ساقلىۋىلىڭ باشبەت قىلىڭ 中文 ئۇيغۇرچە
ئەزا كارخانىلار
  قاراماي شەھەر مايتاغ مەخسۇت سودا چەكلىك 
  ئەرقال كاپىتالى
  ھەدىيە كۆز كىسەللىك دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ لوڭبو مەبلەغ سىلىش شىركىتى
  ئۈرۈمچى قۇتيار پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چە
  شىنجاڭ ئىپار بىيو - تېخنىكا تەرەققىيات چ
  شىنجاڭ بۇغدا دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ ئامىنە ئالاھىدە يېزائىگىلىك يۇقۇر
  ئۇيۇشمىغا ئەزا بىر قىسىم  كارخانىلار تېز
تەمىنلەش ئۇچۇرى
  يۇقىرىقى تاغدىكى قار تېيى
  10 - ئاينىڭ31- كۈنى 
  شىنجاڭ قەرز سوممىسى تۇنجى قېتىم تىرلىيون
  جۇڭگو مۇلازىمەت داڭلىق ماركا يېغىنى مۇلا
  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇنجى با
ئېھتىياج ئۇچۇرى
 
  ئويۇشما نىزامنامىسى
 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودا

 ئويۇشمىسىنىڭ نىزامنامىسى

(دەسلەپكى لايىھە)

بىرىنچى باب  ئومۇمىي پرىنسىپ

1 ـ ماددا نامى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودا ئويۇشمىسى.

2 ـ ماددا خاراكتېرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودا ئويۇشمىسى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئۇسۇلى ئوخشاش بولمىغان سودا ـ سانائەت كارخانىلىرى ۋە يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تەشكىللىنىشىدىن قۇرۇلغان، ھۆكۈمەت فۇنكىسىيىلىك تارماقلىرىنىڭ بىر تۇتاش يېتەكلىشى ۋە ماسلاشتۇرۇشى ئاستىدا، شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مىللىي كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، سودا ئىشلىرىنى يۈرۈشتۈرىدىغان، سودا ئالاقە، ئۇچۇر يەتكۈزۈش قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، پايدا ئالمايدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلات.

 ئۇيۇشمىنىڭ پرىنسىپى: ئىختىيارى قاتنىشىش، ئۆز ئالدىغا تەدبىر بەلگىلەش، ئۇيۇشما ئىشلىرىنى ئۆزلىرى بىر تەرەپ قىلىش، ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش، ئۆزىنى ئۆزى تەرەققى قىلدۇرۇش، راسخودنى ئۆزى تەييارلاش، ئۆزىنى ئۆزى تەربىيىلەشتىن ئىبارەت.

3 ـ ماددا ئاساسىي مەقسىتى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، سوتسىيالىزىم تۈزۈمىدە، مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونۇمىيە تۈزۈمىدە، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتپاقلىشىپ ئورتاق كۈرەش قىلىش ۋە ئورتاق گۈللەپ ياشنىشىدا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىپ چىگرانى مۇستەھكەملەش ئىستىراتىگىيىسىنى چوڭقۇر يۈرگۈزۈش؛ بىر نىيەت بىر مەقسەتتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مىللىي كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش، ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇش، مىللىي كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش، ئۇلارنى قانۇنلۇق تىجارەت قىلىشقا، بازارنىڭ نورمال ئىقتىسادىي تەرتىپىنى ئاڭلىق قوغداشقا، ياخشى ئوبراز تىكلەشكە يېتەكلەش، مىللىي كارخانىلارنىڭ ئونىۋېرسال كوللېكتىپ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ساغلام تەرەققى قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مىللىي كارخانىلارنىڭ  ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى قاتلاملار بىلەن بولغان بىۋاستە مۇناسىۋىتى ۋە ئالاقىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، ئاپتونوم ئىچى ۋە سىرتىدىكى كارخانىلار ئارا ئىقتىسادىي بېرىش-كىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ،مىللىي كارخانىلارنىڭ يېڭى ئوبرازىنى تېخىمۇ نامايەن قىلىش، ئاپتونوم رايوننىڭ مىللىي سودىسىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش ھەم كۆۋرۈكلۈك،ۋاستىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە، ئەمىلىيەتكە ۋە كەسپلەرنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىللىي كارخانىلار ئىچىدە تەسىرى بار، ئابرويلۇق، ئەمەلىي كۈچكە ئىگە كارخانىچىلار بىلەن كېڭىشىش ،قايتا-قايتا مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلىپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودا ئويۇشمىسى» نى قۇرۇش قارار قىلىندى.

