ساقلىۋىلىڭ باشبەت قىلىڭ 中文 ئۇيغۇرچە
ئەزا كارخانىلار
  قاراماي شەھەر مايتاغ مەخسۇت سودا چەكلىك 
  ئەرقال كاپىتالى
  ھەدىيە كۆز كىسەللىك دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ لوڭبو مەبلەغ سىلىش شىركىتى
  ئۈرۈمچى قۇتيار پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چە
  شىنجاڭ ئىپار بىيو - تېخنىكا تەرەققىيات چ
  شىنجاڭ بۇغدا دوختۇرخانىسى
  شىنجاڭ ئامىنە ئالاھىدە يېزائىگىلىك يۇقۇر
  ئۇيۇشمىغا ئەزا بىر قىسىم  كارخانىلار تېز
تەمىنلەش ئۇچۇرى
  يۇقىرىقى تاغدىكى قار تېيى
  10 - ئاينىڭ31- كۈنى 
  شىنجاڭ قەرز سوممىسى تۇنجى قېتىم تىرلىيون
  جۇڭگو مۇلازىمەت داڭلىق ماركا يېغىنى مۇلا
  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇنجى با
ئېھتىياج ئۇچۇرى
 
  سودا ئۇيۇشمىسى ھەققىدە

 

شىنجاڭ مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەھۋالى

جياڭ چۈنشىيەن شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلىقى ۋە زىغبەتلەندۈرشى ،  ئاپتۇنوم رايۇنلۇق پارتىكوم خەلق ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە سەمىمىي غەمخورلىقى ،  ئاپتونۇم رايونلۇق سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن 2012 – يىلى 6 – ئاينىڭ 12 – كۈنى  قۇياش پارلاپ تۇرغان خەيىرلىك بىر كۈندە كارخانچىلار ئوزۇندىن بېرى تەققەزارلىق بىلەن كۈتكەن  شىنجاڭ مىللىي كارخانچىلار سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرۇلۇش چوڭ يىغىنى شىنجاڭ كوئىلۇن مىھمانخانىسىدا مۇۋاپىقىيەتلىق ئېچىلدى.  ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ، قازاق مۇڭغۇل قاتارلىق ھەر قايسى مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقان  شىنجاڭدىكى يەرلىك كارخانچىلاردىن 170 تىن ئارتۇق كىشى جەم بولۇپ بۇ قۇتلۇق يىغىنغا ئىشتىراك قىلدى. جاڭ چۈنشەن شۇجى ئالدىراشچىلىقتىن ۋاقىت چىقىرىپ  شىنجاڭ مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى ئۈچۈن " مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرالايدۇ" دەپ مۇھىم بېغىشلىما يېزىپ بەردى.  بىز بۇنىڭدىن ئىلھاملاندۇق ۋە ئىشەنچكە تولدۇق. 

 ئاپتونوم رايۇنلۇق پارتىكومنىڭ دائىمى ھەيئىتى شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا قاتنىشىپ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇنىڭ سۆزى گۈلدۇراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە يىغىن كەيپىياتىنى تېخىمۇ يوقۇرى پەللىگە كۈتەردى.

 ھازىر مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىدا 180 دىن كۆپرەك ئەزا ئورۇن بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە ئويۇشما باشلىقى 1 نەپەر، باش نازارەتچى بىر نەپەر، دائىمى مۇئاۋىن ئۇيۇشما باشلىقى 14 نەپەر، مۇئاۋېن ئۇيۇشما باشلىقى 15 نەپەر، دائىمى ئەزالار 7 نەپەر ، ئەزالار 142 نەپەر بولۇپ  ئۆي – مۈلۈك، يىمەك ئىچمەك، سودا ، دوختۇرخانا ، دورىگەرلىك، مەدەنىيەت قاتارلىق 10 نەچچە كەسىپكە چېتىلىدۇ.

1.      مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ خاراكتىرى :  شىنجاڭلىىقلار شىنجاڭدا مەبلەغ سېلىپ قۇرغان سودا سانائەت كارخانىسى، شىركەت ئىقتىسادى تەشكىلات، ئۆزلۈكىدىن تەشكىللەنگەن مۇستەقىل قانۇنىي ئىگە سالاھىتىگە ئىگە  ئىجتىمائىي تەشكىلات.

