ساقلىۋىلىڭ باشبەت قىلىڭ 中文 ئۇيغۇرچە
ئەزا كارخانىلار
  قاراماي شەھەر مايتاغ مەخسۇت سودا چەكلىك 
  ئەرقال كاپىتالى
  ھەدىيە كۆز كىسەللىك دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ لوڭبو مەبلەغ سىلىش شىركىتى
  ئۈرۈمچى قۇتيار پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چە
  شىنجاڭ ئىپار بىيو - تېخنىكا تەرەققىيات چ
  شىنجاڭ بۇغدا دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ ئامىنە ئالاھىدە يېزائىگىلىك يۇقۇر
  ئۇيۇشمىغا ئەزا بىر قىسىم  كارخانىلار تېز
تەمىنلەش ئۇچۇرى
  يۇقىرىقى تاغدىكى قار تېيى
  10 - ئاينىڭ31- كۈنى 
  شىنجاڭ قەرز سوممىسى تۇنجى قېتىم تىرلىيون
  جۇڭگو مۇلازىمەت داڭلىق ماركا يېغىنى مۇلا
  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇنجى با
ئېھتىياج ئۇچۇرى
 
  رەھبەر سۆزى

 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

ــــــــــــــــــــــــ  رادىل ئـابلا

 

ھۆرمەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى شەۋكەت ئىمىن، رەھبەرلەر، مېھمانلار، ئاخبارات ساھەسىكى دوستلار:

بۆگۈن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئومۇمىي مۆلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى مىللىي سودا ساھەسىدىن كەلگەن ھەر مىللەت قېرىنداشلار بۇ يەرگە جەم بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنىنى ئېچىۋاتىمىز، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىدىكى يەنە بىر زور خوشاللىق ئىش. مەن ئەمدىلا قۇرۇلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىغا ۋاكالىتەن، ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ يىغىنىمىزغا قەدەم تەشرىپ قىلغان شەۋكەت ئىمىن چاڭۋېي، ھەرقايسى رەھبەرلەر، ئالاقىدار تارماقلار، قېرىنداش سودا ئۇيۇشمىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى،مۇخبىرلار ۋە دوستلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن ھەم ئۇلارغا سەمىمىي مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن!

2010-يىلى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغان، 19 قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرنىڭ ساھەلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى قاناتيايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ زېمىنىدا ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز خۇشاللىق ئىشلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى 2012-يىلىنى خەلق تۇرۇمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى قىلىپ بېكىتتى، تۇنجى نۆۋەتلىك ئاسىيا-ياۋرۇپا يەرمەنكىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 8-نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئېچىلدى. بۇلار بىزنى تولىمۇ  تەسىرلەندۈردى ۋە ھاياجانلاندۇردى. بۇ مەزگىلدە بىز يالغۇز قېرىنداش ئۆلكە،شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە ياردەم بىرىشىگە ئېرىشىپ قالماي،

 ئەڭ مۇھىمى ساقلاپ تۇرماي، تايىنىۋالماي،«ۋەتەننى-شىنجاڭنى سۆيۈش،ئىتتىپاقلىشىپ تۆھپە قوشۇش، ئىشچان بولۇش، ئۆز-ئارا يادەملىشىش،ئېچىۋېتىش-ئالغا ئىلگىرلەش »تىن ئىبارەت شىنجاڭ روھنى شەكىللدۈردۇق، شىنجاڭدىكى مىللىي كارخانىلارنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى يەنىمۇ تونۇپ يەتتۇق. ياردەم بىرىش مۇھىم، لىكىن ئەڭ مۇھىمى ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىشىمىز كېرەك.ئۆز كۈچىگە تايانغاندا چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ.بىز مىللىي كارخانىچىلاردا بازاردا رىقابەتلىشىش ئېڭى، دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماسلىشالايدىغان ئىددىيۋىي تونۇش ۋە بىر قەدەر يۇقىرى ئىگىلىك باشقۇرۇش سەۋىيەسى بولغاندا،ئاندىن شىنجاڭنىڭ ھالقما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشىلىك تۆھپە قوشالايمىز.

بۇنىڭ ئۈچۈن، بىز ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوم جاڭ چۈنشيەن شۇجى ۋە مۇناسىبەتلىك رەھبەرلەرنىڭ سەمىمىي غەمخۇرلىقى ۋە قوللىشى ئاستىدا، ئاپتونوم رايوندىكى مۇناسىبەتلىك تارماقلارنىڭ كەسپىي يىتەكچىلىكىدە،جۈرئەت قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتەك ئىجاتچانلىق  روھىمىزنى جارىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنى قۇرۇش تەكلىۋىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، بۈگۈن بىز ئۇزاقتىن بۇيان كۈتكەن ئارزۇيىمىزغا ئاخىرى يەتتۇق.