4 ـ ماددا ئۇيۇشمىنىڭ تەۋەلىك مۇناسىۋىتى:

كەسپىي جەھەتتىن باشقۇرۇدىغان ئورۇن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت بىرلەشمىسى(سودا ئۇيۇشمىسى)، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائى تەشكىلاتلارنى تىزىملاپ باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ نازارىتى ۋە باشقۇرۇشىدا بولىدۇ.

5 ـ ماددا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ ئادرېسى: شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبىي ئازادلىق يولى 148 ـ نومۇر (باۋخېڭ سارىيى) 411-ئىشخانا.

 

ئىككىنچى باب مەسئولىيىتى ۋە ۋەزىپىسى

6 ـ ماددا دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇن، قانۇن، بەلگىلىمە ۋە سىياسەتلىرىگە، ئىجتىمائىي ئەخلاق ۋە كەسپى ئەخلاققا رىئايە قىلىپ، «مۇلازىمەت قىلىش، ماسلاشتۇرۇش، ۋەكىللىك قىلىش، ئۆزىنى باشقۇرۇش»  فۇنكىسىيىسىنى يۈرگۈزۈش، مىللىي كارخانىلارنىڭ ئارزۇسى ۋە تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرۈش، مىللىي كارخانىلارنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن ئالاقىلىشىشتىكى ۋاسىتىلىك رولىنى جارىي قىلدۇرۇش؛ مىللىي كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى قوغداش، مىللىي كارخانىلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىش، مىللىي كارخانىلارنىڭ ئالاقىلىشىش ۋە ھەمكارلىق سۇپىسىغا ئايلىنىش، ئۇلارنى پەيدىن-پەي قېلىپلىشىش، بازارلىشىش، خەلقئارالىشىش يولىغا يىتەكلەش.

    7-ماددا  ئۇيۇشمىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى

1) پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك فاڭجىن-سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش؛ ئۇيۇشما ئەزالىرىنى ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئىشتراك قىلىش ۋە ئۇنى مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا تەشكىللەش؛ ئويۇشما ئەزالىرى ئىچىدىكى ۋەكىللەر، زادلارنى سىياسى جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەۋسيە قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛ ئۇيۇشما ئەزالىرىنى ۋەتەننى سۆيۈش، كەسپنى قەدىرلەش ۋە قانۇنلۇق تىجارەت قىلىشقا ئىتتپاقلاشتۇرۇش، تەربىيىلەش، ياردەم بېرىش ۋە يېتەكلەش؛ ياخشى كارخانا ئوبرازىنى تىكلەش؛ مەدەنىي تىجارەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش؛

2) ئەزا كارخانىلار بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئوتتۇرىسىدا ئالاقە ئورنىتىش، ھۆكۈمەت ھوقۇق بەرگەن ياكى ھاۋالە قىلغان تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش، قەرەلسىز ئەزالار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئەزالارنىڭ پىكىر، تەكلىپ، تەلەپلىرىنى ئاڭلاش ۋە ئىنكاس قىلىش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىدىغان ۋە ئۇيۇشما ئەزالىرىنىڭ  مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ناتوغرا قىلمىشلارنى توسۇش،  ئەزا كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، كارخانىلار بىلەن ھۆكۈمەت ئارىسىدىكى كۆۋرۈكلۈك ۋە ۋاسىتىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش؛

3) ئەزا كارخانىلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇش، سودا يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش، خىزمەتلەردە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش، كارخانىلار ئارا ئىگىلىك باشقۇرۇش،كارخانا مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى،ئىقىساسلىقلارنى تەربىيلەش قاتارلىق جەھەتلەدە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشقا تەشكىللەش،ئەزالارنى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا تەشكىللەش؛

4) تۈرلۈك ئىقتىساد-سودا پائالىيەتلىرى (جۈملىدىن تۈرلۈك ئىچكى-تاشقى كۆرگەزمە، يەرمەنكىلەر) نى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە تەشكىللەش؛ بانكا بىلەن كارخانىلار ئارىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۇيۇشما ئەزالىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىش؛ ئەزالارنىڭ پەن-تېخنىكا ئارقىلق تەرەققى قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى، پاتېنت تۈرلىرىنى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئەزالارنى تۈرلۈك ئۇچۇر، مەسلىھەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش؛

6) ئەزا كارخانىلار ئارا دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ،ھېسىيات ئورنىتىپ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش؛

7) تۈرلۈك مۇلازىمەت كەسىپلىرى ۋە ئىقتىسادىي سۇبيېكىتلارنى قۇرۇش.