2.      مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ نىشانى :

جۇڭگۇچە سوتسىيالىزىم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۈتۈرۈپ دىڭشىاۋپىڭ نەزەرىيىسى، ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيىسىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ، ئىلمىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى ئىزچىل ئەمەلىلەشتۈرۈپ جۇڭگۇ كومپارتىيسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، سوتسىيالىستىك تۈزۈمدە، مىللىي رايۇن ۋە ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە، ھەر مىللەت خەلقى  ئىناق ئىتتىپاق بولۇپ ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرۇپ ، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىپ شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، خەلىقنى باي قىلىش ستىراتىگىيىسىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش.   پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق مىللىي سودا سەھەسىگە مۇلازىمەت قىلىش. ھۆكۈمەت بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ ، مىللىي كارخانىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق مەنپەتىنى قوغداش، مىللىي كارخانلارنى قانۇنغا رىئايە قىلغان ئاساستا  تىجارەت قىلىشقا يىتەكلەش. ئاڭلىق ھالدا نورمال بازار ۋە ئىقتىسادى تەرتىپنى قوغداپ، ياخشى ئوبراز تىكلەش.  كوللىكتىپنىڭ ھەمكارلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ مىللىي كارخانىلارنى ساغلام تەرتىپلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش.

3.      مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ كەسىپ دائىرىسى

(1)   پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ لۇشىيەن فاڭجىن سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش.  ئەزالارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ، ياردەم بېرىپ، يىتەكلەپ، ئۇلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك، كەسىپنى سۆيۈش، سەمىمىيلىك، قانۇنغا رىئايە قىلىش، بېغىشلاش تەربىيىسى بېرىپ ، ئەزالارنىڭ ساپاسىنى يوقۇرى كۈتۈرۈپ. كارخانا ئوبرازىنى يارتىش. 

(2)    ئەزالار ئۈچۈن ئاكتىپ مۇلازىمەت قىلىپ، مىللىي كارخانىلارنىڭ تىجارەت پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئەزالارنى قانۇن بويىچە تىجارەت قىلىشقا ، قانۇن بويىچە باج تاپشۇرۇش، بازار ئېچىش، ئادىل تەرتىپلىك رىقابەتلىشكە يىتەكلەش.

(3)   ئەزالارنى ئۇچۇر، تېخنىكا، باشقۇرۇش، قانۇن، بۇغالتىرلىق، مەبلەغ، بازار ئېچىش قاتارلىق تۈرلەردە مەسلىھەتچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ھەر خىل تەربىيىلەش، سودا سۆھبىتى، تېخنىكا ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئويۇشتۇرپ ئەزالار ئارىسىدا بايلىقلارنى    بىرىكتۈرۈپ  ئورتاق پايدىلنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش.

(4)   ئەزالارنى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى نامايەن قىلىىش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىگە قىزغىن قاتنىشىش جەھەتلەردىن يىتەكلەش.

 ( 5) يەرلىك  ھۆكۈمەت ، ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن ئالاقىنى ساقلاپ  ئەزالارنىڭ پىكىر، تەكلىپ ۋە تەلەپلىرىنى ئىنكاس قىلىپ  ئەزالارنىڭ يوللۇق تىجارەتلىرىنى ،  قانۇنلۇق مەنپەتىنى قوغدايدۇ.

 6. ھۆكۈمەت ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن سودا ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ،  ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ يىتەكچىلىك قىلىشى، ياردەم بېرىشى، قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ ، ئەزا كارخانىلارنىڭ سودا ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادى، تېخنىكاجەھەتلەردىن ھەمكارلىشىپ، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

7. دوسلۇق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئەزالارنىڭ ئېكىسكۇرسىيە قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ساياھەت، چاي سۆھبەت، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش، تەنتەربىيە قاتارلىق ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ  ئەزالار ئارا دوستلۇقنى كۈچەيتىمىز.  

8. ھەر خىل يوللار بىلەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئەلئارا سودا ئۇيۇشمىلىرى، كارخانانىلار بىلەن  كەڭ ئالاقىلىشىپ مۇۋاپىق پۇرسەتتە ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش، زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ، تاشقى ئالاقە يوللىرىنى كېڭەيتىپ ، مەبلەغ جەلىپ قىلىش، تۈر ، تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلەردە ئەزالارنى يىتەكلەپ كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايمىز.

باشبەت ئۇيۇشما ھەققىدە مەسلىھەت ئالاقىلىشىڭ سۆز قالدۇرۇڭ
مەزكۇر تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : 新疆维吾尔自治区民贸商会 گە تەۋە
شىركەت ئادرىسى : ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 544-نومۇر رۈيدا Aبىنار 12-قەۋەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مىللىي سودائۇيۇشمىسى
تېلفون : 8532089،2803532، 8522310 -0991 فاكىس : 0991-8532089,微信平台:xjuyuxma ئېلخەت ئادىرىسى : 1355084672@qq.com 
تور بىكەت ئادرىسى : www.uyuxma.com بېيئەن ICP نومۇرى : 新ICP备13001466号-1