ئۆتكەن يىلى 11-نويابىر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئېچىپ، سودا-سانائەت بىرلەشمىسىنىڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، ئومۇمىي مۆلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنى كۆلەملەشتۈرۈش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش مەسىلىسىنى مەخسۇس مۇزاكىرە قىلدى. يىغىندا، ئومۇمىي مۆلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم كۈچ، شىنجاڭنىڭ ئىلمىي ھالقىش، ئالدىنقىلارغا يېتىشىۋېلىش ۋە «خەلقنى بېيىتىش» نىشانىغا يېتىشىدىكى مۇھىم ھالقا، دەپ قارالدى ھەم «تۆت بۆسۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش، يەنى، مۇلازىمەتنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي مۆلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە؛ ئىدىيىۋى سىياسىي تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساسلىقلارنى ساغلام يېتىلىشكە يېتەكلەشتە؛ باشقۇرغۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقى ئادا قىلىپ، ساھە ئۇيۇشمىلىرى، سودا ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە؛ ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەت باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىشتا بەلگىلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى.  شۆبھىسىزكى، بۇ ئەمدىلا قۇرۇلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ كەسپىي خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى ئۈچۈن يېقىلغان يېشىل چىراق، قىممەتلىك پۇرسەت. مەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى:

بىرىنچى، جۇڭگوچە سوتسيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، سوتسيالىزم تۈزۈمىدە، مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق كۈرەش قىلىش نىشانىدا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىپ چېگرا رايوننى مۇستەھكەملەش ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرىگە ئاكتىپ ئىشتراك قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى باشتىن-ئاخىرى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى، مىللىي كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يۈكسەلدۈرۈشنى باشتىن-ئاخىرى مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى خىزمىتىنىڭ مەقسىتى ۋە مەۋقەسى قىلىمىز.

ئىككىنچى، شىنجاڭ روھىنى جارىي قىلدۇرۇپ،جان-دىلىمىز بىلەن شىنجاڭنىڭ مىللىي كارخانىلىرى ئۈچۈن  مۇلازىمەت قىلىمىز، ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، مىللىي كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايمىز، ئۇلارنى قانۇنلۇق تىجارەت قىلىپ، نورمال بازار تەرتىپىنى ئاڭلىق قوغداشقا، ياخشى ئوبراز تىكلەشكە يېتەكلەيمىز، مىللىي كارخانىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال كوللېكتىپ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ، مۇناسىۋەتنى ماسلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ھىمايە قىلىدىغان، جۇڭگوچە سوتسيالىزم يولىدا ماڭىدىغان قوشۇن بەرپا قىلىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.

ئۈچىنچى، نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىپ، كەڭ دائىرىدە ئەزا قوبۇل قىلىمىز، ئوخشاشلىق ئىچىدە پەرققە ھۆرمەت قىلىمىز، پائال شارائىت ھازىرلاپ تۈرلۈك ئىچكى-تاشقى يەرمەنكە، كۆرگەزمىلەرنى تەشكىللەيمىز، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى سودا-سانائەت ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى، كارخانىلىرى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەزا كارخانىلارنىڭ شۆھرىتىنى ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز مىللىي ئىلگىلىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورۇيىشىغا تۈرتكە بولىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى كەڭ تەرەققىي قىلىش،كەڭ گۈللىنىش شارائىتىدا قۇرۇلدى. گەرچە قاتمۇ-قات قىيىنچىلىقلارغا دۈچ كېلىۋاتقان  بولساقمۇ، لېكىن بىز بۇ زور ۋە يېپ-يېڭى قوشۇننى باشلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى،غەمخورلۇق قىلىشى ۋە يېتەكلىشى ئاستىدا، ئەزا كارخانىلار ۋە ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرلەپ، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەتلىك بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىللە شىنجاڭنى قۇرۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.

كۆپچىلىككە رەھمەت.

 

باشبەت ئۇيۇشما ھەققىدە مەسلىھەت ئالاقىلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ
مەزكۇر تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : 新疆维吾尔自治区民贸商会 گە تەۋە
شىركەت ئادرىسى : ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 544-نومۇر رۈيدا Aبىنار 12-قەۋەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مىللىي سودائۇيۇشمىسى
تېلفون : 8532089،2803532، 8522310 -0991 فاكىس : 0991-8532089,微信平台:xjuyuxma ئېلخەت ئادىرىسى : 1355084672@qq.com 
تور بىكەت ئادرىسى : www.uyuxma.com بېيئەن ICP نومۇرى : 新ICP备13001466号-1