ئۈچىنچى باب  ئۇيۇشما  ئەزالىرى

8 ـ ماددا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزالىرى كارخانا ئەزا ۋە شەخسي ئەزالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

9 ـ ماددا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىغا ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى شەرت:

1) ئۇيۇشما نىزامنامىسىنى ھىمايە قىلىش؛

2) ئۇيۇشمىغا ئەزا بولۇش ئارزۇسى بولۇش؛

3) شىنجاڭدا رويىخەتكە ئالدۇرغان ھەر قايسى ساھەدىكى كارخانىلار ياكى شەخىسلەردىن تىجارەت ئورنى مۇقىم، ئىناۋىتى ياخشى،قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان، شۇنىڭدەك تۆۋەندىكى شەرتلەردىن بىرنى ھازىرلىغانلار بىردەك بۇ ئۇيۇشمىغا ئەزا بولالايدۇ:

 (1) كارخانىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى ئاز سانلىق مىللەتتىن بولۇش؛

(2) كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرى مۇئەييەن نىسبەتنى ئىگىلىگەن بولۇش؛

 (3) دۆلەت ئېتىراپ قىلىدىغان مىللىي سودا ، مىللىي ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ياكى تىجارەت قىلىدىغان بولۇش.

10 ـ ماددا ئۇيۇشمىغا كىرىش تەرتىپى:

1) ئۇيۇشمىغا كىرىش ئىلتىماسى سۇنۇش؛

2) ئۇيۇشما باشلىقلىرى يىغىنى ياكى دائىمىي كېڭەش يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاش؛

3) دائىمىي كېڭەش يىغىنى ھوقۇق بەرگەن ئاپپارات ئەزالىق كېنىشكىسى تارقىتىش.

11 ـ ماددا  ئۇيۇشما ئەزالىرى تۆۋەندىكى ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ:

1) ئۇيۇشمىنىڭ سايلاش ھوقۇقى، سايلىنىش ھوقۇقى ۋە ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى؛

2) ئۇيۇشمىدىن ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى؛

3) ئۇيۇشمىنىڭ خىزمەتلىرىگە تەنقىد-تەكلىپ بېرىش ھوقۇقى ۋە نازارەتچىلىك ھوقۇقى؛

4) ئۇيۇشمىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ۋە ئۇيۇشما مۇلازىمىتىدىن ئالدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى؛

5) ئۇيۇشمىغا ئەزا بولۇش ۋە ئۇيۇشمىدىن چېكىنىشتە ئىختىيارىي بولۇش ھوقۇقى.

12 ـ ماددا ئۇيۇشما ئەزالىرى تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىدۇ:

1) ئۇيۇشما نىزامنامىسىغا رىئايە قىلىش، ئۇيۇشمىنىڭ قارار، بەلگىلىمىرىنى ئىجرا قىلىش، ئۇيۇشمىنىڭ ياخشى ئوبرازى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش؛

2) ئۇيۇشمىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىش، ئۇيۇشما تاپشۇرغان ئىشلارنى ئورۇنداش؛

3) ئۇيۇشمىغا ئەھۋاللارنى ئەينەن ئىنكاس قىلىش، ئۇيۇشمىنى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ۋە ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەش؛

4) بەلگىلىمە بويىچە ئەزالىق بەدىلى تاپشۇرۇش(كۆپ تاپشۇرۇشقا چەك قويۇلمايدۇ).

13 ـ ماددا ئەزالار ئۇيۇشمىدىن چېكىنمەكچى بولسا ئۇيۇشمىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەم ئەزالىق كېنىشكىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. ئۇيۇشما ئەزالىرى ئۈچ ئايغىچە ئەزالىق بەدىلى تاپشۇرمىسا ياكى ئۇيۇشمىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتناشمىسا، ئۆزلىكىدىن چېكىنگەن دەپ قارىلىدۇ.

