ساقلىۋىلىڭ باشبەت قىلىڭ 中文 ئۇيغۇرچە
ئەزا كارخانىلار
  قاراماي شەھەر مايتاغ مەخسۇت سودا چەكلىك 
  ئەرقال كاپىتالى
  ھەدىيە كۆز كىسەللىك دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ لوڭبو مەبلەغ سىلىش شىركىتى
  ئۈرۈمچى قۇتيار پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چە
  شىنجاڭ ئىپار بىيو - تېخنىكا تەرەققىيات چ
  شىنجاڭ بۇغدا دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ ئامىنە ئالاھىدە يېزائىگىلىك يۇقۇر
  ئۇيۇشمىغا ئەزا بىر قىسىم  كارخانىلار تېز
تەمىنلەش ئۇچۇرى
  يۇقىرىقى تاغدىكى قار تېيى
  10 - ئاينىڭ31- كۈنى 
  شىنجاڭ قەرز سوممىسى تۇنجى قېتىم تىرلىيون
  جۇڭگو مۇلازىمەت داڭلىق ماركا يېغىنى مۇلا
  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇنجى با
ئېھتىياج ئۇچۇرى
 
  ساۋاتلار
دۇنيادىكى ئەڭ باي85ئادەمنىڭ بايلىقى دۇنيا بايلىقىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ
يوللىغۇچى:admin; يوللىغان ۋاقتى:2014/5/26 12:27:58ئاۋاتلىقى:1400قېتىم

