گە تۆۋەنلىدى. ھازىر باشقا بانكىلار غەرب بانكىلىرىنىڭ رۇسىيە بازىرىدىكى ئورنىنى ۋاقتىنچە ئالالمايدۇ.

رۇسىيە ئىقتىسادىنى قانداق قىلىپ يۈكسەلدۈرۈش بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەرنىڭ يادرولۇق قارالمىسى بولدى. رۇسىيە تۆمۈر يول شىركىتىنىڭ لىدىرى ئەشيا ئوبوروتى ئۇل ئەسلىھە تۈرىنى زور كۈچ بىلەن قۇرۇش كېرەك دەپ قارىدى. رۇسىيەنىڭ ئىقتىساد تەرەققىيات مىنىستىرى ھۆكۈمەت ئىشنى سىياسەت قاتلىمىدىن تۇتۇپ، رويخەتكە ئېلىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ،باجنى كېمەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ سېتىۋېلىش كۆلىمىنى ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىپ بەرسە، دەپ تەكلىپ بەردى.

رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ شەرققە يۈزلىنىشى بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەردە نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنىدىغان يۈزلىنىشكە ئايلاندى. شەرققە يۈزلىنىشنىڭ 1- مەزمۇنى رۇسىيىنىڭ سىبىرىيە ۋە يىراق شەرق قاتارلىق شەرقىي رايوننى ئېچىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەردە رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق ۋە سىبىرىيە رايونىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى تونۇشتۇرۇلغان كۆپ مەيدان ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى. رۇسىيە يىراق شەرق تەرەققىيات مىنىستىرلىقى رۇسىيە نېفىت شىركىتى،تەبىئىي گاز سانائەت شىركىتى قاتارلىق چوڭ كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. كېلىشىم سوممىسى 700 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى.

شەرققە يۈزلىنىشنىڭ يەنە بىر مەزمۇنى –ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش. جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىق رۇسىيىنىڭ مۇھىم يۆنىلىشى. جۇڭگودىكى سەپىرىنى ئەمدىلا ئاياغلاشتۇرغان رۇسىيە پرېزدېنتى پۇتىن مۇنبەردە جۇڭگو بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك باھا بەردى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو رۇسىيىنىڭ 1-چوڭ ئىقتىسادىي شېرىكىگە ئايلاندى. 2013-يىلى ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى 90 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. 2020-يىلى200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشماقتا. ئىككى دۆلەت كەلگۈسىدە ئاكتىپ سودا ھەمكارلىقى ۋە ئۆزلىرىنىڭ پۇللىرىنى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ. 
رۇسىيە ئىجتىمائىي سىياسىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى مۇنداق دېدى: رۇس تىلىنىڭ جۇڭگونىڭ يىراق شەرقنى ئېچىش جەھەتتىكى يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. ھازىر رۇسىيە ھۆكۈمىتى ۋىلدىۋوستوكتا رۇسىيە ئىقتىسادى ئالاھىدە رايونى قۇرۇش پىلانىنى كۈن تەرتىپكە كىرگۈزدى. بۇ پىلان رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

خەۋەر تورى

 

باشبەت ئۇيۇشما ھەققىدە مەسلىھەت ئالاقىلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ
مەزكۇر تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : 新疆维吾尔自治区民贸商会 گە تەۋە
شىركەت ئادرىسى : ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 544-نومۇر رۈيدا Aبىنار 12-قەۋەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مىللىي سودائۇيۇشمىسى
تېلفون : 8532089،2803532، 8522310 -0991 فاكىس : 0991-8532089,微信平台:xjuyuxma ئېلخەت ئادىرىسى : 1355084672@qq.com 
تور بىكەت ئادرىسى : www.uyuxma.com بېيئەن ICP نومۇرى : 新ICP备13001466号-1