14 ـ ماددا ئۇيۇشما ئەزالىرى نىزامنامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلسا، كېڭەش يىغىنى ياكى دائىمىي كېڭەش يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللانغاندىن كېيىن رويخەتتىن ئۆچۈرۈلىدۇ.

 

تۆتىنچى باب  تەشكىلىي ئاپپاراتى ۋە مەسئول خادىملارنى

بارلىققا كەلتۈرۈش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش

15 ـ ماددا ئۇيۇشمىنىڭ تەشكىلى پرىنسىپى ــ دېموكراتىيە- مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى، ئەزالار قۇرۇلتىيى ئۇيۇشمىنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى.

ئۇنىڭ خىزمەت ھوقۇقى تۆۋەندىكىچە:

1) نىزامنامىنى تۈزۈش ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈش؛

2) كېڭەش ئەزالىرىنى سايلاش ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش؛

3) ئۇيۇشمىنىڭ خىزمەت فاڭجىنى ۋە ۋەزىپىسىنى بەلگىلەش؛

4) كېڭەشنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە تۈرلۈك لايىھەلىرىنى قاراپ چىقىش؛

5) ئۇيۇشمىنىڭ مالىيە دوكلاتىنى قاراپ چىقىش؛

6) باشقا چوڭ ئىشلارنى قارار قىلىش.

16 ـ ماددا ئەزالار قۇرۇلتىيىنى ۋەكىللەرنىڭ  يېرىمىدىن كۆپرەكى قاتناشقان ئەھۋالدا ئېچىشقا بولىدۇ. يىغىن قارارى يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئاۋاز بىرىپ ماقۇللىسا كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

17 ـ ماددا ئەزالار قۇرۇلتىيى بەش يىلدا بىر ئېچىلىدۇ ، ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن نۆۋەت ئالماشتۇرۇش مۆھلىتىنى ئالدىغا سۈرۈشكە ياكى ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، كېڭەشنىڭ ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىشىدىن، كەسپى باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكۈزۈش شەرت، لېكىن ئۇزارتىش ۋاقتى ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

18 ـ ماددا كېڭەش  ئەزالار قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە ئاپپاراتى، قۇرۇلتاي يېپىق مەزگىلدە ئۇيۇشمىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ، ھەم ئەزالار قۇرۇلتىيىغا  مەسئول بولىدۇ.

19 ـ ماددا كېڭەشنىڭ خىزمەت ھوقۇقلىرى:

 (1) ئەزالار قۇرۇلتىيىنىڭ قارارىنى ئىجرا قىلىش؛

(2)ئۇيۇشما باشلىقى ، دائىمىي مۇئاۋىن ئۇيۇشما باشلىقى ، مۇئاۋىن ئۇيۇشما باشلىقى،  باش كاتىپ ، دائىمىي كېڭەش ئەزلىرىنى سايلاش ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش؛

(3) ئەزالار قۇرۇلتىيىنى ئېچىشقا تەييارلىق قىلىش؛

(4) ئەزالار قۇرۇلتىيىغا خىزمەت ۋە مالىيە ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش؛

(5) ئەزا قوبۇل قىلىش ۋە  رويخەتتىن ئۆچۈرۈشنى قارار قىلىش؛

(6) ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى، ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتى ۋە ئەمەلىي ئاپپارات تەسىس قىلىشنى قارار قىلىش؛

(7) ھەر قايسى ئاپپاراتلارنىڭ ئاساسلىق مەسئوللىرىنى تەكلىپ قىلىشنى قارار قىلىش؛

(8) ئۇيۇشمىدىكى ھەر قايسى ئاپپاراتلارنىڭ خىزمەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلىش؛

(9) ئىچكى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنى بېكىتىش؛

(10) باشقا ئىشلارنى قارار قىلىش.

20 ـ ماددا كېڭەش يىغىنىنى يېرىمدىن ئارتۇق كېڭەش ئەزاسى قاتناشقان ئەھۋالدا ئېچىشقا بولىدۇ، قارارى يىغىنغا قاتناشقان كېڭەش ئەزالىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئاۋاز بېرىپ ماقۇللىسا كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

21 ـ ماددا كېڭەش يىغىنى ئاز بولغاندا يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدۇ، ئالاھىدە ئەھۋالدا ئالاقىلىشىش شەكلىدە ئېچىشقا بولىدۇ.