ئەلكۈيى تورى قەھرىتان 21-كۈنى خەۋىرى : ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتى (BBC) نىڭ قەھرىتاننىڭ 21-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە ، ئەنگىلىيە خەير-ساخاۋەت جەمئىيىتى Oxfam يېقىندا بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ ، تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن مەلۇم بولىشىچە دۇنيادىكى ئەڭ باي 85 ئادەمنىڭ ئۇمۇمىي بايلىقى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۈچ مىليارد 500مىليون كىشىنىڭ ئۇمۇمىي بايلىقىغا باراۋەر كېلىدىكەن ، يەنى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئۇمۇمىي بايلىقىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدىكەن .Oxfam پۈتۈن يەرشارى مىقياسىدا نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى ئېلىپ بارىدىغان تەشكىلات بولۇپ ، بۇ تەشكىلات «ئاز سانلىق كىشىلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان دۇنيا» ناملىق بۇ دوكلاتىدا بايلارنىڭ بايلىقىنىڭ تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقىدەك ئىقتىسادىي تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسىنى نۇقتىلىق تەھلىل قىلىپ ، بۇ خىل ئەھۋالنى ھەتتا ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تەھتىد ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارىغان .دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە ، 2013-يىلى يەنە 210 ئادەم دۇنيا مىليادىرلار كۇلۇبىغا كىرگەن بولۇپ ، بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى مىليادىرلار سانى 1426 ئادەمگە يەتكەن . ئۇلارنىڭ ئۇمۇمىي ساپ مۈلكى بەش ترىليون 400مىليارد دوللارغا يەتكەن .ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ باي شەخس ھېسابلانغان مېكسىكا تېلىگىراف ماگناتى كارلۇس سېلىم ئېرو بولۇپ ، «فۇربىس» ژۇرنىلى ئۇنىڭ مۈلكىنى 73مىليارد دوللار دەپ ھېسابلىغان ، مىكروسوفتنىڭ قۇرغۇچىسى بىل گېيتىس بولسا 67 مىليارد دوللارلىق مۈلكى بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان . دۇنيادىكى 100 باينىڭ ئىچىدە ئامېرىكىلىق ئەڭ كۆپ بولۇپ ، 31 ئادەم ئامېرىكىلىق بولۇپ چىققان . ئۇنىڭدىن قالسا تەرتىپ بويىچە ئاۋسترالىيە ، شىۋىتسىيە ، نورۋىگىيە ۋە ئېرىلاندىيە بولغان .پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ باي 1% نوپۇس 110ترىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق بايلىقنى ئىگىلىگەن بولۇپ ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئۈچ مىليارد 500مىليون خەلقنىڭ ئۇمۇمىي بايلىقىنىڭ 65 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن .دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە ، بايلىق ئېغىر دەرىجىدە ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ قولىغا مەركەزلىشىپ قالغان بولۇپ ، ھەرخىل سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تۈزۈلمىلەرگە تەھتىد ئېلىپ كەلگەن . بۇنداق بولۇۋەرسە ئىنسانىيەت ھەرگىزمۇ ئورتاق ئالغا ئىلگىرىلىمەستىن بەلكى ھەرخىل ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي بېسىمنىڭ تەسىرىدىن بۆلۈنۈپ ئەڭ ئاخىرىدا بىر توسۇۋالغىلى بولمايدىغان جەمئىيەت قالايمىقانچىلىقى ۋە كىرىزىس كېلىپ چىقىدىكەن .Oxfam بۇ دوكلاتى ئارقىلىق ھەر قايسى دۆلەتلەرنى پات يېقىندا ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىدە بايلىقنىڭ تەقسىملىنىشى ئېغىر دەرىجىدە تەكشىسىز بولۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ بېقىشقا چاقىرغان .Oxfam تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، ئۇلار پۈتۈن يەرشارى مىقياسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ قانۇنىي جەھەتتە مەلۇم دەرىجىدە بايلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش خاھىشىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىغان . دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن :»ئىسپانىيە ، برازىلىيە ، ھىندىستان ، جەنۇبىي ئافرىقا ، ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خەلقلەر قانۇننىڭ ھەمىشە بايلار تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىدىن ئاغرىنىشىدۇ...»Oxfam نىڭ باش مۇدىرى Winnie Byanyima مۇ بۇ قېتىمقى ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتنىشىدىغان بولۇپ ، ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، باي نامراتلىق پەرقى ئېغىر بولۇش مەسىلىسىدە ئەڭ ئاۋۋال بايلىقنىڭ تەقسىملىنىشى تەكشىسىز بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك ئىكەن ، شۇنداق قىلغاندا ئاندىن نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدىكەن . بولمىسا بايلىق بىلەن ھوقۇقنىڭ ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ قولىغا مەركەزلىشىپ قېلىشى تېخىمۇ كۈچىيىپ يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش كېلىپ چىقىدىكەن ، نەتىجىدە باشقا كىشىلەر پەقەت تاماق ئۈستىلىدىكى «ئېشىپ قالغان بولكا ئۇۋىقى» نى يېيىشكە مەجبۇر بولىدىكەن .ئۇ يەنە ھىندىستاننى مىسال قىلىپ ئۆتكەن 10 يىلدا ھىندىستان مىليادىرلىرىنىڭ سانىنىڭ ئالتىدىن 61 گە كۆپەيگەنلىكىنى ، ئۇلارنىڭ جەمئىي 250 مىليارد بايلىقنى ئىگىلىگەنلىكىنى ، ئادەمنىڭ تېخىمۇ چۆچۈتىدىغان يېرى بولسا ھىندىستاندىكى ئاز ساندىكى بايلارنىڭ ھىندىستان ئۇمۇمىي بايلىقىنى ئىگىلەش نىسبىتىنىڭ 2003-يىلىدىكى 1.8% تىن 2008-يىلى بىراقلا 26% كە ئۆرلىگەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتكەن .دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە ، ھىندىستان مىليادىرلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ كىرىمى بىر قاتار ھۆكۈمەت ھوقۇقىنىڭ ئارىلىشىشى كۈچلۈكرەك بولغان ساھەلەردىن كىرىدىكەن . بەزى كەسىپلەرنىڭ پايدىسى پۈتۈنلەي ھۆكۈمەتنىڭ ئېچىشنى تەستىقلاش تەستىقلىماسلىقىغا باغلىق بولغاچقا ، ئاسانلا چىرىكلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن .

ئەلكۈيى تورى

باشبەت ئۇيۇشما ھەققىدە مەسلىھەت ئالاقىلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ
مەزكۇر تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : 新疆维吾尔自治区民贸商会 گە تەۋە
شىركەت ئادرىسى : ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 544-نومۇر رۈيدا Aبىنار 12-قەۋەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مىللىي سودائۇيۇشمىسى
تېلفون : 8532089،2803532، 8522310 -0991 فاكىس : 0991-8532089,微信平台:xjuyuxma ئېلخەت ئادىرىسى : 1355084672@qq.com 
تور بىكەت ئادرىسى : www.uyuxma.com بېيئەن ICP نومۇرى : 新ICP备13001466号-1