22 ـ ماددا ئۇيۇشمىدا دائىمىي كېڭەش تەسىس قىلىنىدۇ. دائىمىي كېڭەشنى كېڭەش يىغىنى سايلاپ ۋوجۇتقا كەلتۈرىدۇ، كېڭەش يىغىنى يېپىق مەزگىلدە 19 ـ ماددىنىڭ 1-، 3-، 5-، 6-، 7-، 8-، 9 ـ تارمىقدىكى خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ ھەم كېڭەش يىغىنىغا مەسئول بولىدۇ (دائىمىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ سانى كېڭەش ئەزالىرى سانىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك).

23 ـ ماددا دائىمىي كېڭەش يىغىنىنى دائىمىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى قاتناشقان ئەھۋالدا ئېچىشقا بولىدۇ، قارارى يىغىنغا قاتناشقان دائىمىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئاۋاز بېرىپ ماقۇللىسا كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

24 ـ ماددا  دائىمىي كېڭەش يىغىنى ئاز بولغاندا يېرىم يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدۇ، ئالاھىدە ئەھۋالدا ئالاقىلىشىش شەكلىدە ئېچىشقا بولىدۇ.

25 ـ ماددا ئۇيۇشمىدا نازارەتچىلىك كومىتېتى تەسىس قىلىنىدۇ. نازارەتچىلىك كومىتېتىدا 1نەپەر باش نازارەتچى، 2نەپەر مۇئاۋىن باش نازارەتچى، بىر نەچچە نازارەتچى تەسىس قىلىنىدۇ ھەم ئەزالار قۇرۇلتىيىدا سايلىنىدۇ. نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق مەسئولىيىتى تۆۋەندىكىچە:

1) كېڭەش يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىش؛

2)  ئۇيۇشما خىزمىتىنىڭ قانۇن ـ نىزاملارغا رىئايە قىلىشىنى نازارەت قىلىش؛

3) ئەزالار قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيۇشمىنىڭ چوڭ قارارلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش؛

4) ئۇيۇشما راسخودىنىڭ بەلگىلىمە بويىچە چىقىم قىلىنىشىنى تەكشۈرۈش؛

5) ئۇيۇشما خىزمەتچىلىرىنىڭ خىزمىتىنى نازارەت قىلىش.

26 ـ ماددا ئۇيۇشما باشلىقى، باش نازارەتچى، دائىمىي مۇئاۋىن ئۇيۇشما باشلىقى، مۇئاۋىن باش نازارەتچى، مۇئاۋىن ئۇيۇشما باشلىقى، باش كاتىپلارنىڭ ھەر قارارلىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ. خىزمەت ئېھتىياجى بولسا يەنە بىر قارار ئۇزارتىشقا بولىدۇ. ئۇيۇشمىدا 1 نەپەر ئۇيۇشما باشلىقى (ئۇيغۇر)،  1 نەپەرباش نازارەتچى، 15 نەپەر دائىمىي مۇئاۋىن ئۇيۇشما باشلىقى،  20 نەپەر مۇئاۋىن ئۇيۇشما باشلىقى، 2 نەپەر مۇئاۋىن باش نازارەتچى،1 نەپەرباش كاتىپ، 2 نەپەر مۇئاۋىن باش كاتىپ تەسىس قىلىنىدۇ. خادىملاردا ئۆزگىرىش بولسا،  دائىمىي كېڭەش يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، كەسپى باشقۇرغۇچى ئورۇن تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندىن كېيىن ۋەزىپىگە تەيىنلەشكە بولىدۇ،   ئۇيۇشما باشلىقى ئۇيۇشمىنىڭ قانۇنى ۋەكىلىدۇر.

ئۇيۇشما باشلىقى، باش نازارەتچى، دائىمىي مۇئاۋىن ئۇيۇشما باشلىقى، مۇئاۋىن ئۇيۇشما باشلىقى، مۇئاۋىن باش نازارەتچى، باش كاتىپ تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى شەرت:

 (1) پارتىيەنىڭ لۇشىيەن، فاڭجىن، سىياسەتلىرىدە چىڭ تۇرۇش، سىياسىي ساپاسى ياخشى بولۇش؛

 (2) ئۇيۇشمىدا ئوبرازى ياخشى، ئىناۋىتى يۇقىرى، تەسىرى چوڭراق بولۇش؛

 (3) ئۇيۇشما باشلىقى، مۇئاۋىن ئۇيۇشما باشلىقى، باش كاتىپلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش يېشى 70 ياشتىن ئېشىپ كەتمىگەن بولۇش؛

 (4) تېنى ساغلام، نورمال خىزمەت قىلالايدىغان بولۇش؛

(5) سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنمىغان ياكى باشقا جىنايى جازاغا تارتىلمىغان بولۇش؛

27 ـ ماددا ئۇيۇشما باشلىقى تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ:

(1)كېڭەش يىغىنى ياكى دائىمىي كېڭەش يىغىنىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىش؛

(2) ئەزالار قۇرۇلتىيى، كېڭەش يىغىنى ياكى دائىمىي كېڭەش يىغىنى قارارلىرىنىڭ ئەمىلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش؛

(3) ئۇيۇشمىغا ۋاكالىتەن مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ھۆججەتلەرنى ئىمزالاش، مۇھىم پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش؛

(4) ھەرقايسى ئىش بىجىرىش ئاپپاراتلىرى، ۋاكالەتچى ئاپپاراتلار ۋە ئەمەلىي گەۋدە ئاپپاراتلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنى كۆرسىتىپ، دائىمىي كېڭەش يىغىنىنىڭ قارار قىلىشىغا سۇنۇش؛

(5) دائىمىي مۇئاۋىن ئۇيۇشما باشلىقى ئۇيۇشما باشلىقىنىڭ خىزمىتىگە ياردەملىشىدۇ ھەم تەقسىم قىلىنغان خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.

28 ـ ماددا  ئۇيۇشما باش كاتىپى تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ:

1) ئىش بىجىرگۈچى ئاپپاراتلارنىڭ دائىملىق خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىش، يىللىق خىزمەت پىلانىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش؛

2) ئەمەلىي گەۋدە ئاپپاراتلارنىڭ خىزمەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇش؛

3) ئىش بېجىرگۈچى ئاپپاراتلارغا مەخسۇس ۋەزىپىدىكى خادىملارنى تەكلىپ قىلىشنى قارار قىلىش؛

4) باشقا دائىملىق ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش.

بەشىنچى باب  مۈلۈك باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش پرىنسىپى

29 ـ ماددا ئۇيۇشمىنىڭ راسخوت مەنبەسى:

1) ئەزالىق بەدىلى؛

2) ئىئانە؛

3) ھۆكۈمەت ياردىمى؛

4) ئۆسۈم؛

5) بەلگىلەنگەن كەسپ دائىرىسىدە قانات يايدۇرۇلغان پائالىيەت ياكى مۇلازىمەتتىن كىرگەن كىرىم؛

6) باشقا قانۇنلۇق كىرىملەر.

30 ـ ماددا ئۇيۇشما دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن ئەزالىق بەدىلى يىغىدۇ.

31 ـ ماددا ئۇيۇشمىنىڭ راسخوتىنى نىزامنامىدە بەلگىلەنگەن كەسپ دائىرسىگە ۋە  ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئىشلىتىش شەرت، ئەزالار بۆلۈشىۋېلىشقا بولمايدۇ.

32 ـ ماددا ئۇيۇشما قاتتىق مالىيە باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىپ، بوغالتىرلىق ماتېرىياللىرىنىڭ قانۇنلۇق، راست، توغرا ۋە مۇكەممەل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

33 ـ ماددا ئۇيۇشمىغا كەسپى سالاھىيەت ھازىرلىغان بوغالتىر سەپلىنىدۇ. بوغالتىر كاسسىرلىق خىزمىتىنى قۇشۇمچە ئۆتىمەيدۇ، بوغالتىر بوغالتىرلىق ھېساباتى قىلىشى، بوغالتىرلىقنى نازارەت قىلىشى كېرەك، بوغالتىرنىڭ خىزمىتىدە ئۆزگىرىش بولسا ياكى خىزمەتتىن ئايرىلسا، خىزمىتىنى ئۆتكۈزۈۋالغۇچىغا تاپشۇرۇش ـ تاپشۇرۇۋېلىش  رەسمىيىتىنى ئۆتىشى شەرت.

34 ـ ماددا ئۇيۇشمىنىڭ مۈلكى دۆلەت بەلگىلىگەن مالىيە باشقۇرۇش تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇلۇدۇ،  ئەزالار قۇرۇلتىيى ۋە مالىيە تارماقلىرىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ. دۆلەت ئاجراتقان ياكى جەمئىيەت ئىئانە قىلغان،  ياردەم قىلغان مۈلۈك  ئىقتىسادىي تەپتىش تارمىقىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىدۇ ھەم مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ئەزالارغا ئېلان قىلىنىدۇ.

35 ـ ماددا ئۇيۇشما نۆۋەت ئالمىشىش ياكى قانۇنى ۋەكىلنى ئالماشتۇرۇشتىن بۇرۇن،تەرتىپ بويىچە كەسپى باشقۇرغۇچى ئورۇننىڭ مالىيەنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشىنى قوبۇل قىلىدۇ.

36 ـ ماددا ئۇيۇشمىنىڭ مۈلكىنى ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخىسنىڭ ئىگىلىۋېلىشىغا، بۆلۈشىۋېلىشىغا ياكى يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىشىغا بولمايدۇ.

ئالتىنچى باب  نىزامنامىنى تۈزىتىش تەرتىپى

37 ـ ماددا نىزامنامىنى تۈزىتىشنى كېڭەش يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىغاندىن كېيىن، ئەزالار قۇرۇلتىيىنىڭ قاراپ چىقىشپ ماقۇللىشىغا سۇنۇلۇدۇ.

38 ـ ماددا  ئۇيۇشما نىزامنامىسى تۈزىتىلگەندىن كېيىن ئەزالار قۇرۇلتىيىدا ماقۇللىنىپ، 15 كۈن ئىچىدە كەسپى باشقۇرغۇچى تارماقنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

يەتتىنچى باب  ئۇيۇشمىنىڭ ئاياقلىشىش تەرتىپى ۋە ئاياقلاشقاندىن

 كېيىنكى مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىش

39 ـ ماددا ئۇيۇشما ئاساسىي مەقسىتىنى ئاياقلاشتۇرۇش ياكى ئۆزلۈكىدىن تارقىلىپ كېتىش ياكى بۆلۈنۈش، قوشۇۋېتىلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى رويخەتتىن ئۆچۈرۈلمەكچى بولسا،  دائىمىي كېڭەش ئاياقلاشتۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىدۇ.

40 ـ ماددا ئۇيۇشمىنىڭ ئاياقلاشتۇرۇش تەكلىپى ئەزالار قۇرۇلتىيىدا ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىنىشى شەرت.

41 ـ ماددا ئۇيۇشمىنى ئاياقلاشتۇرۇشتىن بۇرۇن، ھىسابات ئېنىقلاش گورۇپپىسى قۇرۇپ  ، قەرزدارلىق، ھەقدارلىق ۋە كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك، ھېساباتنى ئېنىقلاۋاتقانداھېسابات سىرتىدىكى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا بولمايدۇ.

42 ـ ماددا ئويۇشما كەسپى باشقۇرغۇچى تارماق تەستىقلىغان ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگان رويخەتتىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتى بېجىرگەندىن كېيىن  ئەمەلدىن قالىدۇ.

43 ـ ماددا ئۇيۇشما ئەمەلدىن قالغاندىن كېيىن ئاشقان مۈلۈك كەسپى باشقۇرغۇچى ئورۇننىڭ نازارەتچىلىكىدە، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئۇيۇشمىنىڭ ئاساسىي مەقسىتىگە مۇناسىبەتلىك ئىشلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.

سەككىزىنچى  باب قوشۇمچە پرىنسىپ

44 ـ ماددا بۇ نىزامنامە 2012 ـ يىل 6 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى ئەزالار قۇرۇلتىيىدا ماقۇللاندى.

45 ـ ماددا نىزامنامىنى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى ئۇيۇشما كېڭىشىگە مەنسۈپ.

46 ـ ماددا نىزامنامە ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماق تەستىقلىغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

باشبەت ئۇيۇشما ھەققىدە مەسلىھەت ئالاقىلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ
مەزكۇر تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : 新疆维吾尔自治区民贸商会 گە تەۋە
شىركەت ئادرىسى : ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 544-نومۇر رۈيدا Aبىنار 12-قەۋەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مىللىي سودائۇيۇشمىسى
تېلفون : 8532089،2803532، 8522310 -0991 فاكىس : 0991-8532089,微信平台:xjuyuxma ئېلخەت ئادىرىسى : 1355084672@qq.com 
تور بىكەت ئادرىسى : www.uyuxma.com بېيئەن ICP نومۇرى : 新ICP备13001466号-1